ئاكاننىڭ گۇناھ قىلىپ ئىسرائىل ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرۈشى
7
‏1 لېكىن بەنى ئىسرائىل ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ۋاپاسىزلىق قىلدى. چۈنكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زېراھنىڭ ئەۋرىسى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى بولغان ئاكان ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىۋالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بەنى ئىسرائىلغا قوزغالدى.
‏2 يەشۇئا يېرىخودىن بەيتەلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بەيت-ئاۋەننىڭ يېنىدا بولغان ئاي شەھىرىگە بىرنەچچە كىشىنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا: «ئۇ يەرگە چىقىپ، زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر چىقىپ، ئاي شەھىرىنى چارلاپ كەلدى. ‏3 ئۇلار يەشۇئاغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: «ھەممە خەلقنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەتلا ئىككى ئۈچ مىڭچە كىشى بارسىلا ئۇلار ئاينى مەغلۇپ قىلالايدۇ. ھەممە خەلقنى ھارغۇزۇپ ئۇ يەرگە ئەۋەتمىگىن، چۈنكى ئۇ يەردىكىلەرنىڭ سانى ئاز» دېدى. ‏4 شۇنداق قىلىپ خەلقتىن ئۈچ مىڭچە كىشى ئۇ يەرگە باردى. لېكىن ئۇلار ئاينىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىدا قېچىپ كېتىشتى. ‏5 ئاينىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن ئوتتۇز ئالتىچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ساق قالغانلىرىنى دەرۋازىنىڭ سىرتىدىن شېبارىمغىچە قوغلاپ، ئۇ يەردىكى داۋاندا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى تىترەپ، سۇ بولۇپ كەتتى.
‏6 يەشۇئا ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى كىيىملىرىنى يىرتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ باشلىرىنى ئەگدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئاخشام بولغۇچە يېتىپ باشلىرىغا توپا چېچىشتى. ‏7 ئاندىن يەشۇئا مۇنداق دېدى: «ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، سەن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن بۇ خەلقنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزدۈڭمۇ؟ بىز رازى بولۇپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرىۋەرسەك بولمامتى؟ ‏8 ئەي ئىگەم، ئەمدى ئىسرائىل دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ قېچىپ كەتسە، مەن نېمە دەيمەن. ‏9 كەنئانلار ۋە زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بۇنى ئاڭلىسا، بىزنى قورشاپ مۇھاسىرىگە ئېلىپ، يەر يۈزىدىن نامىمىزنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. ئۇنداقتا، سەن ئۆزۈڭنىڭ ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغدايالايسەن؟».
‏10 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭدىن تۇر، نېمىشقا دۈم ياتىسەن؟ ‏11 ئىسرائىللار گۇناھ قىلىپ، مەن ئۇلارغا تاپىلىغان ئەھدىنى بۇزۇپ، ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ ئوغرىلىق قىلىپ، ئارقىدىن ئالدامچىلىق قىلىپ ئۇنى ئۆز ماللىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويغان. ‏12 شۇنىڭ ئۈچۈن بەنى ئىسرائىل دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالمايدۇ، لەنەتكە قالغاچقا، دۈشمەنلىرىدىن قېچىپ ئارقىسىغا يانىدۇ. ئەگەر سىلەر ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەرنى ئاراڭلاردىن تامامەن يوق قىلمىساڭلار، بۇندىن كېيىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن. ‏13 ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر، خەلقنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاكلاپ، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ‹ئەتىگىچە ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاكلاڭلار، چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىل، سېنىڭ ئاراڭدا ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسە باركى، بۇ ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋەتمىگۈچە دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايسەن». ‏14 ئەتە سىلەر قەبىلىلەر بويىچە ھازىر بولۇپ، پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن قەبىلىنىڭ جەمەتلىرى بىردىن-بىردىن ئالدىغا چىقسۇن، پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن جەمەتنىڭ ئائىلىلىرىمۇ بىردىن-بىردىن ئالدىغا چىقسۇن، پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ھەم بىردىن-بىردىن ئالدىغا چىقسۇن. ‏15 كىمكى ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىنى ئالغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇپ، ئىسرائىل ئىچىدە ھاماقەتلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئۆزى ۋە پۈتۈن بارلىقى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن›».
‏16 يەشۇئا ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ئىسرائىلنى يىغىپ، قەبىلىلىرىنى بىردىن-بىردىن ئالدىغا چىقاردى، چەك يەھۇدا قەبىلىسىگە چىقتى. ‏17 ئۇ يەھۇدانىڭ جەمەتلىرىنى ئالدىغا چىقارغىنىدا، چەك زېراھ جەمەتىگە چىقتى. ئاندىن زېراھ جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چىقارغىنىدا، چەك زابدىغا چىقتى. ‏18 ئاندىن ئۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئادەملىرىنى ئالدىغا چىقارغىنىدا، چەك يەھۇدا قەبىلىسىدىن زېراھنىڭ ئەۋرىسى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاكانغا چىقتى.
‏19 بۇ ۋاقىتتا يەشۇئا ئاكانغا: «ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئىقرار قىلىپ نېمە قىلغىنىڭنى ماڭا ئېيت، مەندىن يوشۇرما» دېدى. ‏20 ئاكان يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى «توغرا، مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلىپ مۇنۇلارنى قىلدىم: ‏21 ئولجىنىڭ ئارىسىدا قىممەت باھا بىر شىنار تونى، ئىككى يۈز شېكەل كۈمۈش ۋە ئېغىرلىقى ئەللىك شېكەل كېلىدىغان بىر ئالتۇن تاختىنى كۆرگىنىمدە كۆزۈم قىزىرىپ ئۇلارنى ئېلىۋالدىم. مانا، بۇ نەرسىلەر چېدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇپراققا كۆمۈكلۈك، كۈمۈش بولسا ئۇلارنىڭ تېگىدە». ‏22 يەشۇئا بىرنەچچە كىشىنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال چېدىرغا يۈگۈرۈپ باردى، ۋە دەرۋەقە ئۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ چېدىرىدا ۋە كۈمۈش ئۇ نەرسىلەرنىڭ تېگىدە ئىدى. ‏23 ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چېدىردىن ئېلىپ چىقىپ، يەشۇئانىڭ ۋە بەنى ئىسرائىل جامائىتى ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قويۇپ قويدى.
‏24 ئاندىن يەشۇئا ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى، زېراھنىڭ ئوغلى ئاكاننى، كۈمۈش، تون، ئالتۇن تاختا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى، كالا-قويلىرى، ئېشەكلىرى، چېدىرى ۋە پۈتۈن بارلىقى بىلەن بىرگە ئاكور ۋادىسىغا ئېلىپ باردى. ‏25 يەشۇئا ئۇنىڭغا: «سەن نېمىشقا ئۈستىمىزگە بالا كەلتۈردۈڭ؟ مانا، بۈگۈن پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ ئۈستۈڭگە بالا كەلتۈرىدۇ» دېدى. ئاندىن بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئۇنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چالما-كېسەك قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. ‏26 ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر تاش دۆۋىسى دۆۋىلەپ قويۇلدىكى، بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپى ياندى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ جايغا ئاكور ۋادىسى دەپ ئات قويۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە.