يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى ماناسسە بىلەن ئەفرائىمنىڭ مىراس زېمىنى
16
‏1 چەك بويىچە يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەگكەن زېمىنلارنىڭ چېگرىسى يېرىخودىكى ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ يېرىخونىڭ سۇلىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە بېرىپ، چۆلدىن ئۆتۈپ بەيتەلنىڭ تاغلىقلىرىغا چىقىپ، ‏2 بەيتەلدىن تارتىپ لۇزغا، ئاندىن ئاركىيلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ ئاتاروتقا ئۇلىشىپ، ‏3 ئاندىن غەرب تەرەپكە بېرىپ، يافلەتىيلەرنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-خوروننىڭ زېمىنىغا چۈشۈپ، گېزەرگىچە بېرىپ، ئۇچى تاكى دېڭىزغىچە تۇتىشاتتى.
 
‏4 يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە، يەنى ماناسسە بىلەن ئەفرائىمغا تەگكەن مىراس ھەسسىسى تۆۋەندىكىچە:
‏5 ئەفرائىم قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنغان زېمىن تۆۋەندىكىچە: زېمىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى چېگرىسى ئاتاروت-ئادداردىن تارتىپ ئۈستۈن بەيت-خورونغىچە يېتىپ، ‏6 ئۇچى دېڭىزغا تۇتىشاتتى، چېگرا شىمالغا قاراپ مىكمەتاتقا چىقىپ، شەرق تەرەپتىكى تائانات-شىلوھقا قايرىلىپ، ئاندىن يانوئاھنىڭ شەرق تەرىپىگە ئۆتۈپ، ‏7 يانوئاھتىن چۈشۈپ، ئاتاروت بىلەن نائاراتتىن ئۆتۈپ يېرىخوغا يېتىپ، ئىئوردان دەرياسىغا ئۇلاشتى. ‏8 غەربتە چېگرا تاپپۇئاھتىن چىقىپ، قانا جىلغىسىغا سوزۇلۇپ، ئۇچى دېڭىزغا يەتتى. مانا بۇ زېمىنلار ئەفرائىم قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.
‏9 بۇنىڭدىن باشقا، ئەفرائىم قەبىلىسى ئۈچۈن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىراسىدىن شەھەرلەر ئايرىلىپ، بۇ ئايرىلغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى كەنتلىرى بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلدى. ‏10 ئەمما ئۇلار گېزەردە ئولتۇرۇشلۇق كەنئانلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتمىگەچكە، كەنئانلار بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ ئارىسىدا ياشاپ، ھاشارغا تۇتۇلغان خىزمەتكارلار بولۇپ كەلمەكتە.