گىبېئونلۇقلارنىڭ گوللىشى
9
1 ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە، تاغلىقلاردا، غەربىي ئويمانلىقتا ۋە ئۇلۇغ دېڭىز بويىدىكى لىۋانغىچە سوزۇلغان زېمىنلاردا ياشاۋاتقان ھەممە پادىشاھلار، يەنى ھېتىتلار، ئامورىيلار، كەنئانلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندا، 2 ھەممىسى يىغىلىپ يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىرلەشتى. 3 ئەمما گىبېئوندا ياشايدىغانلار يەشۇئانىڭ يېرىخو بىلەن ئايغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 4 ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئەلچىلەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يىرتىق كونا خۇرجۇنلار ۋە يىرتىق ياماق كونا شاراب تۇلۇملىرىنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، 5 پۇتلىرىغا ياماق چۈشكەن كونا چورۇقلارنى ۋە ئۇچىسىغا جۇل-جۇل چاپانلىرىنى كىيىپ، قۇرۇپ ئۇۋىلىپ كەتكەن نانلارنى يول ئوزۇقى قىلىپ، 6 گىلگالدىكى بارگاھقا يەشۇئانىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار يەشۇئا ۋە ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىگە: «بىز يىراق جايدىن كەلدۇق، ئەمدى بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭلار» دېدى. 7 لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى گىبېئوندىن كەلگەن خىۋۋىيلارغا جاۋاب بېرىپ: «سىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدىكى يەرلىكلەردىن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئۇنداق بولسا، سىلەر بىلەن قانداقمۇ ئەھدە تۈزەلەيمىز؟» دېدى. ■ 8 ئۇلار يەشۇئاغا: «بىز سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭدۇرمىز» دېدى. يەشۇئا ئۇلاردىن: «سىلەر كىم؟ نەدىن كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. 9 ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى ئاڭلىغىنى ئۈچۈن ناھايىتى يىراق جايدىن كەلدى. چۈنكى بىز ئۇنىڭ شۆھرىتىنى ۋە ئۇنىڭ مىسىردا قىلغان ھەممە ئىشىلىرىنى، 10 شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىغا، يەنى خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون ۋە ئاشتاروتتا تۇرۇشلۇق باشاننىڭ پادىشاھى ئوگغا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدۇق. 11 شۇڭا ئاقساقاللىرىمىز ۋە زېمىنىمىزدىكى بارلىق خەلق بىزگە: ‹سەپەر ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ، بېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا: «بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارلىرىڭلار بولىمىز، شۇڭا ئەمدى بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭلار» دەڭلار› دېيىشتى. 12 بىز سىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىققان كۈنى ئۆز يوللۇقىمىز ئۈچۈن ئىسسىق نان ئالغان ئىدۇق، مانا ئەمدى بۇ نانلار قۇرۇپ ئۇۋىلىپ كېتىپتۇ. 13 شارابنىڭ بۇ تۇلۇملىرى شاراب تولدۇرغىنىمىزدا يېڭى ئىدى، مانا ئەمدى يىرتىلىپ كېتىپتۇ. بىز كىيگەن بۇ چاپان-چورۇقلىرىمىزمۇ سەپەرنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن كونىراپ كەتتى» دېدى. 14 ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت ئالمايلا ئۇلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىدىن ئازراق ئالدى. 15 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزدى، ۋە ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇشقا ئەھدە تۈزدى. جامائەت رەھبەرلىرىمۇ ئۇلارغا شۇ توغرۇلۇق قەسەم قىلىپ بەردى.
16 ئۇلار ئەھدە تۈزۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان قوشنا خەلق ئىكەنلىكى ئۇلارغا مەلۇم بولدى. 17 شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل يولغا چىقتى، ۋە ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. گىبېئون، كېفىرا، بەئەروت ۋە قىريات-يېئارىم ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىدى. 18 لېكىن جامائەت رەھبەرلىرى ئىلگىرى ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغاچقا، بەنى ئىسرائىل ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جامائەت رەھبەرلەردىن ئاغرىنىپ غوتۇلداشتى. 19 لېكىن ھەممە رەھبەرلەر پۈتۈن جامائەتكە : «بىز ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ بەردۇق، شۇڭا ئەمدى ئۇلارغا قول تەگكۈزەلمەيمىز. 20 بىز ئۇلارغا مۇنداق قىلىمىز: ئۇلارغا بەرگەن قەسىمىمىز تۈپەيلى ئۈستىمىزگە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھايات قالدۇرىمىز» دېدى. 21 ئاندىن كېيىن رەھبەرلەر ئۇلارغا: «ئۇلارنى ھايات قالدۇرۇڭلار. ئەمما گىبېئون ئاھالىسى پۈتۈن جامائەت ئۈچۈن ئوتۇن يارغۇچى ۋە سۇ توشۇغۇچىلار بولىدۇ. خۇددى رەھبەرلەر ئۇلارغا ئېيتقاندەك» دېدى.
22 ئاندىن يەشۇئا گىبېئونلۇقلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر ئۆزۈڭلار ئارىمىزدا ياشاپ تۇرۇپ، نېمىشقا ‹بىز يىراقتىن كەلدۇق› دەپ بىزنى ئالدىدىڭلار؟ 23 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى سىلەر لەنەتكە قالىسىلەر ۋە مەڭگۈ خۇدايىمنىڭ بەيتى ئۈچۈن ئوتۇن يارىدىغان ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر» دېدى. 24 ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا: ‹ھەممە زېمىننى ساڭا بېرىپ، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىڭدىن يوقىتىمەن› دېگەن خەۋىرى بىز قۇللىرىڭغا مەلۇم بولغىنى ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ ئىشنى قىلىپ سالدۇق. 25 ئەمدى بىز قولۇڭغا چۈشكەندىن كېيىن، بىزگە نېمىنى ياخشى ۋە لايىق كۆرسەڭ، شۇنى قىلغىن» دېدى. 26 يەشۇئا شۇنداق قىلىپ، بەنى ئىسرائىل ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشىغا يول قويماي، ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالدى. 27 ئۇ كۈنى يەشۇئا ئۇلارنى بېكىتىلگەن جايدا جامائەت ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن ئوتۇن يارغۇچى ۋە سۇ توشۇغۇچى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.