شەكەمدە باغلانغان ئەھدە
24
‏1 يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى شەكەمگە يىغدى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى، باشلىقلىرى، ھاكىملىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئۇ يەرگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىپ ھازىر بولغىنىدا، ‏2 يەشۇئا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹قەدىمكى زاماندا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ياشىغان، ئىبراھىم بىلەن ناھورنىڭ ئاتىسى تەراھ شۇ يەردە تۇرغانىدى. ئەمما ئۇلار ئۇ يەردە باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلاتتى. ‏3 لېكىن مەن فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئاتاڭلار ئىبراھىمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشلاپ پۈتۈن كەنئان زېمىنى ئىچىدە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنى ئاۋۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئىسئھاقنى بەردىم. ‏4 ئاندىن كېيىن مەن ئىسئھاققا ياقۇب ۋە ئەساۋنى بەردىم. ئەساۋغا سېئىر تاغلىقلىرىنى مۈلۈك قىلىپ بەردىم، لېكىن ياقۇب ۋە ئوغۇللىرى مىسىرغا كەتتى. ‏5 كېيىن مەن مۇسا ۋە ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلار ئارىسىدا قىلغان ئەمەللىرىم بىلەن مىسىرغا بالايىئاپەت كەلتۈرۈپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. ‏6 مەن بۇ تەرىقىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار دېڭىزغا يېتىپ كەلگىنىدە مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى قىزىل دېڭىزغىچە قوغلاپ كەلدى. ‏7 ئەمما ئاتا-بوۋىلىرىڭلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغىنىدا، ئۇ سىلەر بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا زۇلمەت قاراڭغۇلۇقنى سېلىپ، ئۇلارنى باسسۇن دەپ، دېڭىزنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپتى. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمە قىلغىنىمنى سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئاندىن كېيىن سىلەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە چۆلدە تۇرۇپ قالدىڭلار. ‏8 كېيىنرەك مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغان ئامورىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ بارسام، ئۇلار سىلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. لېكىن مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا بېرىپ ئالدىڭلاردىن يوقاتقاچقا، سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالدىڭلار. ‏9 ئۇ ۋاقىتتا موئابنىڭ پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلانغىنىدا، ئۈستۈڭلارغا لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن بېئورنىڭ ئوغلى بىلېئامنى چاقىرتتى. ‏10 لېكىن مەن بىلېئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرگە خەيرلىك دۇئا قىلىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنى بالاكنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدىم. ‏11 ئاندىن سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يېرىخوغا بارغاندا، سىلەرگە قارشى جەڭ قىلغان يېرىخونىڭ ئادەملىرى، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، كەنئانلار، ھېتىتلار، گىرگاشىيلار، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم، ‏12 مەن ئامورىيلارنىڭ ئىككىلا پادىشاھىنى ئالدىڭلاردا چوڭ سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىپ قاچۇردۇم، سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار ياكى ئوق-يايىڭلار بىلەن ئەمەس. ‏13 ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن زېمىن ۋە ئۆزۈڭلار بىنا قىلمىغان شەھەرلەرنى سىلەرگە بەردىم. سىلەر ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئۆزۈڭلار بەرپا قىلمىغان ئۈزۈمزارلىقلار ۋە زەيتۇن باغلىرىنىڭ مېۋىلىرىدىن يەۋاتىسىلەر›. ‏14 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، چىن كۆڭۈل ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ۋە مىسىردا ئىبادەت قىلغان ئىلاھلارنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. ‏15 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتى سىلەرگە يامان كۆرۈنسە، ئۇنداقتا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغىنىدا ئىبادەت قىلغان ئىلاھلىرىغىمۇ ياكى سىلەر زېمىنىدا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ ئىلاھلىرىغىمۇ، قايسىسىغا ئىبادەت قىلىدىغىنىڭلارنى بۈگۈن تاللاڭلار. لېكىن مەن بولسام ئۆز ئۆيۈمدىكىلەر بىلەن بىللە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمەن».
‏16 بۇ چاغدا خەلق جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىش بىزدىن يىراق تۇرسۇن. ‏17 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزى بىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە بىزنى قۇللۇق ئۆيى بولغان مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، كۆزلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، قايسى يولدا مېڭىپ قايسى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئۆتسەك، بىزنى قوغداپ ساقلىدى! ‏18 پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا تۇرغان ئامورىيلار ۋە باشقا ھەممە خەلقلەرنى ئالدىمىزدىن قوغلىۋەتتى. شۇڭا بىز پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمىز. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر» دېيىشتى.
‏19 ئاندىن يەشۇئا خەلققە: «ئۇ مۇقەددەس خۇدا بولۇپ، ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلار ۋە گۇناھلىرىڭلارغا چىدىمايدىغان قىزغىنىدىغان خۇدا بولغاچقا، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىنى قىلالمايسىلەر. ‏20 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنى تاشلاپ غەيرىي ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ كەلگىنىنىڭ ئورنىغا سىلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈپ سىلەرنى يوقىتىدۇ» دېدى. ‏21 لېكىن خەلق يەشۇئاغا: «ئۇنداق ئەمەس، بەلكى بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمىز» دېدى. ‏22 بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا خەلققە: «ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلايلى دەپ، پەرۋەردىگارنى تاللىغىنىڭلارغا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھ بولدۇڭلار» دېدى. ئۇلار: «دەرۋەقە بىز گۇۋاھ» دەپ جاۋاب بېرىشتى. ‏23 يەشۇئا ئۇلارغا يەنە: «ئۇنداق بولسا، ئەمدى ئاراڭلاردىكى غەيرىي ئىلاھلارنى تاشلىۋېتىپ، كۆڭۈللىرىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا مايىل قىلىڭلار» دېدى. ‏24 خەلق يەشۇئاغا: «بىز ئۆز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىمىز» دېدى. ‏25 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇ كۈنى خەلق بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، شەكەمدە ئۇلار ئۈچۈن قاىئدە-بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىپ بەردى. ‏26 يەشۇئا بۇ ھەممە سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن كىتابىغا يېزىپ قويدى. ئاندىن ئۇ چوڭ بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇ يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ يېنىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە تىكلەپ قويدى. ‏27 يەشۇئا پۈتۈن خەلققە: «مانا بۇ تاش بىزگە گۇۋاھ بولسۇن، چۈنكى بۇ تاش پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى، شۇڭا بۇ تاش خۇدايىڭلارنى ئىنكار قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولۇپ تۇرسۇن» دېدى. ‏28 ئاندىن كېيىن يەشۇئا خەلققە ئىجازەت بېرىپ، ھەربىرىنى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا قايتۇردى.
 
يەشۇئا ۋە ئەلىئازارنىڭ ۋاپات بولۇشى
‏29 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى، يەنى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋاپات بولدى. ئۇ ۋاپات بولغاندا بىر يۈز ئون ياشتا ئىدى. ‏30 ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز مىراس ھەسسىسى بولغان زېمىندا، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق زېمىنىدا گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. ‏31 ئىسرائىل يەشۇئا ھايات ۋاقتىدىكى ھەممە كۈنلەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ كەلدى ۋە يەشۇئادىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئوبدان بىلگەن ئاقساقاللار ھايات بولغان ھەممە كۈنلەردىمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلدى. ‏32 بەنى ئىسرائىل مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنى شەكەمگە ئېلىپ بېرىپ، ياقۇب شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان، يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراس ھەسسىسى بولغان يەرگە دەپنە قىلدى. ‏33 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارمۇ ۋاپات بولدى. ئۇ ئۇلار ئۇنى ئۆز ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن، ئەفرائىمنىڭ تاغلىكلىرىدىكى گىبېئا دېگەن جايدا دەپنە قىلدى.