پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا سۆز قىلىشى
13
1 يەشۇئا خېلى ياشىنىپ قالغاندا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى ياشىنىپ قالدىڭ. لېكىن مىراس قىلىپ ئېلىنىدىغان تېخى نۇرغۇن زېمىن بار. 2 بۇ زېمىنلار بولسا مۇنۇلار: فىلىستىنلەر ۋە گەشۇرىيلارنىڭ پۈتۈن زېمىنى، 3 مىسىرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمال تەرەپتىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگرىگىچە بولغان كەنئانلارنىڭ زېمىنى، يەنى گازا، ئاشدود، ئاشقېلون، گات ۋە ئەقرون شەھەرلىرىدىكى بەش فىلىستىن بەگلىكىگە قارايدىغان زېمىنلار ۋە ئاۋۋىيلارنىڭ زېمىنى، 4 جەنۇب تەرەپتە كەنئانلارنىڭ پۈتۈن زېمىنى ۋە سىدونلۇقلارغا تەۋە بولغان مېئارادىن تارتىپ ئافېققىچە، يەنى ئامورىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە، 5 گىباللارنىڭ زېمىنى ۋە شەرق تەرەپتىكى خەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ خاماتقىچە پۈتۈن لىۋان زېمىنلىرى. 6 لىۋاندىن تارتىپ مىسرەپوت-مايىمغىچە تاغلىقلاردا تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە بارلىق سىدونلۇقلارنى مەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن بولساڭ بۇ زېمىنلارنى مەن ساڭا بۇيرۇغاندەك، چەك تاشلاپ ئىسرائىل خەلقىگە مىراس قىلىپ بۆلۈپ بەرگىن. رۇبەن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ مىراس زېمىنلىرى
7 سەن ئەمدى بۇ زېمىننى توققۇز قەبىلە بىلەن ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلغىن».
قانائان زىمىنىنىڭ تەقسىم قىلىنىشى (يەش. 21-13)
15 مۇسا رۇبەن قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەردى. 16 ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون دەرياسى بويىدىكى ئاروئەردىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر، مەدىبا يېنىدىكى پۈتۈن تۈزلەڭلىك، 17 خەشبون ۋە تۈزلەڭلىكتىكى ئۇنىڭغا تەۋە ھەممە شەھەرلەر، يەنى دىبون، باموت-بائال ۋە بەيت-بائال-مېئون، 18 ياھسا، قادېموت، مېفائات، 19 قىرياتايىم، سىبما ۋە جىلغىنىڭ تېغىدىكى زېرەت-شاخار، 20 بەيت-پېئور، پىسگانىڭ داۋانلىرى، بەيت-يىشىموت، 21 شۇنداقلا تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. مۇسا سىخوننى ۋە شۇ زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىتائىتىدە بولغان ئېۋى، رېقەم، زۇر، خۇر ۋە رېبا قاتارلىق مىدىيان ئەمىرلىرىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. 22 بەنى ئىسرائىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بېئورنىڭ ئوغلى پالچى بىلېئاممۇ بار ئىدى. ئۇلار ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. 23 رۇبەن قەبىلىسىنىڭ چېگرىسى ئىئوردان دەرياسى ئىدى. مانا بۇ رۇبەن قەبىلىسىگە، ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنغان زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر بىلەن كەنتلىرى ئىدى.
24 مۇسا گاد قەبىلىسىگە، يەنى گادنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەردى. 25 ئۇلارنىڭ زېمىنى يازەر، گىلېئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ۋە راببانىڭ ئالدىدىكى ئاروئەرگىچە سوزۇلغان ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ يېرىمى، 26 خەشبوندىن تارتىپ رامات-مىسپاھ ۋە بېتونىمغىچە، ماخانائىمدىن تارتىپ دېبىرنىڭ چېگرىسىغىچە، 27 ۋادىدىكى بەيت-ھارام، بەيت-نىمرا، سۇككوت، زافون، خەشبون ۋە پادىشاھى سىخوننىڭ زېمىنىنىڭ قالغان قىسمى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، چېگرىسى بولغان ئىئوردان دەرياسىنى ياقىلاپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى كىننەرەت كۆلىنىڭ ئۇ بېشىغىچە يېتىپ باردى. 28 مانا بۇ زېمىنلار ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر بىلەن كەنتلىرى گاد قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ھەسسىسى ئىدى.
29 مۇسا ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە، يەنى ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەردى. 30 ئۇلارنىڭ زېمىنى ماخانائىمدىن تارتىپ پۈتۈن باشان، يەنى باشان پادىشاھى ئوگنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق زېمىنى ۋە باشاندىكى يائىرنىڭ بارلىق كەنت-شەھەرلىرى، جەمئىي ئاتمىش شەھەر، 31 گىلېئادنىڭ يېرىمى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ شەھەرلىرى ئاشتاروت ۋە ئەدرەينى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېرىمى ئۈچۈن جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. 32 مانا بۇلار مۇسا يېرىخونىڭ يېنىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنغان زېمىنلاردۇر.
33 ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە مۇسا زېمىن مىراس قىلىپ بەرمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا دېگىنى بويىچە ئۇلارنىڭ مىراسى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئىدى.