تولاھ
10
1 ئابىمەلەكتىن كېيىن ئىسساكار قەبىلىسىدىن پۇئانىڭ ئوغلى دودونىڭ نەۋرىسى بولغان تولاھ ئىسىملىك بىر ئادەم ئىسرائىلنى قۇقۇزۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ كىشى ئەفرائىم تاغلىقىدىكى شامىر دېگەن جايدا تۇراتتى. 2 ئۇ يىگىرمە ئۈچ يىل ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلغاندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتۈپ، شامىردا دەپنە قىلىندى. يائىر
3 ئۇنىڭدىن كېيىن گىلېئادلىق يائىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، يىگىرمە ئىككى يىل ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلدى. 4 ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى بار ئىدى، ئۇلار ئوتتۇز ئېشەككە مىنىپ يۈرەتتى ۋە ئوتتۇز شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بۇ شەھەرلەر گىلېئادنىڭ زېمىنىدا بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە يائىرنىڭ كەنتلىرى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 5 يائىر ۋاپات بولۇپ، قاموندا دەپنە قىلىندى.
ئىسرائىل ئېغىر قىيىنچىلىقتا
6 لېكىن بەنى ئىسرائىل يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، بائال ۋە ئاشتاروت دېگەن بۇتلارغا سەجدە قىلىپ، ئارام، سىدون، موئاب، بەنى ئاممون ۋە فىلىستىنلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلىپ، پەرۋەردىگارنى تاشلاپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمىدى. 7 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى فىلىستىنلەر ۋە ئاممونىيلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 8 بۇلار شۇ يىلى بەنى ئىسرائىلنى ئېزىپ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئون سەككىز يىلغىچە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدىكى گىلېئادتا ياشاۋاتقان ھەممە ئىسرائىللارنى زۇلۇم ئاستىدا تۇتتى. 9 ئاممونىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بەنيامىن ۋە ئەفرائىمنىڭ جەمەتلىرىگە قارشى ئۇرۇشقىلى كەلگىنى ئۈچۈن ئىسرائىل ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالدى. 10 بۇ ۋاقىتتا بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «بىز ساڭا قارشى گۇناھ قىلىپ، ئۆز خۇدايىمىزنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىغا ئىبادەت قىلدۇق» دېدى. 11 لېكىن پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنى مىسىرلىقلار ۋە ئامورىيلارنىڭ قولىدىن، ھەم شۇنداقلا ئاممونىيلار ۋە فىلىستىنلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزمىدىممۇ؟ 12 سىدونلۇقلار، ئامالەكىيلەر ۋە مائونىيلار كېلىپ سىلەرگە زۇلۇم قىلغان چاغدا، سىلەر ماڭا پەرياد قىلغىنىڭلاردا، سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزمىدىممۇ؟ 13 شۇنداق بولسىمۇ، سىلەر مېنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى ئەمدى يەنە قۇتقۇزمايمەن. 14 ئەمدى بېرىپ، ئۆزۈڭلار تاللىغان ئىلاھلارغا پەرياد قىلىڭلار، ئازابتا قالغان چېغىڭلاردا شۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن». 15 ئەمما بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ: «بىز گۇناھ قىلدۇق. ئەمدى سەن بىزگە قانداق قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرساڭ شۇنداق قىلغىن. لېكىن بۇ قېتىم بىزنى قۇتقۇزۇۋالغىن» دېيىشتى. 16 ئاندىن ئۇلار غەيرىي ئىلاھلارنى ئۆز ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىپ، پەرۋەردىگارغا يەنە ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى. ئاخىرى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئازابىغا ئىچ ئاغرىتتى. 17 ئاندىن كېيىن ئاممونىيلار يىغىلىپ، گىلېئادقا بېرىپ بارگاھ قۇردى. بەنى ئىسرائىلمۇ توپلىنىپ، مىسپاھتا بارگاھ قۇردى. 18 گىلېئادتىكى خەلقنىڭ چوڭلىرى بىر-بىرىگە: «كىم ئاممونىيلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتا باشلامچى بولىدۇ؟ كىمكى بۇنى قىلسا، پۈتۈن گىلېئادنىڭ خەلقىگە باش بولىدۇ» دېيىشتى.