ئىئورداننىڭ غەرب تەرىپىدىكى زېمىننىڭ ئۈلەشتۈرۈلۈشى
14
‏1 تۆۋەندىكىلەر كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە بەنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن بەنى ئىسرائىلغا كەنئان زېمىنىدا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنغان زېمىنلاردۇر: ‏2 پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق بۇيرۇغاندەك، بۇ مىراس زېمىنلار توققۇز يېرىم قەبىلە ئارىسىدا چەك تاشلاش ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ‏3 چۈنكى مۇسا قالغان ئىككى قەبىلە ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى زېمىنلارنى مىراس قىلىپ تەكسىم قىلىپ بەرگەنىدى، لېكىن ئۇ لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زېمىن مىراس قىلىپ بەرمىگەنىدى. ‏4 چۈنكى يۈسۈپنىڭ قەبىلىسى ماناسسە ۋە ئەفرائىم دېگەن ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنەتتى. لاۋىيلارغا بولسا ئۇ زېمىندا ئۆزلىرى تۇرغان شەھەرلەر ۋە چارۋا ماللىرىنى باقىدىغان يايلاق ۋە مال-جابدۇقلىرىدىن باشقا ئۈلۈش بېرىلمىگەنىدى. ‏5 بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، زېمىننى بۆلۈشۈۋالدى.
 
كالەبكە خېبرون بېرىلىدۇ
‏6 بۇ چاغدا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بىرنەچچە ئادەملەر گىلگالدىكى يەشۇئانىڭ ئالدىغا كېلدى. قېنىزىيلاردىن بولغان يەفۇننەنىڭ ئوغلى كالەب يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئادىمى مۇساغا، سەن ۋە مەن توغرۇلۇق قادەش-بارنېئادا نېمە دېگەنلىكىنى سەن بىلىسەن. ‏7 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا مېنى قادەش-بارنېئادىن بۇ زېمىننى چارلاشقا ئەۋەتكەندە قىرىق ياشتا ئىدىم، كۆڭلۈمدە بار سۆزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم. ‏8 ئەمما مەن بىلەن چىققان قېرىنداشلىرىم خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا مۇتلەق سادىق بولۇپ تۇردۇم. ‏9 شۇڭا مۇسا ئۇ كۈنى: ‹سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا مۇتلەق سادىق بولغىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پۇتۇڭ تەگكەن زېمىن چوقۇم ئەبەدكىچە سېنىڭ ۋە نەسلىڭگە تەۋە بولىدۇ› دەپ قەسەم قىلدى.
‏10 مانا ئەمدى، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇ سۆزنى سۆزلىگەندىن تارتىپ، بەنى ئىسرائىل چۆلدە ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن قىرىق بەش يىل داۋامىدا ئۆزى ئېيتقىنىدەك مېنى تىرىك ساقلىدى. مانا، مەن ھازىر سەكسەن بەش ياشقا كىردىم. ‏11 ھېلىمۇ مۇسا مېنى ئەۋەتكەن چاغدىكىدەك كۈچلۈكمەن، ھېلىمۇ جەڭ قىلىشقا ياكى بىر يەرگە بېرىپ-كېلىشكە ئىلگىرىكىدەك قۇۋۋىتىم بار. ‏12 ئەمدى ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار سۆزلىگەن بۇ تاغلىق زېمىننى ماڭا بەرگىن. ئۇ كۈنى سەن ئاناقىيلارنىڭ ئۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنى، شەھەرلىرىنىڭ ھەم چوڭ ھەم مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىڭ، ئەمما پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىللە بولسا، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك مەن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىمەن».
‏13 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا يەفۇننەنىڭ ئوغلى كالەبكە بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلىپ، خېبروننى ئۇنىڭغا مىراس قىلىپ بەردى. ‏14 شۇنىڭ بىلەن خېبرون بۈگۈنكى كۈنگىچە قېنىزىيلاردىن بولغان يەفۇننەنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ مىراسى بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا مۇتلەق سادىق بولغانىدى. ‏15 خېبرون ئىلگىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتالغانىدى. ئاربا ئاناقىيلار ئىچىدە ئەڭ چوڭ كىشى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى.