رۇبەن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ ئۆز مىراس زېمىنىغا قايتىپ بېرىشى
22
‏1 ئۇنىڭدىن كېيىن يەشۇئا رۇبەن ۋە گاد قەبىلىلىرى ھەم ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ‏2 «سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇپ، سىلەرگە ھەرنېمە بۇيرۇغان بولسام، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، ‏3 بۇ شۇنچە ۋاقىت ئىچىدە بۈگۈنكى كۈنگىچە قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىماي، بەلكى ئۆز خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ كەلدىڭلار. ‏4 ئەمدى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك قېرىنداشلىرىڭلارغا ئارام بەردى. شۇڭا ھازىر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى سىلەرگە بەرگەن مىراس زېمىنىڭلارغا، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار. ‏5 قايتىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇپ بەرگەن قانۇن-ئەمرلەرگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، ئۆز خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ھەمىشە ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئۇنىڭغا باغلىنىپ، پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىڭلار».
‏6 ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كەتتى. ‏7 ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مۇسا باشاندا مىراس بەرگەنىدى، يەنە قالغان يېرىمىغا يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپى يەنى غەرب تەرىپىدە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مىراس بەردى. يەشۇئا ئۇلارنى چېدىرلىرىغا يولغا سالغىنىدا، ئۇلارغا بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ‏8 ئۇلارغا: «نۇرغۇن بايلىق ۋە نۇرغۇن چارۋا ماللارنى، ھەم شۇنداقلا نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر ۋە كىيىم-كىچەكنى ئېلىپ، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىپ بېرىپ، دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان ئولجىنى قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن بۆلۈشۈڭلار» دېدى. ‏9 شۇنىڭ بىلەن رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسى كەنئان زېمىنىدىكى شىلوھتىن چىقىپ، بەنى ئىسرائىلدىن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بۇيرۇقى بويىچە ئۆزلىرىگە تەۋە بولۇپ ئۆز مىراسى بولغان گىلېئاد زېمىنىگە قاراپ ماڭدى.
 
ئىئورداننىڭ شەرق تەرىپىدە مىراس ئالغان قەبىلىلەرنىڭ بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىشى
‏10 رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسى كەنئان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يەتكەندە ئۇ يەردە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ناھايىتى چوڭ ھەيۋەتلىك قىلىپ ياسىدى. ‏11 «رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسى كەنئان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپتۇ» دېگەن خەۋەر بەنى ئىسرائىلغا يېتىپ كەلدى. ‏12 بەنى ئىسرائىل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۇلارنىڭ پۈتۈن جامائىتى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن شىلوھقا يىغىلىپ جەم بولدى. ‏13 ئارقىدىن بەنى ئىسرائىل ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن پىنىخاسنى گىلېئاد زېمىنىدىكى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە ئەۋەتتى، ‏14 ھەمدە بەنى ئىسرائىل ھەربىر قەبىلىسىنىڭ ئۆز جەمەتىدىن بىردىن رەھبەرنى تاللاپ، جەمئىي ئون رەھبەرنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتى. بۇ رەھبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئىسرائىلنىڭ مىڭلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئاتا جەمەتىگە باشلىق بولۇپ كەلگەن كىشى ئىدى.
‏15 بۇلار گىلېئاد زېمىنىدىكى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە كېلىپ، ئۇلارغا ئېيتتى: ‏16 «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ پەرۋەردىگارغا قارشى قوپۇپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا شۇنچە ۋاپاسىزلىق قىلدىڭلار؟ ‏17 پېئور ئىلاھى توغرىسىدىكى ئىشتا ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ بىز ئۈچۈن يەتمىدىمۇ؟ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئارىسىغا ۋابا چۈشكەن بولسىمۇ، بىز يەنىلا بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ گۇناھتىن پاكلىنالمىدۇق.    ‏18 سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار نېمە؟ ئەگەر سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا قارشى قوپساڭلار، ئەتە چوقۇم ئۇنىڭ قەھر-غەزىپى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىگە كېلىدۇ. ‏19 ئەگەر سىلەر مىراس ئالغان زېمىن سىلەرگە ناپاك كۆرۈنسە، پەرۋەردىگارنىڭ مىراسى بولغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن زېمىنغا كېلىپ، ئارىمىزدىن مىراس ئېلىڭلار. لېكىن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ۋە بىزگە قارشى چىقماڭلار. ‏20 زېراھنىڭ ئوغلى ئاكان ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئالغىنىدا، بۇ گۇناھنىڭ سەۋەبىدىن يالغۇز ئۇ كىشى ئۆلمەي، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپى قوزغىلىپ ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئەمەسمۇ؟›».
‏21 ئاندىن رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسى ئىسرائىلنىڭ جەمەت باشلىقلىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:    ‏22 «ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگار، دەرۋەقە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگار بىلىدۇ. ئىسرائىلمۇ بىلسۇنكى: ئەگەر بۇ ئىش پەرۋەردىگارغا خىيانەت قىلىش ياكى ۋاپاسىزلىق قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان بولسا، بىزنى بۈگۈن ساق قويماڭلار! ‏23 ئەگەر بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈش نىيىتىدە بولۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمىز دەپ ئويلىغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزگە لايىق جازا بەرسۇن. ‏24 بىز بولساق كەلگۈسىدە بولۇشى مۇمكىن بولغان ئىشلارنى ئويلاپ، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ كېيىنلەردە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا: ‹ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ ‏25 ئەي رۇبەن قەبىلىسى ۋە گاد قەبىلىسى، پەرۋەردىگار بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ قويمىدىمۇ؟ شۇڭا پەرۋەردىگاردىن نېسىۋەڭلار يوقتۇر› دېيىشىدىن ئەنسىرىدۇق. شۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى پەرۋەردىگاردىن قورقۇشتىن توسۇپ قويىدۇ.    ‏26 شۇڭا بىز سۆزلىشىپ: ‹قوپۇپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسايلى› دېدۇق. لېكىن بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى سويۇم قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئەمەس، ‏27 بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ۋە بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىسپات بولسۇن دەپ ياسىدۇق. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە ۋە سويۇم قۇربانلىقلىرىمىز ھەم ئامانلىق قۇربانلىقلىرىمىزنى سۇنۇش بىلەن پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالىشىمىز ئۈچۈن ۋە كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا: ‹سىلەرنىڭ پەرۋەردىگاردىن نېسىۋەڭلار يوق› دېمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. ‏28 بىز دېدۇقكى، ئەگەر كەلگۈسىدە بىزگە ياكى ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق دېيىلسە، بىز جاۋاب بېرىپ: ‹مانا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياسىغان پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەكلىدىكى نەمۇنىگە قاراڭلار، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى سويۇم قۇربانلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىر گۇۋاھ بولۇشى ئۈچۈن ياسالغاندۇر› دېيەلەيمىز. ‏29 پەرۋەردىگارغا قارشى قوپۇش، پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈش بىزدىن يىراقتۇر، بىز ھەرگىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا بىر قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ياكى سويۇم قۇربانلىقنى سۇنمايمىز».
‏30 كاھىن پىنىخاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان جەمائەت رەھبەرلىرى، يەنى ئىسائىلنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغىنىدا، بۇ سۆزلەردىن خۇرسەن بولدى.    ‏31 ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن پىنىخاس رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىگە: «بۇگۇن بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئارىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلمىدىڭلار، ئەمدى سىلەر بەنى ئىسرائىلنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭلار» دېدى.
‏32 ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن پىنىخاس ۋە رەھبەرلەر رۇبەن قەبىلىسى ۋە گاد قەبىلىسىدىن ئايرىلىپ، گىلېئاد زېمىنىدىن چىقىپ، كەنئان زېمىنىغا بەنى ئىسرائىلنىڭ يېنىغا قايتىپ، بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. ‏33 بۇ ئىش بەنى ئىسرائىلغا ياخشى كۆرۈنگەچكە، بەنى ئىسرائىل خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، رۇبەن قەبىلىسى ۋە گاد قەبىلىسى تۇرغان زېمىنىغا چىقىپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ زېمىننى ۋەيران قىلىشنى ئىككىنچى تىلغا ئالمايدىغان بولدى. ‏34 رۇبەن قەبىلىسى ۋە گاد قەبىلىسى بۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا ‹گۇۋاھ› دەپ ئات قويۇپ، ‹بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئارىمىزدا پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن› دېدى.