17
‏1 يۈسۈپنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغان ماناسسە قەبىلىسىگىمۇ زېمىن مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىندى. گىلېئادنىڭ ئاتىسى، ماناسسەنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغان ماكىر جەڭگىۋار پالۋان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا گىلېئاد زېمىنى ۋە باشان زېمىنى مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىندى.
‏2 ماناسسەنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىمۇ جەمەتلىرى بويىچە مىراس ھەسسىسىگە ئېرىشتى، يەنى، ئابىئېزەر، خېلەك، ئاسرىئەل، شېكەم، خەفەر ۋە شەمىدانىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ زېمىن مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىندى. بۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ ئەر ئەۋلادلىرى ئىدى.
‏3 لېكىن ماناسسەنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، خەفەرنىڭ ئوغلى بولغان زېلوفخادنىڭ ئوغلى يوق بولۇپ، پەقەت قىزلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى ماخلا، نوئا، خوگلا، مىلكا ۋە تىرزا ئىدى. ‏4 ئۇلار كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «پەرۋەردىگار مۇساغا، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بىزگىمۇ زېمىن مىراس قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغانىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پارچە زېمىن مىراس قىلىپ بەردى.
‏5 شۇنداق قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى گىلېئاد زېمىنى ۋە باشان زېمىنىدىن باشقا ماناسسەگە ئون پارچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ‏6 چۈنكى ماناسسەنىڭ ئايال ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ ئەر ئەۋلادلىرىنىڭ ئارىسىدا مىراس تاپقانىدى. گىلېئاد زېمىنى بولسا ماناسسەنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەگكەنىدى.
 
‏7 ماناسسەنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى ئاشەردىن تارتىپ شەكەمنىڭ ئۇدۇلىدىكى مىكمەتاتقا يېتىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپكە قايرىلىپ ئەن-تاپپۇئاھ خەلقى تۇرغان جايغا ئۇلاشتى. ‏8 تاپپۇئاھنىڭ زېمىنى ماناسسەگە تەگكەنىدى، لېكىن ماناسسەنىڭ چېگرىسىدىكى تاپپۇئاھ شەھىرى ئەفرائىمغا بېرىلگەنىدى. ‏9 چېگرا ئۇ يەردىن قانا جىلغىسىغا چۈشۈپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە چىقاتتى. ماناسسەنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەفرائىمغا تەگكەن شەھەرلەرمۇ بار ئىدى. ماناسسەنىڭ چېگرىسى جىلغىنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن بېرىپ، دېڭىزغا تۇتىشاتتى. ‏10 جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى زېمىن ئەفرائىمغا تەگكەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدىكى زېمىن ماناسسەگە بېرىلگەنىدى. غەرب تەرىپىنىڭ چېگرىسى دېڭىز بولۇپ، شىمال تەرىپى ئاشەرنىڭ ھەسسىسىگە، شەرق تەرىپى ئىسساكارنىڭ ھەسسىسىگە تۇتىشاتتى. ‏11 ئىسساكار ۋە ئاشەرنىڭ ھەسسىسىدىن ماناسسەگە بەيت-شېئان بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار، يىبلېئام بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار، دور بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلارنىڭ ئاھالىسى، ئەندور بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلارنىڭ ئاھالىسى، تائاناك بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلارنىڭ ئاھالىسى، مەگىددو بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلارنىڭ ئاھالىسى، يەنى ئۈچ ئېدىرلىق جاي تەگدى. ‏12 لېكىن ماناسسە قەبىلىسى بۇ شەھەرلەردىكىلەرنى ھەيدىۋېتەلمىگەچكە، كەنئانلار شۇ زېمىنلاردا ياشاۋەردى. ‏13 بەنى ئىسرائىل كېيىن كۈچەيگەندە، كەنئانلارنى ھاشارغا تۇتتى، لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارمىدى.
‏14 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: «بىز پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلغان چوڭ بىر خەلق تۇرساق، سەن نېمىشقا بىز ئۈچۈن بىرلا چەك تاشلاپ بىزگە بىرلا ھەسسە بەردىڭ؟» دەپ سورىدى. ‏15 يەشۇئا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر سىلەر چوڭ خەلق بولۇپ، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق زېمىنى سىلەرگە تار كەلگەن بولسا، ئورمانلىققا بېرىپ، ئۇ يەردىكى پەرىززىيلەر ۋە رېفائىيلارنىڭ زېمىنىدا دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۆزۈڭلارغا جاي چىقارمامسىلەر؟» دېدى. ‏16 لېكىن يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى: «تاغلىقتا بىزگە يەتكۈدەك جاي تېپىلمايدۇ. ئۇ يەردە ياشاۋاتقانلار، مەيلى ئويمان زېمىندا ئولتۇرۇشلۇق كەنئانلار بولسۇن، مەيلى بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا كاراشلىق يېزىلاردا ياشاۋاتقان خەلق بولسۇن، ياكى يىزرەئەلنىڭ ۋادىسىدا ياشاۋاتقان خەلق بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىكەن» دېيىشتى. ‏17 ئارقىدىن يەشۇئا يۈسۈپنىڭ جەمەتى بولغان ئەفرائىم بىلەن ماناسسەگە: «سىلەر چوڭ خەلق بولۇپ كۈچۈڭلار زىيادە بولغاچقا، سىلەرگە پەقەتلا بىر ھەسسە تەگمەيدۇ، ‏18 بەلكى تاغلىق زېمىنمۇ سىلەرگە بېرىلىدۇ. قويۇق ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر دەرەخلىرىنى كېسىپ، ئۆزۈڭلارغا جاي چىقىرىپ، ئۆپچۆرىلىرىگىمۇ ئىگە بولىسىلەر. كەنئانلار كۈچلۈك ھەم ئۇلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلەيسىلەر» دېدى.