راھاب ۋە ئىككى چارلىغۇچى
2
1 ئاندىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا شىتتىمدىن ئىككى چارلىغۇچىنى ئەۋەتىپ: «سىلەر بېرىپ زېمىننى، بولۇپمۇ يېرىخو شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ شۇ يەردە قوندى. ■ 2 لېكىن يېرىخونىڭ پادىشاھىغا: «بۇ كېچە بەنى ئىسرائىل تەرىپىدىن بىر نەچچە كىشى زېمىننى چارلاشقا بۇ يەرگە كەلدى» دەپ خەۋەر بېرىلدى. 3 بۇنىڭ بىلەن يېرىخونىڭ پادىشاھى راھابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «ساڭا كېلىپ، ئۆيۈڭگە كىرگەن كىشىلەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن زېمىننى چارلاشقا كەلدى» دېدى. 4 لېكىن ئايال ئۇ ئىككى كىشىنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ئۇ كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كەلدى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم. 5 ئەمما قاراڭغۇ چۈشۈپ، دەرۋازىنى تاقايدىغان ۋاقىت كەلگەندە بۇ كىشىلەر چىقىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى بىلمەيمەن. دەرھال ئارقىدىن قوغلىساڭلار، ئۇلارغا يېتىشەلەيسىلەر» دېدى. 6 ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئايال ئۇلارنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە دۆۋىلەپ قويغان زىغىر پاخاللىرىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى. 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەملەر ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىئوردان دەرياسىغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپ، دەريانىڭ كېچىكلىرىگىچە ئۇلارنى قوغلىدى. قوغلىغۇچىلار چىقىپ كەتكەن ھامان شەھەرنىڭ دەرۋازىسى تاقالدى.
8 ئايال بولسا مۇساپىر كىشىلەر ياتماستا، ئۆگزىگە چىقىپ، 9 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بۇ زېمىننى بەرگەنلىكىنى، ھەم سىلەرنىڭ دەھشىتىڭلار ئۈستىمىزگە چۈشۈپ، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى سىلەر سەۋەبلىك ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكىنى بىلىمەن. 10 چۈنكى بىز پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا قىزىل دېڭىزنى ئالدىڭلاردا قانداق قۇرۇتقانلىقىنى، ھەم سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى سىخون بىلەن ئوگغا نېمەلەرنى قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. 11 بۇلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا، قورققىنىمىزدىن يۈرىكىمىز ئاغزىمىزغا كەپلىشىپ، جېنىمىز چىقاي دەپ قالدى. چۈنكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ھەم يۇقىرىدا ئاسمانلارنىڭ ھەم تۆۋەندە يەرنىڭ خۇداسىدۇر. 12 ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە مەرھەمەت قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە مەرھەمەت قىلىشقا پەرۋەردىگار نامىدا قەسەم ئىچىپ بېرىڭلار، 13 ۋە ئاتا-ئانام، ئاكا-ئۇكىلىرىم ۋە ئاچا-سىڭىللىرىمنى، ھەم ئۇلارغا قاراشلىق بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھايات قالدۇرۇپ، بىزنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغىنىڭلارغا دائىر بىر كاپالەت بەلگىسى بېرىڭلار».
14 ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئەگەر سىلەر بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلار، جېنىمىز سىلەر ئۈچۈن پىدادۇر، پەرۋەردىگار بىزگە زېمىننى بەرگىنىدە، ساڭا مەرھەمەت قىلىپ ۋاپادارلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.
15 شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلارنى دېرىزىدىن بىر ئارغامچا بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سېپىلىدا ئىدى. ئۇ سېپىلنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. 16 ئۇ ئۇلارغا: «قوغلىغۇچىلار سىلەرگە ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاغلارغا چىقىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈنچە يوشۇرۇنۇڭلار. قوغلىغۇچىلار شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆز يولۇڭلارغا راۋان بولۇڭلار» دەپ جېكىلىدى.
17 ئۇ ئادەملەر ئايالغا: «سەن بىزگە قىلدۇرغان قەسەمنى چىڭ تۇتىمىز. 18 لېكىن ئېسىڭدە تۇتقىن: بىز زېمىنغا كىرگەندە، سەن بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە بۇ قىزىل ئارغامچىنى باغلاپ قويغىن ۋە ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى ئۆيۈڭگە يىغىپ جەم قىلغىن. 19 ئەگەر بىركىم ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكلىرىدىن تاشقىرىغا چىقسا، ئۇ ئۆز قېنىغا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ، بىز گۇناھكار بولمايمىز. لېكىن بىرەر كىشى ئۆيۈڭنىڭ ئىچىدە تۇرغانلارنىڭ بىرىگە قول تەگكۈزسە، ئۇنىڭ قېنىغا بىز جاۋابكار بولىمىز. 20 ئەمما ئەگەر سەن ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، بىز سەن بىزگە قىلدۇرغان قەسەمدىن ئازاد بولىمىز» دېدى.
21 ئايال: «دېگىنىڭلاردەك بولسۇن» دەپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، دېرىزىگە قىزىل ئارغامچىنى باغلاپ قويدى.
22 ئۇلار بولسا ئايرىلىپ مېڭىپ، تاغلارغا چىقىپ، قوغلىغۇچىلار قايتىپ كەلگۈچە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردى. قوغلىغۇچىلار يول بويى ئۇلارنى ئىزدەپ يۈرۈپمۇ، ئۇلارنى تاپالمىدى. 23 ئاندىن كېيىن بۇ ئىككى كىشى تاغدىن چۈشۈپ دەريادىن ئۆتۈپ، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا باشلىرىدەن ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. 24 ئۇلار يەشۇئاغا: «پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتۈن زېمىننى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى. ھەتتا ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىز سەۋەبلىك ساراسىمىگە چۈشتى» دېدى.
يېرىخو شەھىرىدىكى قوش قاتلاملىق سەپىللەر (يەش. 15:2)