ئىئوردان دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئون ئىككى تاش
4
1 پۈتۈن خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: 2 «ھەر قەبىلىدىن بىر ئادەمنى، خەلقنىڭ ئارىسىدىن جەمئىي ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ، 3 ئۇلارغا: ‹سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى تۇرغان جايدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، يېنىڭلاردا كۆتۈرۈپ، بۈگۈن كېچە بارگاھ قۇرىدىغان يەرگە ئېلىپ بېرىپ شۇ يەرگە قويۇڭلار› دېگىن». 4 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ھەر قەبىلىدىن بىر كىشىنى، يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن تاللىغان ئون ئىككى كىشىنى چاقىردى. 5 يەشۇئا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا بېرىپ، ھەربىرىڭلار بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانى بويىچە بىر تالدىن تاشنى مۈرەڭلارغا ئېلىپ كۆتۈرۈڭلار. 6 چۈنكى بۇ ئاراڭلاردا بىر يادىكار بولىدۇ. كېلىدىغان كۈنلەردە ئەۋلادىڭلار: ‹بۇ تاشلارنىڭ مەنىسى نېمە؟› دەپ سورىسا، سىلەر ئۇلارغا: 7 ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىدە ئىئورداننىڭ سۈيى كېسىلدى، بۇ سۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا كېسىلىپ، ئىككىگە بۆلۈندى. شۇڭا بۇ تاشلار بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر يادىكاردۇر› دەپ جاۋاب بېرىسىلەر». 8 شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل يەشۇئا ئۇلارغا بۇيرۇغاندەك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا قىلغان ئەمرى بويىچە بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانى بويىچە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ كۆتۈرۈپ، كېچىسى قونىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەرگە قويۇپ قويدى. 9 ئاندىن يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى تۇرغان جايغا ئون ئىككى تاشنى تىكلەپ قويدى. بۇ تاشلار بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇ يەردە تۇرماقتا.
10 مۇسا ئىلگىرى يەشۇئاغا بۇيرۇغىنى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن بۇيرۇقى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە ئەھدە ساندۇقئىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇرغانىدى. ۋە خەلق تېزلا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. 11 ھەممە خەلق ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن كاھىنلار خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا دەريادىن ئۆتتى. 12 رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسى مۇسانىڭ ئۇلارغا بۇيرۇغىنىدەك قورال-ياراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتتى. 13 قىرىق مىڭچە قوراللانغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىش ئۈچۈن يېرىخو تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ كەلدى. 14 ئۇ كۈندە پەرۋەردىگار يەشۇئانى ھەممە ئىسرائىلنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ قىلغاچقا، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇلار مۇسادىن قورققاندەك ئۇنىڭدىنمۇ قورقتى.
15 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: 16 «شاھادەت ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ‹ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار› دەپ بۇيرۇغىن» دېدى. 17 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا كاھىنلارغا: «ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 18 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، پۇتلىرى قۇرۇقلۇققا تەگكەن ھامان ئىئورداننىڭ سۈيى يەنە ئۆز جايىغا كېلىپ، ئاۋۋالقىدەك ھەممە قىرغاقلىرىدىن تېشىپ ئېقىشقا باشلىدى. 19 خەلق بىرىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يېرىخونىڭ شەرق چېگرىسىدىكى گىلگالغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
20 يەشۇئا ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئېلىپ كەلگەن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، گىلگالدا تىكلەپ قويدى. 21 ئۇ بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار ئۆز ئاتىلىرىدىن: ‹بۇ تاشلارنىڭ مەنىسى نېمە؟› دەپ سورىسا، 22 سىلەر بالىلىرىڭلارغا مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈڭلار: ‹ئىسرائىل قۇرۇتۇلغان ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. 23 چۈنكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار بىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈۋالغۇچە ئالدىمىزدا ئۇنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ بەرگەندەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋالغۇچە، ئالدىڭلاردا ئۇنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ بەردى. 24 ئۇ يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ قولى قانداق كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن ھەمىشە قورقۇشۇڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلدى›».