يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىرىنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشى
6
‏1 يېرىخونىڭ سېپىللىرىنىڭ دەرۋازىلىرى بەنى ئىسرائىلنىڭ سەۋەبىدىن مەھكەم ئېتىلگەچكە، ھېچ كىشى كىرىپ چىقالمايتتى. ‏2 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: «مانا قارا، مەن يېرىخو شەھىرىنى، پادىشاھى ۋە باتۇر جەڭچىلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ‏3 ئەمدى سىلەر شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرۈڭلار، يەنى ھەممە جەڭچىلەر شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرسۇن. ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن، جەمئىي ئالتە كۈن شۇنداق قىلىڭلار. ‏4 ھەمدە قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان يەتتە بۇرغىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئەھدە ساندۇقئىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى كاھىنلار بۇرغىلارنى چالغاندا سىلەر شەھەرنىڭ ئەتراپىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىڭلار.    ‏5 ئەمما سوزۇلغان بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانغىنىدا، پۈتۈن خەلق نەرە تارتسۇن. بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ سېپىللىرى تېگىدىن غۇلاپ چۈشىدۇ. ئاندىن خەلق قوزغىلىپ ھەربىر كىشى ئۇدۇل ئالدىغا قاراپ ئېتىلسۇن».
‏6 شۇنىڭ بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار ۋە يەتتە كاھىن يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن» دېدى. ‏7 ئاندىن ئۇ خەلققە: «چىقىپ، شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىڭلار، قوراللىق كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن» دېدى. ‏8 يەشۇئا بۇلارنى خەلققە بۇيرۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن مېڭىپ، بۇرغىلارنى چالدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈپ مېڭىلدى. ‏9 قوراللىق كىشىلەر بۇرغا چالىدىغان كاھىنلارنىڭ ئالدىدا، قالغان قوشۇن ئەھدە ساندۇقئىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى. كاھىنلار ماڭغاچ بۇرغا چالاتتى.
‏10 يەشۇئا خەلققە: «سىلەر نەرە تارتماڭلار ياكى ئاۋاز چىقارماڭلار. ئاغزىڭلاردان بىر سۆز چىقمىسۇن، تاكى مەن سىلەرگە: ‹نەرە تارتىڭلار› دېگەن كۈن كەلگەندە، ئاندىن نەرە تارتىڭلار» دەپ بۇيرۇق بەرگەنىدى. ‏11 بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى شەھەرنىڭ ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلاندۇرۇلدى. ئاندىن ئۇلار بارگاھقا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە قوندى. ‏12 ئەتىسى يەشۇئا تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇردى. كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈردى. ‏13 يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى چېلىپ ماڭدى. قوراللىق كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا، قالغان قوشۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى. كاھىنلار ماڭغاچ بۇرغا چالاتتى. ‏14 ئىككىنچى كۈنىمۇ ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ، يەنە بارگاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئالتە كۈن شۇنداق قىلدى. ‏15 ئەمما يەتتىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوخشاش تەرىقىدە شەھەرنىڭ ئەتراپىنى يەتتە قېتىم ئايلاندى. ئۇلار پەقەتلا شۇ كۈنى شەھەرنىڭ ئەتراپىنى يەتتە قېتىم ئايلاندى. ‏16 يەتتىنچى ئايلىنىشتا كاھىنلار بۇرغا چالغان پەيتتە يەشۇئا خەلققە مۇنداق دېدى: «ئەمدى نەرە تارتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى. ‏17 ئەمما شەھەر ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بارلىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئۈچۈن ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلسۇن. پەقەتلا پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھايات قالدۇرۇلسۇن، چۈنكى ئۇ بىز ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قويدى. ‏18 سىلەر ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن نېرى تۇرۇڭلار، بولمىسا ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەرنى ئېلىشىڭلار بىلەن بەنى ئىسرائىلنىڭ بارگاھىنى بىر لەنەتكە ئۇچرىتىپ، ئۇنى بالايىئاپەتكە تىقىسىلەر. ‏19 ھەممە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن ياسالغان نەرسىلەر بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە كىرگۈزۈلسۇن». ‏20 كاھىنلار بۇرغا چالدى ۋە خەلق نەرە تارتتى. خەلق بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا قاتتىق نەرە تارتقىنىدا، سېپىللار تېگىدىن غۇلاپ چۈشتى. خەلق ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىردى، ھەربىر كىشى ئۇدۇل ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلدى. ‏21 ئۇلار شەھەر ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىپ، ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا-قوي ياكى ئېشەك بولسۇن ھەممىسىنى قىلىچ بىسى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. ‏22 يەشۇئا زېمىننى چارلاپ كەلگەن ئىككى كىشىگە: «سىلەر ئۇ پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا قىلغان قەسىمىڭلار بويىچە ئۇ ئايال ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار ئۇ ئۆيدىن ئېلىپ چىقىڭلار» دېدى.    ‏23 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى ياش چارلىغۇچى ئىچىگە كىرىپ، راھابنى ھەم ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە پۈتۈن بارلىقىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىسرائىلنىڭ بارگاھىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ‏24 ئۇلار شەھەرنى ئىچىدىكى پۈتۈن بارلىقى بىلەن قوشۇپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. پەقەتلا ئالتۇن-كۈمۈش ۋە مىس-تۆمۈردىن بولغان نەرسىلەرنى يىغىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇشتى. ‏25 لېكىن پاھىشە راھاب، يېرىخونى چارلاشقا ئەۋەتىلگەن ئادەملەرنى يوشۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن، يەشۇئا ئۇنى ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنى، پۈتۈن بارلىقى بىلەن بىللە، تىرىك قالدۇردى. ئۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا ياشاپ كەلمەكتە. ‏26 بۇ چاغدا يەشۇئا خەلققە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «كىمكى بۇ يېرىخو شەھىرىنى قايتا ياساشقا قوزغالسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قېلىپ، ئۇنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلىدىن، ئۇنىڭ دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا كىچىك ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ» دېدى.    ‏27 پەرۋەردىگار يەشۇئا بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇنىڭ شۆھرىتى پۈتۈن زېمىنغا تارقالدى.