قالغان ئالتە قەبىلىسىنىڭ مىراس زېمىنلىرى
19
1 ئىككىنچى چەك شىمونغا، يەنى جەمەتلىرى بويىچە شىمون قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارنىڭ مىراس ھەسسىسى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ مىراس ھەسسىسىنىڭ چېگرىلىرى ئىچىدە بولۇپ، 2 ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مىراسى ئىچىدە تۆۋەندىكى شەھەرلەر بار ئىدى: بەئەرشېبا، شېبا، مولادا، 3 خازار-شۇئال، بالاھ ئېسەم، 4 ئەلتولاد، بېتۇل، خورماھ، 5 زىقلاغ، بەيت-ماركابوت، خازار-سۇسا، 6 بەيت-لېبائوت ۋە شارۇخەن، جەمئىي ئون ئۈچ شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر. 7 بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايىن، رىممون، ئېتەر ۋە ئاشان دېگەن تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر ئۇلارغا تەگدى، 8 ھەمدە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا، بائالات-بەئەرگىچە، يەنى جەنۇب تەرەپتىكى راماغىچە بولغان ھەممە قەنتلەر ئۇلارغا بېرىلدى. مانا بۇ زېمىنلار شىمون قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.
9 يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ مىراس ھەسسىسى ئۆزلىرىگە زىيادە كەلگەچكە، يەھۇدا قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىننىڭ بىر قىسمى شىمون قەبىلىسىگە بېرىلىپ، شىمون قەبىلىسىنىڭ مىراس ھەسسىسى ئۇلارنىڭ مىراس ھەسسىسىنىڭ ئىچىدە بولدى.
10 ئۈچىنچى چەك جەمەتلىرى بويىچە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارنىڭ مىراس ھەسسىسىنىڭ چېگرىسى سارىدقىچە يېتىپ باراتتى، 11 ئاندىن چېگرا غەرب تەرەپكە چىقىپ، مارالاغا بېرىپ دابەشەتكە يېتىپ، يوقنېئامنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىسىغا ئۇلىشىپ، 12 سارىدتىن شەرق تەرەپكە، كۈن چىقىش تەرەپكە قايرىلىپ، كىسلوت-تابورنىڭ يۇرتىغا كېلىپ، دابېراتتىن ئۆتۈپ يافىياغا چىقىپ، 13 ئاندىن شەرق تەرەپكە، كۈن چىقىش تەرەپكە بۇرۇلۇپ، گات-خەفەر ۋە ئەت-قازىندىن ئۆتۈپ نېئاغىچە يېيىلغان رىممونغا باردى. 14 چېگرا ئۇ يەردىن شىمال تەرەپكە قايرىلىپ، خانناتونغىچە يېتىپ بېرىپ، يىپتاخەل ۋادىسىدا ئاخىرلىشاتتى. 15 چاتات، ناھالال، شىمرون، يىدالا ۋە بەيتلەھەم بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەرمۇ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى. 16 مانا بۇ زېمىنلار ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر بىلەن كەنتلىرى زەبۇلۇن قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.
17 تۆتىنچى چەك ئىسساكارغا، يەنى جەمەتلىرى بويىچە ئىسساكار قەبىلىسىگە چىقتى. 18 ئۇلارنىڭ زېمىنى يىزرەئەل، كىسلوت، شۇنەم، 19 خافارايىم، شىئون، ئاناخارات، 20 راببىت، قىشيون، ئابەز، 21 رەمەت، ئەن-گاننىم، ئەن-خاددا ۋە بەيت-پاززەزنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 22 ئۇلارنىڭ چېگرىسى تابور، شاخازىما ۋە بەيت-شەمەشكە چىقىپ، ئۇچى ئىئوردان دەرياسىغا تۇتاشتى. جەمئىي ئون ئالتە شەھەر بىلەن ئۇلارغا تەۋە كەنتلىرى ئۇلارغا تەگدى. 23 مانا بۇ زېمىنلار ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر بىلەن كەنتلىرى ئىسساكار قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.
24 بەشىنچى چەك جەمەتلىرى بويىچە ئاشەر قەبىلىسىگە چىقتى. 25 ئۇلارنىڭ زېمىنى خەلقات، خالى، بەتەن، ئاكشاف، 26 ئاللاممېلەك، ئاماد ۋە مىشالنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ چېگرىسى غەرب تەرەپتە كارمەل ۋە شىخور-لىبناتقا يېتىپ بېرىپ، 27 ئاندىن شەرق تەرەپكە قايرىلىپ، بەيت-داگونغا بېرىپ، زەبۇلۇن زېمىنى ۋە يىپتاخەل ۋادىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن مېڭىپ، بەيت-ئېمەك ۋە نىيىئەلگە يېتىپ بېرىپ، كابۇلنىڭ شىمال تەرىپىگە چىقىپ، 28 ئېبرون، رەخوبنى، خاممون ۋە قانانىغا بېرىپ، بۈيۈك سىدونغىچە يېتىپ باردى. 29 ئاندىن چېگرا راما تەرەپكە قايرىلىپ، مۇستەھكەم تىر شەھىرىگە بېرىپ، خوساغا بۇرۇلۇپ ئاكزىبنىڭ زېمىنى باشلىغان جايدا دېڭىزغا تۇتىشاتتى. 30 ئۇلارنىڭ زېمىنى ئۇمما، ئافېق ۋە رەخوبمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ كەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 31 مانا بۇ زېمىنلار ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر بىلەن كەنتلىرى ئاشەر قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.
32 ئالتىنچى چەك نافتالى قەبىلىسىگە، يەنى جەمەتلىرى بويىچە نافتالى قەبىلىسىگە چىقتى. 33 ئۇلارنىڭ چېگرىسى خەلەفتىن، زائانانىمدىكى دۇب دەرىخىدىن باشلاپ، ئادامى-نېكەب بىلەن يابنەئەلدىن ئۆتۈپ لاقۇمغىچە سوزۇلۇپ، ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ ئاخىرلىشاتتى. 34 چېگرا ئاندىن غەرب تەرەپكە قايرىلىپ، ئازنوت-تابورغا بېرىپ، ئاندىن خۇققوققا چىقىپ، جەنۇبتا زەبۇلۇننىڭ زېمىنىغا، غەربتە ئاشەرنىڭ زېمىنىغا، كۈن چىقىش تەرەپتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدا يەھۇدانىڭ زېمىنىغا تۇتاشتى.
35 ئۇلارنىڭ سېپىللىق شەھەرلىرى زىددىم، زەر، خاممات، راققات، كىننەرەت، 36 ئاداما، راما، خازور، 37 قادەش، ئەدرەي، ئەن-خازور، 38 يىرون، مىگدەل-ئەل، خورەم، بەيت-ئانات ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق جەمئىي ئون توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر ئىدى. 39 مانا بۇ زېمىنلار ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر بىلەن كەنتلىرى نافتالى قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.
40 يەتتىنچى چەك جەمەتلىرى بويىچە دان قەبىلىسىگە چىقتى. 41 ئۇلارغا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنغان زېمىن زورا، ئەشتائول، ئىر-شەمەش، 42 شائالبىم، ئايالون، يىتلا، 43 ئېلون، تىمناھ، ئەقرون، 44 ئەلتەكە، گىببەتون، بائالات، 45 يېھۇد، بەنى-بەراق، گات-رىممون، 46 مېيارقون، راقون شەھەرلىرى ۋە يافو شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
47 ئەمما دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئۇلارغا تار كەلگەچكە، دان قەبىلىسى چىقىپ، لەشەمگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئالدى ۋە ئاھالىسىنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار شەھەرنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار لەشەمنى قەبىلىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن دان دەپ ئاتىدى. 48 مانا بۇ زېمىنلار ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر بىلەن كەنتلىرى دان قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.
49 بۇ تەرىقىدە ئۇلار زېمىننى چېگرىلىرىغا ئاساسەن مىراس قىلىپ بۆلۈشكەندىن كېيىن، بەنى ئىسرائىل نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغىمۇ ئۆز ئارىسىدىن بىر پارچە زېمىن مىراس قىلىپ بېرىشتى. 50 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، يەشۇئاغا ئۇ ئۆزى تىلىگەن ئەفرائىم تاغلىقىدىكى تىمنات-سېراھ شەھىرىنى بەردى. ئۇ بۇ شەھەرنى بىنا قىلىپ ئۇ يەردە ئولتۇراقلاستى. 51 بۇ مىراس ھەسسىلىرى كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە بەنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن شىلوھتىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا چەك تاشلاش ئارقىلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. بۇ تەرىقىدە ئۇلار زېمىننىڭ تەقسىماتىنى تۈگەتتى.