پاناھ شەھەرلەر
20
1 ئاندىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: 2 «سەن بەنى ئىسرائىلغا ئېيتقىن، مەن مۇسا ئارقىلىق سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پاناھ شەھەرلەرنى بېكىتىڭلاركى، 3 بىخەستەلىك قىلىپ، بىر كىشىنى قەستسىز ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ كەتسۇن. بۇ تەرىقىدە بۇ شەھەرلەر سىلەر ئۈچۈن قان قىساسىنى ئالغۇچىدىن پاناھگاھ بولسۇن. 4 ئەگەر بىرى بۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرسە، ئۇلار ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ شەھەرگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا بىر جاي بەرسۇن. 5 ئەگەر قان قىساسىنى ئالغۇچى ئۇنى قوغلاپ كەلسە، ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسۇن، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆز قوشنىسىغا ئاداۋەت تۇتمىغان، بەلكى ئۇنى قەستسىز ئۆلتۈرگەن. 6 بەلكى ئۇ جامائەتنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنغۇچە بۇ شەھەردە تۇرۇشى كېرەك. ئاندىنمۇ شۇ ۋاقىتتىكى باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇ بۇ شەھەردە تۇرۇشى كېرەك. كاھىن ئۆلگەندىن كېيىنلا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى ئۆز شەھىرىگە، قېچىپ كەتكەن شەھەردىكى ئۆيىگە قايتسا بولىدۇ».
7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نافتالىنىڭ تاغلىق زېمىنىدا بولغان گالىلىيەدىكى قادەش شەھىرى، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق زېمىنىدىكى شەكەم شەھىرى ۋە يەھۇدانىڭ تاغلىق زېمىنىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى خېبرون شەھىرىنى تاللاپ بېكىتتى. 8 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يېرىخونىڭ شەرقىدە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رۇبەن قەبىلىسىنىڭ تۈزلەڭلىكىدىكى بېزەر شەھىرى ۋە گاد قەبىلىسىنىڭ مىراس ھەسسىسى بولغان گىلېئادتىكى راموت شەھىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىراس ھەسسىسى بولغان باشاندىكى گولان شەھىرىنى تاللاپ بېكىتتى.
9 بۇ شەھەرلەر، پۈتۈن بەنى ئىسرائىل ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپىرلار ئۈچۈن، بىخەستىلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىنىڭ قېچىپ بېرىشى ۋە جامائەتنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن ئاۋۋال قان قىساسىنى ئالغۇچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.