ھاي شەھىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش
8
‏1 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: «سەن ھېچ قورقماستىن، ھەم ھودۇقماستىن يېنىڭغا بارلىق جەڭچىلەرنى ئېلىپ، قوزغىلىپ، ئاي شەھىرىغا قارشى ئاتلانغىن. مانا قارا، مەن ئاينىڭ پادىشاھىنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى، شەھىرى ۋە زېمىنىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. ‏2 سەن يېرىخو شەھىرىگە ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلىسەن. لېكىن بۇ قېتىم سىلەر ئۇ يەردىن مال-مۈلۈك ۋە چارۋا مالنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. ئەمدى سەن شەھەرگە قارشى ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدە بۆكتۈرمە قويغىن».
قانائان جەنۇبىي تەرىپىدە يۈرگۈزۈلگەن ھەربىي يۈرۈشلەر («يە.» 10-5)
‏3 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ۋە پۈتۈن قوشۇن قوزغىلىپ، ئاي شەھىرىگە قارشى ئاتلاندى. يەشۇئا ئوتتۇز مىڭ باتۇر پالۋاننى تاللاپ، ئۇلارنى كېچىدە يولغا سېلىپ، ‏4 ئۇلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەر ئاگاھ بولۇپ، شەھەردىن بەك يىراقلاپ كەتمەي، شەھەرنىڭ كەينىدە مۆكۈپ يېتىپ، ھەممىڭلار تەييار تۇرۇڭلار. ‏5 مەن ۋە يېنىمدىكى بارلىق كىشىلەر شەھەرگە يېقىن بارىمىز، ئاندىن ئۇلار بۇرۇنقىدەك ئالدىمىزغا چىقىپ كەلسە، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز. ‏6 ئۇلار بىزنىڭ كەينىمىزدىن قوغلاپ چىقسا، بىز ئۇلارنى شەھەردىن يىراق ئېلىپ كېتىمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچقاندا، ئۇلار بىزنى ‹بۇرۇنقىدەك ئالدىمىزدىن قېچىپ كەتتى› دەپ ئويلايدۇ. ‏7 شۇ ۋاقىتتا سىلەر مۆكۈپ تۇرغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلىۋېلىڭلار. چۈنكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا بېرىدۇ. ‏8 شەھەرنى ئىگىلىۋالغىنىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شەھەرگە ئوت قويۇڭلار. مانا، بۇ مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن بۇيرۇقىم».
‏9 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار بېرىپ بەيتەل بىلەن ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاينىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمىدە ياتتى. يەشۇئا بولسا ئۇ كېچىسى خەلقنىڭ ئارىسىدا قالدى. ‏10 ئەتىسى يەشۇئا سەھەر تۇرۇپ، خەلقنى يىغىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاي شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. ‏11 ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەممە جەڭچىلەرمۇ ئاتلىنىپ، شەھەرنىڭ ئالدىغا يېقىن بېرىپ، ئاينىڭ شىمال تەرىپىدە بارگاھ قۇردى. ئۇلارنىڭ بارگاھى بىلەن ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. ‏12 يەشۇئا بەش مىڭچە ئادەمنى تاللاپ، بەيتەل بىلەن ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمىگە قويدى. ‏13 بارلىق ئادەملەر، يەنى ئاساسلىق قوشۇن شەھەرنىڭ شىمالىدا، بۆكتۈرمە قوشۇن بولسا شەھەرنىڭ غەربىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەشۇئا ئۇ كېچىسى جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا باردى.
‏14 ئەمما بۇنى كۆرگەن ئاينىڭ پادىشاھى ۋە شەھەردىكىلەر ئالدىراپ سەھەر قوپۇشتى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئارابا تۈزلەڭلىكىگە چىقتى، چۈنكى پادىشاھ شەھەرنىڭ كەينىدە بۆكتۈرمە قويۇلغىنىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ‏15 يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى ئۆزلىرىنى ئۇلارغا يېڭىلگەندەك قىلىپ كۆرسىتىپ، چۆل تەرەپكە قاچتى. ‏16 شەھەردە بار خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى. ئۇلار يەشۇئانى قوغلاپ كېتىپ، شەھەردىن يىراقلاپ كەتتى. ‏17 ئاي ۋە بەيتەلنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلنى قوغلىغىلى چىقمىغان بىرمۇ ئەر كىشى قالمىدى. ئۇلار شەھەرنى ئوچۇق قويۇپ، ھەممىسى ئىسرائىلنى قوغلاپ چىقىپ كېتىشتى.
‏18 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: «قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە قارىتىپ ئۇزاتقىن، چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا قولىدىكى نەيزىنى شەھەرگە قارىتىپ ئۇزاتتى. ‏19 ئۇ قولىدىكى نەيزىنى ئۇزاتقان ھامان بۆكتۈرمىدە ياتقانلار تېزلىكتە جايىدىن ئېتىلىپ چىقىپ شەھەرگە كىرىپ، ئۇنى ئىشغال قىلىپ، دەرھال ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ‏20 ئاينىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ ئارقىغا قارىسا، مانا، شەھەردىن ئاسمان-پەلەككە ئۆرلەپ چىقىۋاتقان تۈتۈننى كۆرۈشتى. ئۇلار يا ئۇ تەرەپكە يا بۇ تەرەپكە قاچالماي قالدى، چۈنكى چۆل تەرەپكە قاچقان ئىسرائىللارمۇ ئەمدى ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۆزلىرىنى قوغلاۋاتقانلارغا قارشى ئاتلاندى. ‏21 يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى بۆكتۈرمە قوشۇننىڭ شەھەرنى ئېلىپ بولغانلىقىنى، شەھەردىن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەندە، ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئاينىڭ ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ‏22 شەھەرنى ئالغانلارمۇ شەھەردىن چىقىپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى تەرەپتىن كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قاچۇرماي ۋە تىرىك قالدۇرماي قىرىپ تاشلىدى. ‏23 لېكىن ئۇلار ئاينىڭ پادىشاھىنى تىرىك تۇتۇپ، يەشۇئانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
‏24 ئىسرائىل دالىدا ۋە چۆلدە ئۆزلىرىنى قوغلىغان ئاينىڭ ئادەملىرىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى ئايغا يېنىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكىلەرنىمۇ قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. ‏25 شۇنداقكى، ئۇ كۈندە ئۆلتۈرۈلگەن پۈتۈن ئاي خەلقىنىڭ سانى ئەر-ئايال قوشۇلۇپ، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ كىشى ئىدى. ‏26 يەشۇئا ئاي خەلقىنىڭ ھەممىسى تەلتۆكۈس يوقىتىلغانغا قەدەر قولىدىكى ئۇزىتىپ تۇرغان نەيزىسىنى يىغمىغانىدى. ‏27 پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائىللار ئۆزلىرى ئۈچۈن پەقەتلا شەھەرنىڭ چارۋا مېلى ۋە غەنىيمەت مېلىنى ئولجا ئالدى. ‏28 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ئاي شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ، ۋەيران قىلىپ، ئۇنى بىر مەڭگۈلۈك خارابە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى. تاكى بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق تۇرماقتا. ‏29 ئاندىن ئۇ ئاينىڭ پادىشاھىنى ئاخشامغىچە بىر دەرەخقە ئېسىپ قويدى. ئاندىن كۈن پاتقاندا ئۇلار يەشۇئانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇنى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تاشلاپ، ئۈستىگە چوڭ بىر دۆۋە تاشنى دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە تۇرماقتا.
 
ئېبال تېغىدىكى قۇربانلىق سۇپىسى ۋە قانۇن كىتابىنى ئوقۇپ بېرىش
‏30 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ئېبال تېغىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ‏31 قۇربانلىق سۇپىسى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ بەنى ئىسرائىلغا بۇيرۇغىنى بويىچە، مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگىنىدەك، تۆمۈر ئەسۋاب تەگمىگەن پۈتۈن تاشلاردىن ياسالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇندى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. ‏32 يەشۇئا بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا تاشلارغا مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆچۈرۈپ ئويۇپ يازدى. ‏33 بارلىق ئىسرائىل خەلقى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى، سەردارلىرى ۋە ھاكىملىرى، شۇنداقلا مۇساپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلۇپ ياشاۋاتقانلار، ھەممىسى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلارغا يۈزلىنىپ تۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىلگىرى بەنى ئىسرائىلغا بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇغىنىدەك، خەلقنىڭ يېرىمى گەرىزىم تېغى ئالدىدا، قالغان يېرىمى ئېبال تېغى ئالدىدا تۇردى. ‏34 ئاندىن كېيىن يەشۇئا تەۋرات قانۇنىنىڭ پۈتۈن سۆزلىرىنى، بەرىكەتنى ۋە لەنەتنى، تەۋرات كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە ئوقۇپ بەردى. ‏35 شۇنداق قىلىپ يەشۇئا مۇسا بەرگەن بۇيرۇقلاردىن بىر سۆزمۇ كەم قىلماي، ھەممىسىنى پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى، جۈملىدىن ئايال-بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا ئوقۇپ بەردى.