ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈش
3
‏1 تاڭ سەھەردە يەشۇئا پۈتكۈل بەنى ئىسرائىل بىلەن شىتتىمدىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا كېلىپ دەريادىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئۇ يەردە بارگاھ تىكىپ تۇردى.
‏2 ئۈچ كۈندىن كېيىن سەردارلار بارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: ‏3 «سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، ۋە لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ھامان، تۇرغان جايىڭلاردىن چىقىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىڭلار. ‏4 لېكىن ئەھدە ساندۇقى بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا ئىككى مىڭ گەز ئارىلىق بولسۇن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. شۇنىڭ بىلەن قايسى يول بىلەن ماڭىدىغىنىڭلارنى كۆرەلىسىلەر، چۈنكى سىلەر ئۇ يولدىن ئىلگىرى مېڭىپ باقمىغان» دەپ بۇيرۇدى.   
‏5 يەشۇئا خەلققە: «ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاكلاڭلار، چۈنكى ئەتە پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا مۆجىزىلەر يارىتىدۇ» دېدى. ‏6 ئاندىن كېيىن يەشۇئا كاھىنلارغا: «ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
‏7 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: «مۇسا بىلەن بىللە بولغىنىمدەك سەن بىلەنمۇ بىللە بولىدىغىنىمنى بىلسۇن دەپ، مەن بۈگۈن سېنى ھەممە ئىسرائىل خەلقىنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ قىلىشقا باشلايمەن. ‏8 سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ‹سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىئوردان دەرياسى ئىچىدە تۇرۇپ تۇرۇڭلار› دېگىن» دېدى.
‏9 ئاندىن يەشۇئا بەنى ئىسرائىلغا: «بۇ يەرگە كېلىپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار» دېدى. ‏10 يەشۇئا يەنە مۇنداق دېدى: «تىرىك خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كەنئانلار، ھېتىتلار، خىۋۋىيلار، پەرىززىيلەر، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار ۋە يەبۇسىيلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىسىلەركى: ‏11 مانا، پۈتۈن يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىدۇ. ‏12 ئەمدى سىلەر ھەر قەبىلىدىن بىر ئادەمنى، ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن جەمئىي ئون ئىككى كىشىنى تاللاڭلار. ‏13 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پۈتۈن يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ تاپىنى ئىئورداننىڭ سۈيىگە تېگىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ يۇقىرىدىن ئاققان سۈيى توختاپ، يىغىلىپ تۇرىدۇ».
‏14 شۇنىڭ بىلەن خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن چېدىرلىرىنى يىغىپ يولغا چىقتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ‏15 ئەھدە ساندۇقئىنى كۆتۈرگەنلەر ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، ئەھدە ساندۇقئىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ تاپىنى، ئورما كۈنلىرىدە پۈتۈن قىرغاقلىرىدىن تېشىپ كەتكەن ئىئوردان سۈيىنىڭ لېۋىگە تەگكىنىدە، ‏16 يۇقىرىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇ توختاپ قېلىپ، يىراقتا ئادام شەھىرىنىڭ يېنىدا، زارىتاننىڭ ئۇدۇلىدا يىغىلىپ قالدى ۋە ئارابا دېڭىزى، يەنى شور دېڭىزغا قاراپ ئاقىدىغان ئېقىن تامامەن ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا دەريادىن ئۆتۈپ ماڭدى. ‏17 پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى قورۇتۇلغان ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇق يەردە مىدىرلىماي تۇردى.