لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرى
21
‏1 ئۇنىڭدىن كېيىن لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىگە باشلىق بولغانلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ‏2 كەنئان زېمىنىدىكى شىلوھتا ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق بىزگە تۇرۇش ئۈچۈن شەھەرلەر، ھەمدە ماللىرىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىنىڭ قوشۇپ بېرىلىشىنى بۇيرۇغانىدى» دېدى. ‏3 بۇنىڭ بىلەن، بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن لاۋىيلارغا ئۆز مىراس ھەسسىلىرىدىن مۇنۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلىرىنى ئايرىپ بەردى:
‏4 تۈنجى چەك قوھاتلارنىڭ جەمەتلىرىگە چىقتى. چەك تاشلاش ئارقىلىق لاۋىيلاردىن بولغان كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا، شىمون ۋە بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېرىلدى. ‏5 قوھاتنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلاش ئارقىلىق ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ، دان قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون شەھەر بېرىلدى.
‏6 گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلاش ئارقىلىق ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرى، ئاشەر قەبىلىسى، نافتالى قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يەنە يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېرىلدى.
‏7 مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۆز جەمەتلىرى بويىچە رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئىككى شەھەر بېرىلدى. ‏8 بۇ تەرىقىدە ئىسرائىل پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق بۇيرۇغىنىدەك چەك تاشلاش ئارقىلىق بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلارنى لاۋىيلارغا بەردى.
 
‏9 يەھۇدا قەبىلىسى ۋە شىموننىڭ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن بېرىلگەن تۆۋەندە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەر ‏10 لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان قوھاتلار جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا، بېرىلدى، چۈنكى تۈنجى چەك ئۇلارغا چىقتى. ‏11 ئۇلارغا يەھۇدانىڭ تاغلىق زېمىنىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى خېبرون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار تەگدى. ئاربا بولسا ئاناقنىڭ ئاتىسى ئىدى. ‏12 لېكىن شەھەرنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىزلىقلار ۋە كەنتلەر يەفۇننەنىڭ ئوغلى كالەبكە مىراس قىلىپ بېرىلگەنىدى. ‏13 شۇنداق قىلىپ كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن پاناھ شەھەر بولغان خېبرون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بېرىلدى ۋە يەنە لىبنا ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏14 ياتتىر ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ئەشتەموئا ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏15 خولون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، دېبىر ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏16 ئايىن ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، يۇتتا ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا بەيت-شەمەش ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار تەگدى. ئۇلارغا بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن جەمئىي توققۇز شەھەر بېرىلدى.
‏17 بۇنىڭدىن باشقا بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىبېئون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، گېبا ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏18 ئاناتوت ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا ئالمون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر ئۇلارغا بېرىلدى. ‏19 بۇ تەرىقىدە كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمئىي ئون ئۈچ شەھەر ئۇلارنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىلدى.
‏20 لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن مۇنۇ شەھەرلەر بېرىلدى:
‏21 ئۇلارغا ئەفرائىمنىڭ تاغلىق زېمىنىدىكى ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن پاناھ شەھەر بولغان شەكەم ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، گېزەر ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏22 قىبزايىم ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا بەيت-خورون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر بېرىلدى.
‏23 ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلارغا دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئەلتەكە ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، گىببەتون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏24 ئايالون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا گات-رىممون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر بېرىلدى.
‏25 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تائاناك ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە گات رىممون ھەم ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي ئىككى شەھەر بېرىلدى. ‏26 قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە جەمئىي ئون شەھەر ئۇلارنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بىلەن قوشۇپ بېرىلدى.
 
‏27 لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان گەرشون ئەۋلادلىرىغا ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن پاناھ شەھەر بولغان باشاندىكى گولان ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە بەئەشتېرا ھەم ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي ئىككى شەھەر بېرىلدى.
‏28 ئۇلارغا يەنە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن قىشيون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، دابېرات ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏29 يارمۇت ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا ئەن-گاننىم ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر بېرىلدى.
‏30 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا ئاشەر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن مىشال ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ئابدون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏31 خەلقات ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا رەخوب ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر بېرىلدى.
‏32 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا يەنە نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن پاناھ شەھەر بولغان گالىلىيەدىكى قادەش شەھىرى ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، خامموت-دور ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا قارتان ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي ئۈچ شەھەر بېرىلدى. ‏33 بۇ تەرىقىدە گەرشونلارغا جەمەتلىرى بويىچە جەمئىي ئون ئۈچ شەھەر چۆرىسىدىكى يايلاقلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىلدى.
 
‏34 لاۋىيلار نەسلىدىن بولغان مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىگە، زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن يوقنېئام ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، قارتا ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏35 دىمنا ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا ناھالال ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر بېرىلدى.
‏36 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارغا رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن بېزەر ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ياھسا ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏37 قادېموت ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا مېفائات ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر بېرىلدى.
‏38 ئۇلارغا يەنە گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن پاناھ شەھەر بولغان گىلېئادتىكى راموت ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ماخانائىم ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار، ‏39 خەشبون ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار ۋە شۇنداقلا يازەر ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى يايلاقلار بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر بېرىلدى.
‏40 لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۆز جەمەتلىرى بويىچە چەك تاشلاپ ئېرىشكەن بارلىق شەھەرلەرنىڭ سانى جەمئىي ئون ئىككى ئىدى.
‏41 بەنى ئىسرائىل زېمىنىدىكى لاۋىيلارغا چۆرىسىدىكى يايلاقلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز ئىدى. ‏42 بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ چۆرىسىدە يايلاقلىرى بار ئىدى، ھەممە شەھەرلەر شۇنداق ئىدى.
 
‏43 شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى ئىسرائىلغا بەرگەن بولدى. ئۇلار كېلىپ، ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. ‏44 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئىلگىرى قەسەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋەدە قىلغىنىدەك ئۇلارغا ھەر تەرىپىدە تىنچ-ئامانلىق بەردى. دۈشمەنلىرىدىن ھېچبىرى ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ‏45 دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل جەمەتىگە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى ئەمەلگە ئاشتى.