شىلوھتا جامائەتنىڭ يىغىلىشى
18
‏1 بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتى، زېمىن ئۇلارغا تەۋە بولغاندىن كېيىن، شىلوھتا يىغىلىپ، ئۇ يەردە ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ قويدى.    ‏2 لېكىن بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا مىراس ھەسسىسى تېخى بېرىلمىگەن يەتتە قەبىلە قالغانىدى.
‏3 شۇنىڭ ئۈچۈن يەشۇئا بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېدى: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن زېمىننى ئىگىلىمەي قاچانغىچە تەخىر قىلىسىلەر؟ ‏4 سىلەر ھەر قەبىلىدىن ئۈچ كىشىنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى بېرىپ زېمىننى ئارىلاپ چىقىپ، ھەربىرىنىڭ ئالىدىغان مىراس ھەسسىسى بويىچە زېمىننى تەسۋىرلەپ يېزىپ، ئاندىن يېنىمغا يېنىپ كەلسۇن دەپ يولغا سالىمەن. ‏5 ئۇلار زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلسۇن. يەھۇدا قەبىلىسى جەنۇبتىكى زېمىندا، يۈسۈپ جەمەتىمۇ شىمال تەرەپتىكى ئۆز زېمىنىدا قالسۇن. ‏6 بۇ تەرىقىدە سىلەر زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، تەسۋىرىنى سىزىپ كېلىڭلار. ئاندىن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن. ‏7 ئەمما لاۋىيلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بىر ھەسسىسى بولماس، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىقى ئۇلارنىڭ مىراس ھەسسىسىدۇر. گاد، رۇبەن ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە تەگكەن مىراس ھەسسىسى بولسا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ئۇلارغا بەرگەن زېمىندۇر».
‏8 ئەۋەتىلىدىغان ئادەملەر يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، يەشۇئا ئۇلارغا: «بېرىپ زېمىننى ئارىلاپ چىقىپ، تەسۋىرىنى سىزىپ، يېنىمغا قايتىپ كەلسەڭلار، مەن شىلوھتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن» دېدى. ‏9 شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئادەملەر بېرىپ زېمىننى ئارىلاپ چىقىپ، شەھەرلەرنى يەتتە ئۈلۈشكە بولۇپ تەسۋىرىنى بىر كىتابقا سىزىپ، شىلوھتىكى بارگاھقا يەشۇئانىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلدى. ‏10 ئاندىن كېيىن يەشۇئا شىلوھتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلاپ، شۇ يەردە بەنى ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرى بويىچە زېمىننى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى.
 
بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ مىراس زېمىنى
‏11 بەنيامىن قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن يۈسۈپ قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ئىدى.
‏12 ئۇلارنىڭ شىمال تەرەپتىكى چېگرىسى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلاپ، يېرىخونىڭ شىمالىدىن يانداپ، تاغلىقتىن ئۆتۈپ غەرب تەرەپكە چىقىپ، بەيت-ئاۋەن چۆلىگە يېتىپ بېرىپ، ‏13 ئاندىن لۇزغا چىقىپ، لۇز يەنى بەيتەلنىڭ جەنۇب تەرىپىگە مېڭىپ، ئاستىن بەيت-خوروننىڭ جەنۇبىدىكى تاغدىن ئۆتۈپ ئاتاروت-ئاددارغا چۈشتى. ‏14 ئاندىن چېگرا غەربتىن جەنۇبقا قايرىلىپ، بەيت-خوروننىڭ ئۇدۇلىدا بولغان جەنۇب تەرىپىدىكى تاغدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قىريات-يېئارىم دەپ ئاتالغان قىريات-بائالغا يېتىپ باردى. بۇ غەرب تەرىپىنىڭ چېگرىسى ئىدى.
‏15 جەنۇب تەرىپىنىڭ چېگرىسى قىريات-يېئارىمدىن باشلاپ غەرب تەرەپكە مېڭىپ، نېفتوئاھ سۇلىرىنىڭ بۇلىقىغا يېتىپ بېرىپ، ‏16 ئاندىن چېگرا بۇ يەردىن رېفائىم ۋادىسىنىڭ شىمال تەرىپىدە بەن-ھىننوم ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاغنىڭ چوققىلىرىغا ئۇلىشىپ، ئاندىن يەبۇس ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن مېڭىپ، ھىننوم ۋادىسىغا چۈشۈپ، روگېل بۇلىقىغا يېتىپ، ‏17 ئاندىن شىمال تەرەپكە قايرىلىپ، شەمەش بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، ئادۇمىم داۋىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گەلىلوتقا بېرىپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىغا چۈشۈپ، ‏18 ئاندىن ئارابا تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئېگىزلىكتىن چىقىپ تۈزلەڭلىككە چۈشۈپ، ‏19 ئاندىن چېگرا شىمال تەرەپكە ئۆتۈپ بەيت-خوگلاغا يېتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىغا، شور دېڭىزنىڭ شىمالىي قولتۇقىغىچە تۇتاشتى. بۇ جەنۇب تەرىپىنىڭ چېگرىسى ئىدى.
‏20 شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى بولسا ئىئوردان دەرياسى ئىدى. مانا بۇ بەنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسىنىڭ چېگرىلىرى ئىدى.
 
‏21 بەنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن شەھەرلەر تەۋەندىكىچە: يېرىخو، بەيت-خوگلا، ئېمەك-قېزىس، ‏22 بەيت-ئارابا، زېمارايىم، بەيتەل، ‏23 ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفرا، ‏24 كېفار-ھائاممونى، ئوفنى ۋە گېبا بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
‏25 بۇنىڭدىن باشقا، گىبېئون، راما، بەئەروت، ‏26 مىسپاھ، كېفىرا، موسا، ‏27 رېقەم، يىرپەئەل، تارالا، ‏28 زېلا، ئېلەف، يەبۇس، يەنى يېرۇسالېم، گىبېئا ۋە قىريات بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
مانا بۇ زېمىنلار بەنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.