گىلگالدا ھەممە ئەركەك كىشىلەرنىڭ خەتنە قىلىنىشى
5
1 ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى ۋە دېڭىز بويىدىكى كەنئانلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ بەنى ئىسرائىل ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋالغۇچە، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئىئورداننىڭ سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگىنىنى ئاڭلىغاندا يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، بەنى ئىسرائىل سەۋەبىدىن قورقۇپ جېنى چىقاي دەپ قالدى. 2 بۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: «سەن تاشتىن پىچاقلار ياساپ، بەنى ئىسرائىلنى ئىككىنچى قېتىم خەتنە قىلغىن» دېدى. 3 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا تاشتىن پىچاقلار ياساپ، بەنى ئىسرائىلنى، «خەتنە دۆڭلۈكى» دېگەن جايدا، خەتنە قىلدى. 4 يەشۇئانىڭ ئۇلارنى خەتنە قىلىشىدىكى سەۋەبى شۇ ئىدىكى، مىسىردىن چىققاندا جەڭگە يارىغۇدەك بولغان ھەممە ئەركەكلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن يولدا كېتىپ بېرىپ، چۆلدە ئۆلۈپ كەتكەنىدى. 5 خەلقنىڭ مىسىردىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، خەلق يولدا يۈرۈپ چۆل-باياۋاندا بولغان ۋاقىتتا تۇغۇلغانلارنىڭ ھېچبىرى خەتنە قىلىنمىغانىدى. 6 بەنى ئىسرائىل قىرىق يىل چۆلدە ئايلىنىپ يۈرگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغاچقا، خەلق ئىچىدىكى مىسىردىن چىققاندا جەڭگە يارىغۇدەك بولغان ھەممە ئەر كىشىلىرى ئۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «ئۇلار مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرمىسۇن» دەپ قەسەم قىلغانىدى. 7 ئەمما ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالغان بالىلىرى يولدا خەتنە قىلىنمىغاچقا، يەشۇئا ئۇلارنى خەتنە قىلدى. 8 خەلقنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغاندىن كېيىن، ساقىيىپ بولغۇچە بارگاھتا قالدى. 9 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: «بۈگۈن مەن ئۈستۈڭلاردىن مىسىرنىڭ نومۇسىنى يۇمىلىتىپ ئېلىپ تاشلىدىم» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ جايغا گىلگال دەپ ئات قويۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. گىلگالدىكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى — ماننانىڭ چۈشۈشى توختاپ قېلىشى
10 بەنى ئىسرائىل گىلگالدا چېدىر-بارگاھ تىكىپ تۇرغان ۋاقىتتا، يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنىڭ ئاخشىمى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. ■ 11 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىقىدىن قىلىنغان پېتىر نان ۋە قوماچ يېدى. 12 ئۇلار شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقىدىن يېگەندىن كېيىن، ئەتىسى ماننانىڭ چۈشۈشى توختاپ قالدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ بەنى ئىسرائىلغا ماننا بولمىدى، بەلكى ئۇلار شۇ يىلدە كەنئان زېمىنىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئوزۇقلاندى.
يەشۇئانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى كۆرۈشى
13 يەشۇئا يېرىخوغا يېقىن كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا، قولىدا سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتۇپ تۇرغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. يەشۇئا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن: «سەن بىز تەرەپتىمۇ ياكى دۈشمەنلىرىمىز تەرەپتىمۇ؟» دەپ سورىدى. 14 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى بولۇپ كەلدىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ بېشىنى ئېگىپ سەجدە قىلىپ: «ئەي غوجام، خىزمەتكارىڭغا نېمە تاپشۇرۇقۇڭ بار؟» دەپ سورىدى. 15 پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەشۇئاغا: «سەن پۇتۇڭدىن چورۇقلىرىڭنى چىقارغىن، چۈنكى سەن تۇرغان يەر مۇقەددەس جايدۇر» دېدى. يەشۇئا ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدى.