يەشۇئانىڭ ئىسرائىلنىڭ ئەمىر-ئاقساقاللىرىغا ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرى
23
‏1 پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلغا چۆرىسىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام بەرگەندىن كېيىن ئۇزۇن زامان ئۆتتى. يەشۇئا ياشىنىپ قالغانىدى. ‏2 يەشۇئا پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى، باشلىقلىرى، ھاكىملىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
«مەن قېرىپ قالدىم. ‏3 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر ئۈچۈن پۈتۈن بۇ خەلقلەرگە نېمىلەرنى قىلغىنىنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار. چۈنكى سىلەر ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزى جەڭ قىلدى. ‏4 مانا، مەن ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ غەرب تەرەپتىكى ئۇلۇغ دېڭىزغىچە يوقىتىلغان بارلىق خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرى ۋە تېخى ھەيدىۋېتىلمىگەن خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ چەك تاشلاپ تەقسىم قىلىپ، قەبىلىلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ بەردىم. ‏5 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن سۈرۈپ قوغلاپ سىلەردىن نېرى قىلىدۇ، خۇددى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالىسىلەر.
‏6 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر قاتتىق غەيرەت قىلىپ، مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، نە ئوڭغا، نە سولغا چەتنەپ كەتمەڭلار. ‏7 شۇنىڭدەك ئاراڭلاردا قالغان خەلقلەرگە ئارىلاشماڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرىنى زىكىر قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار. ‏8 بەلكى بۈگۈنكى كۈنگىچە قىلغىنىڭلاردەك ئۆز خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ تۇرۇڭلار. ‏9 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەم چوڭ ھەم كۈچلۈك خەلقلەرنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقاردى، شۇڭا بۈگۈنكى كۈنگىچە ھېچكىم ئالدىڭلاردا تىك تۇرالمىدى. ‏10 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلغاچقا، سىلەردىن يالغۇز بىر كىشى مىڭ كىشىنى قوغلىۋەتتى.
‏11 ئۇنداق بولغاندىن كېيىن چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنى سۆيۈڭلار. ‏12 چۈنكى ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاراڭلاردا تېخى قېلىپ قالغان بۇ خەلقلەرگە ئارىلىشىپ كېتىپ، ئۇلار بىلەن قۇدا-باجىلىچ مۇناسىۋەتلىرى ئورناتساڭلار ۋە بېرىش-كېلىش قىلساڭلار، ‏13 شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار بۇ خەلقلەرنى ئىككىنچى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. بۇ خەلقلەر سىلەرگە تۇزاق ۋە قىلتاق بولۇپ، ئۈستۈڭلارغا قامچا بولۇپ چۈشۈپ، كۆزلىرىڭلارغا تىكەن بولۇپ كىرىدۇ. ئاخىردا خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ ياخشى زېمىندىن يوق بولۇپ كېتىسىلەر. ‏14 مەن پات پۇرسەتتە مەۋجۇداتنىڭ ھەممىسى بارىدىغان يولنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىمەن. بىلگىنىڭلاردەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق قىلغان ھەممە ياخشى ۋەدىلىرىدىن ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشماي قالمىدى. ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ھېچبىرى يەردە قالمىدى.
‏15 لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغان ھەممە ياخشىلىقى ئۈستۈڭلارغا كەلگەندەك، پەرۋەردىگار سىلەرنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ گۈزەل زېمىندىن يوقىتىۋەتكۈچە سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان ھەممە يامانلىقنى ئۈستۈڭلارغا كەلتۈرىدۇ. ‏16 ئەگەر سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە تاپىلىغان ئەھدىسىنى بۇزۇپ، باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىدۇ ۋە ئۇ سىلەرگە بەرگەن ياخشى زېمىندىن سىلەر تېزلا يوق بولۇپ كېتىسىلەر».