ئابىمالىك ۋە شەكەمنىڭ خەلقى
9
1 يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەمدىكى ئۆز ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار ۋە چوڭ دادىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتىگە: 2 «سىلەر شەكەمنىڭ ھەممە ئادەملىرىگە: ‹سىلەر ئۈچۈن يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى بولغان يەتمىش كىشىنىڭ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ياخشىمۇ ياكى بىر ئادەمنىڭ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ياخشىمۇ؟ مېنىڭ سىلەر بىلەن بىر ئەت بىر ئۇستىخان ئىكەنلىكىم يادىڭلاردا بولسۇن› دېگەن گېپىمنى يەتكۈزۈڭلار» دېدى. 3 ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى شەكەمنىڭ ئادەملىرىنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئابىمەلەككە مايىل بولۇپ: «ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئەمەسمۇ؟» دېيىشىپ، 4 بائال-بېرىتنىڭ بۇتخانىسىدىن يەتمىش كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. بۇ پۇل بىلەن ئابىمەلەك بىر مۇنچە بىكار لۈكچەكلەرنى ياللىۋېلىپ، ئۇلارغا باشلىق بولدى. 5 ئۇ ئوفراغا ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرى، يەنى يەرۇببائالنىڭ يەتمىش ئوغلىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەچەتلا يەرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتام يوشۇرۇنۇۋالغاچقا، قۇتۇلۇپ قالدى. 6 ئاندىن شەكەمنىڭ ۋە بەيت-مىللونىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ بېرىپ، ئابىمەلەكنى شەكەمدە تۇرغۇزۇلغان دۇب تۈۋرۈكىنىڭ يېنىدا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
7 بۇ خەۋەر يوتامغا يەتكەندە ئۇ بېرىپ، گەرىزىم تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ياڭراق ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
«ئەي شەكەم پۇقرالىرى، مېنىڭ سۆزۈمنى تىڭشاڭلاركى، خۇدامۇ سىلەرنى تىڭشىغاي.
8 كۈنلەرنىڭ بىرىدە دەرەخلەر بىر دەرەھنى مەسىھلەپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولۇشۇپ زەيتۇن دەرىخىگە: ‹بىزگە پادىشاھ بولغىن› دەپتۇ. 9 زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا: ‹مەن خۇدا ۋە ئادەملەرنىڭ مېنى داڭلىشىغا سەۋەب بولغان يېغىمنى تاشلاپ كېتىپ، دەرەخلەر ئۈستىدە پۇلاڭلاپ تۇرايمۇ؟› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
10 بۇنى ئاڭلاپ دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىگە: ‹سەن كېلىپ، بىزگە پادىشاھ بولغىن› دېيىشىپتۇ. 11 لېكىن ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا: ‹مەن ئۆز شىرنەم ۋە ياخشى مېۋەمنى تاشلاپ كېتىپ، دەرەخلەر ئۈستىدە پۇلاڭلاپ تۇرايمۇ؟› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
12 شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم تېلىغا: ‹سەن كېلىپ، بىزگە پادىشاھ بولغىن› دېيىشىپتۇ. 13 ئۈزۈم تېلى ئۇلارغا: ‹مەن خۇدا ۋە ئادەملەرنى خۇش قىلىدىغان شەربىتىمنى تاشلىۋېتىپ، دەرەخلەر ئۈستىدە پۇلاڭلاپ تۇرايمۇ؟› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
14 ئاندىن ھەممە دەرەخلەر ئازغانغا: ‹سەن كېلىپ، بىزگە پادىشاھ بولغىن› دەپتۇ. 15 ئازغان ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر مېنى ئۆزۈڭلارغا راستتىنلا پادىشاھ قىلىشنى خالىساڭلار، كېلىپ، مېنىڭ سايەمنىڭ ئاستىغا يىغىلىڭلار. بولمىسا ئازغاندىن بىر ئوت چىقىپ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى يۇتۇۋېتىدۇ› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
16 ئەمدى گەپ شۇكى، سىلەر ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغىنىڭلار بىلەن دۇرۇس نىيەت بىلەن ھەق ئىش قىلىپ، يەرۇببائال ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىلتىپاتىنى قايتۇردۇڭلارمۇ؟ 17 ئاتام سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئۆز جېنىنى خەتەرگە ئېتىپ، سىلەرنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ئەمەسمۇ؟ 18 ئەمما بۈگۈن سىلەر ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولغان يەتمىش كىشىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى تۇغقىنىڭلار بولغىنى ئۈچۈن شەكەم خەلقىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭلار. 19 ئەمدى ئەگەر سىلەر بۈگۈن يەرۇببائال ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە دۇرۇس نىيەت بىلەن ھەق ئىش قىلغان بولساڭلار، سىلەر ئابىمەلەكتىن خۇش بولۇڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن خۇش بولسۇن. 20 ئەمما ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئابىمەلەكتىن بىر ئوت چىقىپ، شەكەم ۋە بەيت-مىللونىڭ ئادەملىرى يەپ كەتسۇن ۋە شەكەمنىڭ ۋە بەيت-مىللونىڭ ئادەملىرىدىن بىر ئوت چىقىپ، ئابىمەلەكنى يەپ كەتسۇن».
21 ئاندىن يوتام يۈگۈرۈپ قېچىپ، بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ، قېرىندىشى ئابىمەلەكتىن قورققاچقا، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
22 ئابىمەلەك ئىسرائىلغا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، 23 خۇدا ئابىمەلەك بىلەن شەكەمنىڭ پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىغا بىر يامان روھ ئەۋەتكەچكە، شەكەمنىڭ پۇقرالىرى ئابىمەلەككە ئاسىيلىق قىلىشقا باشلىدى. 24 بۇ ئىش ئۇنىڭ يەرۇببائالنىڭ يەتمىش ئوغلىغا قىلغان زۇلۇمىنى ئۆز بېشىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرگەن ئابىمەلەكتىن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىشكەن شەكەم خەلقىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن بولدى. 25 شەكەم خەلقى تاغ چوققىلىرىدا ئۇنىڭغا قاپقان قۇرۇپ، شۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ ئىش ئابىمەلەككە يەتكۈزۈلدى. 26 ئېبەدنىڭ ئوغلى گائال ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن شەكەمگە كەلگىنىدە، شەكەمنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلىدى. ■ 27 ئۇلار ئېتىزلىققا چىقىشىپ، ئۈزۈمزارلىقلىرىنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ، ئېزىپ شاراب ياساپ، زىياپەت بېرىپ، ئۆز ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ يەپ-ئىچىشىپ، ئابىمەلەككە لەنەت ئوقۇشتى. 28 ئېبەدنىڭ ئوغلى گائال ئۇلارغا: «ئابىمەلەك دېگەن كىم، شەكەم كىم؟ بىز ئۇنىڭغا نېمىشقا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟ ئۇ يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ، زېبۇل ئۇنىڭ ئەمەلدارى ئەمەسمۇ؟ شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئادەملىرىگە خىزمەت قىلىڭلار. نېمىشقا ئابىمەلەككە خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟ 29 كاشكى بۇ خەلق مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا ئىدى! شۇنداق بولسا، مەن ئابىمەلەكنى قوغلىۋېتەتتىم. مەن ئۇنىڭغا: ‹قوشۇنۇڭنى كۆپەيتىپ، مەيدانغا چىق› دېگەن بولاتتىم.
30 لېكىن شەھەر باشلىقى زېبۇل، ئېبەدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىدا ئاچچىقى كېلىپ، 31 ئابىمەلەككە مەخپىي ھالدا خەۋەرچىلەر ئەۋەتىپ: «مانا، ئېبەدنىڭ ئوغلى گائال ۋە قېرىنداشلىرى شەكەمگە كېلىپ، شەھەرنى ساڭا قارشى قوزغاۋاتىدۇ. 32 شۇڭا سەن ئادەملىرىڭنى ئېلىپ، كېچىسى دالاغا بېرىپ بۆكتۈرمىدە ياتقىن. 33 ئەتىسى كۈن چىققان ھامان شەھەرگە ھۇجۇم قىلغىن. گائال ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ساڭا قارشى چىققىنىدا، ئۇنىڭغا قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىلغىن» دېدى. 34 شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ھەممە ئادەملىرىنى ئېلىپ، كېچىسى چىقىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ شەكەمگە قارشى بۆكتۈرمىدە ياتتى.
35 ئېبەدنىڭ ئوغلى گائال سىرتقا چىقىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۆرە تۇرغاندا، ئابىمەلەك ئۆز ئادەملىرى بىلەن مۆكۈپ ياتقان جايىدىن قوپۇپ چىقتى. 36 گائال ئۇلارنى كۆرگەندە زېبۇلغا قاراپ: «مانا، تاغ چوققىلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ» دېدى. لېكىن زېبۇل ئۇنىڭغا: «تاغلارنىڭ سايىسى ساڭا ئادەمدەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ» دېدى. 37 گائال يەنە ئۇنىڭغا: «مانا قارا، كىشىلەر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر توپ ئادەم ‹پالچىلارنىڭ دۇب دەرىخى› يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ» دېدى. 38 ئاندىن زېبۇل ئۇنىڭغا: «ئەمدى سېنىڭ يوغان گەپ قىلغان ئاغزىڭ قېنى؟ سەن: ‹ئابىمەلەك كىمكى، بىز ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەك؟› دېمىدىڭمۇ؟ بۇلار سەن مەنسىتمىگەن ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغىن» دېدى. 39 شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەمنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ئابىمەلەك بىلەن ئۇرۇش قىلدى. 40 لېكىن ئابىمەلەك ئۇنى مەغلۇپ قىلغاندا گائال ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ يەتكۈچە نۇرغۇن ئادەملىرى ئەجەللىك يارىلىنىپ يەرگە يىقىلدى.
41 ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك ئارۇمادا تۇرۇپ قالدى. زېبۇل بولسا گائال ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى شەكەمدە تۇرۇشىغا يول قويماي، ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.
42 ئەتىسى شەكەملىكلەرنىڭ دالاغا چىققانلىقى خەۋىرى ئابىمەلەككە يەتكەندە، 43 ئۇ ئادەملىرىنى ئېلىپ، ئۈچ توپقا بۆلۈپ، دالادا بۆكتۈرمىدە تۇردى. ئۇ خەلقنىڭ شەھەردىن چىققىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 44 ئابىمەلەك يېنىدىكى قىسىم بىلەن تېزلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ، ئۇ يەردە تۇردى، لېكىن قالغان ئىككى قىسىم دالادىكى بارلىق كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 45 بۇ تەرىقىدە ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېلىپ، ئۇ يەردىكى خەلقنى ئۆلتۈردى. ئۇ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۈستىگە تۇز چېچىۋەتتى.
46 مىگدال-شەكەمنىڭ خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندا، ھەممىسى ئەل-بېرىت بۇتخانىسىنىڭ قەلئەسىگە كىرىۋالدى. ■ 47 «مىگدال-شەكەمدىكىلەر ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلىپتۇ» دېگەن خەۋەر ئابىمەلەككە يەتكەندە، 48 ئابىمەلەك ئادەملىرىنى ئېلىپ، زالمون تېغىغا چىقتى. ئاندىن ئابىمەلەك بىر پالتىنى ئېلىپ، ئۆز قولى بىلەن دەرەختىن بىر شاخنى كېسىۋېلىپ مۈرىسىگە ئارتىپ، ئۆزى بىلەن بىللە بولغان خەلققە قاراپ: «تېز بولۇڭلار، مېنىڭ نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار، سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار» دېدى. 49 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەربىرى ئابىمەلەكتەك بىردىن شاخنى كېسىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، شاخلارنى قەلئەگە دۆۋىلەپ، ئۇنىڭغا ئوت قويدى. بۇنىڭ بىلەن مىگدال-شەكەمنىڭ پۈتۈن خەلقى كۆيۈپ، بىرەر مىڭچە ئەر-ئايال ئۆلۈپ كەتتى.
50 ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك تەبەزگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇنى قورشاپ ئىشغال قىلدى. 51 لېكىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مۇستەھكەم مۇنار بار ئىدى. شەھەرنىڭ ئەر-ئايال ھەممە ئادەملىرى ئۇ يەرگە قېچىپ بېرىپ، دەرۋازىنى ئىچىدىن ئېتىۋېلىپ، مۇنار ئۈستىگە چىقىۋالدى. ■ 52 لېكىن ئابىمەلەك مۇنارغا كېلىپ، ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇش ئۈچۈن مۇنارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن كەلگىنىدە، 53 بىر ئايال بىر يارغۇنچاق تېشىنى ئېلىپ، ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا ئېتىپ، ئۇنىڭ باش سۆڭكىنى چېقىۋەتتى. ■ 54 ئابىمەلەك دەرھال ئۆز قۇرالىنى كۆتۈرگەن يىگىتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ، مېنى ئۆلتۈرگىن. ھېچكىم مەن توغرۇلۇق: ‹ئۇنى بىر ئايال ئۆلتۈرۈۋەتتى› دېمىسۇن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا سانجىدى، ۋە ئۇ ئۆلدى. 55 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئابىمەلەكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز جايىغا قايتتى.
56 بۇ تەرىقىدە خۇدا يەتمىش قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ ئاتىسىغا چوڭ يامانلىق قىلغان ئابىمەلەكنىڭ قىلمىشىنى ئۆزىگە ياندۇردى. 57 شۇنداقلا شەكەمنىڭ ئادەملىرى قىلغان ھەممە يامانلىقلىرىنى خۇدا ياندۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن يەرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتام ئوقۇغان لەنەت ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى.