يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ مىراس زېمىنى
15
1 يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلىرى بويىچە چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن جەنۇبتا ئېدومنىڭ چېگرىسىغا تۇتىشىپ، ئەڭ جەنۇب تەرىپىدە زىن چۆلىگە ئۇلاشقانىدى. 2 جەنۇبىي چېگرىسى شور دېڭىز ئايىغىدىكى جەنۇب تەرەپكە قارايدىغان دېڭىز قولتۇقىدىن باشلىنىپ، 3 چايان داۋىنىدىن جەنۇبقا مېڭىپ، زىندىن ئۆتۈپ، قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇب تەرىپىدىن، خەزروننى ياقىلاپ ئادارغا چىقىپ، ئاندىن كاركا تەرەپكە قايرىلىپ، 4 ئازموندىن ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ ۋادىسىغىچە سوزۇلۇپ، ئۇچى دېڭىزغا بېرىپ تۇتاشتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىدۇر. ■ 5 شەرق تەرەپتىكى چېگرىسى بولسا، شور دېڭىزنى بويلاپ، ئىئوردان دەرياسى ئېغىزىغىچە ئىدى. شىمال تەرەپتىكى چېگرىسى شور دېڭىز قولتۇقىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىن باشلىنىپ، 6 بەيت-خوگلاغا بېرىپ، بەيت-ئارابانىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىغا چىقىپ، 7 ئاندىن ئاكور ۋادىسى بىلەن ئۆتۈپ دېبىرغا چىقىپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرەپكە ئىلگىرىلەپ ۋادىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇمىم داۋىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن شەمەش بۇلىقىنىڭ سۇلىرىدىن ئۆتۈپ روگېل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى، 8 ئاندىن ئۇ يەردىن بەن-ھىننوم ۋادىسى بىلەن مېڭىپ، يەبۇس ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، ھىننوم ۋادىسىنىڭ غەرب تەرىپىدە ۋادىنىڭ ئۇدۇلىدا، رېفائىم ۋادىسىنىڭ شىمالىي ئۇچىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغىچە يېتىپ باردى. 9 ئاندىن بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نېفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلەرنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن قىريات-يېئارىم دەپ ئاتالغان بائالاغىچە كېلىپ، 10 بائالادىن ئۆتۈپ غەرب تەرەپكە قايرىلىپ، سېئىر تېغىغا بېرىپ، كېسالون دەپ ئاتالغان يېئارىم تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتۈپ، 11 شىمالغا قاراپ ئەقروننىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، شىكروندىن ئۆتۈپ بائالا تېغىنىڭ يېنى بىلەن بېرىپ، يابنەئەلگە ئۇلىشىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى.
12 غەرپ تەرەپتىكى چېگرىسى ئۇلۇغ دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە تۆت ئەتراپىدىكى چېگرىلىرى شۇ ئىدى.
كالەب ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىننى ئىگىلەيدۇ
13 پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن بۇيرۇقى بويىچە يەفۇننەنىڭ ئوغلى كالەبكە يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش بېرىلدى. ئۇنىڭغا كىريات-ئاربا، يەنى خېبرون ئاتا قىلىندى. ئاربا بولسا ئاناقنىڭ ئاتىسى ئىدى. ■ 14 كالەب ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىنى، يەنى ئاناقنىڭ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئوغلىنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. 15 ئاندىن ئۇ شۇ يەردىن دېبىر خەلقىگە قارشى يولغا چىقتى. دېبىر قەدىمكى زاماندا قىريات-سېفەر دەپ ئاتالغانىدى. 16 كالەب: «كىمكى قىريات-سېفەرگە ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكسانى خوتۇنلۇققا بېرىمەن» دېدى. 17 كالەبنىڭ ئۇكىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئەل شەھەرنى ئالدى. كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكسانى خوتۇنلۇققا بەردى. 18 ئۇ ئېرىنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭدىن ئۆز ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سورىشىنى تەلەپ قىلدى. قىز ئېشەكتىن چۈشكىنىدە، كالەب ئۇنىڭدىن: «بىرەر تەلىپىڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدى. 19 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «سەن ماڭا جەنۇب تەرەپتىكى قۇرۇق يەرنى بەرگەن ئىكەنسەن. سۇ بۇلاقلىرىنىمۇ قوشۇپ بەرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالەب يۇقىرىدىكى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.
يەھۇدا قەبىلىسىگە تەگكەن شەھەرلەر
20 يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى تۆۋەندىكىچە:
21 يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى، جەنۇبىي زېمىنىغا جايلاشقان شەھەرلىرى: قابسەئەل، ئېدەر، ياگۇر، 22 كىنا، دىمونا، ئادادا، 23 قادەش، خازور، يىتنان، 24 زىف، تېلەم، بېئالوت، 25 خازور-خەداتا، قىرىيوت، خەزرون، يەنى خازور، 26 ئامام، شەما، مولادا، 27 خازار-گاددا، خېشمون، بەيت-پېلەت، 28 خازار-شۇئال، بەئەرشېبا، بىزيوتيا، 29 بائالا، ئىيىم، ئېسەم، 30 ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ، 31 زىقلاگ، مادماننا، سانساننا، 32 لېبائوت، شىلخىم، ئايىن ۋە رىممون بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
33 غەربىي ئويمانلىقتىكى شەھەرلەر بولسا: ئەشتائول، زورا، ئاشناھ، 34 زانوئاھ، ئەن-گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام، 35 يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازېقا، 36 شائارايىم، ئادىتايىم، گەدەرا ۋە گەدەروتايىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
37 بۇنىڭدىن باشقا، زېنان، خاداشا، مىگدەل-خاد، 38 دىلېئان، مىسپاھ، يوقتەئەل، 39 لاكىش، بوزقات، ئېگلون، 40 كاببون، لاخمام، كىتلىش، 41 گېدېروت، بەيت-داگون، نائاما، ۋە ماققېدا بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
42 لىبنا، ئېتەر، ئاشان، 43 يىپتاھ، ئاشناھ، نېزىب، 44 قېئىلا، ئاكزىب ۋە مارەشا بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
45 ئەقرون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر، 46 ئەقروندىن تارتىپ دېڭىزغىچە ئاشدودنىڭ يېنىدىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر، 47 ۋە يەنە ئاشدود شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر، گازا شەھىرى ۋە مىسىر ۋادىسىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىز قىرغىقىغىچە بولغان زېمىندىكى گازاغا تەۋە يېزا-كەنتلەر.
48 تاغلىقلاردىكى شەھەرلەر: شامىر، ياتتىر، سوكوھ، 49 دانە، قىريات-سەنە، يەنى دېبىر، 50 ئاناب، ئەشتەموئا، ئانىم، 51 گوشەن، خولون ۋە گىلو بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
52 بۇنىڭدىن باشقا، ئاراب، دۇما، ئېشان، 53 يانىم، بەيت-تاپپۇئاھ، ئاپېقا، 54 خۇمتا، قىريات-ئاربا، يەنى خېبرون، ۋە زىيور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
55 مائون، كارمەل، زىف، يۇتتا، 56 يىزرەئەل، يوقدېئام، زانوئاھ، 57 قايىن، گىبېئا ۋە تىمناھ بولۇپ، جەمئىي ئون شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
58 خالخۇل، بەيت-زۇر، گەدور، 59 مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتەكون بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
60 قىريات-بائال، يەنى قىريات-يېئارىم ۋە راببا دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
61 چۆلدىكى شەھەرلەر: بەيت-ئارابا، مىددىن، سېكاكا، 62 نىبشان، تۇز شەھىرى ۋە ئەن-گەدى بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە كەنتلەر.
63 لېكىن يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇشلۇق يەبۇسىيلار بولسا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلمىگەچكە، بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن بىللە يېرۇسالېمدا ياشاپ كەلمەكتە.