گىبېئوندىكى جەنگ
10
1 ئەمما يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-سەدىق يەشۇئانىڭ ئاي شەھىرىنى بېسىۋېلىپ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلغىنىنى، يەنى يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ئاي بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ قىلغىنىنى ۋە گىبېئون ئاھالىسىنىڭ ئىسرائىل بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا، 2 ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى، چۈنكى گىبېئون چوڭ شەھەر بولۇپ، پايتەخت شەھەرلىرىگە ئوخشايتتى، ئاي شەھىرىدىن چوڭ ۋە ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى. 3 شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-سەدىق، خېبروننىڭ پادىشاھى ھوھام ۋە يارمۇتنىڭ پادىشاھى پىرامغا، شۇنداقلا لاكىشنىڭ پادىشاھى يافىيا ۋە ئېگلوننىڭ پادىشاھى دېبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ: 4 «يېنىمغا كېلىپ، گىبېئونغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىڭلار، چۈنكى ئۇلار يەشۇئا ۋە بەنى ئىسرائىل بىلەن سۈلھى تۈزۈپتۇ» دېدى. 5 شۇنداق قىلىپ ئامورىيلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، خېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى ۋە ئېگلوننىڭ پادىشاھى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى توپلاپ ئېلىپ چىقىپ، گىبېئوننىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 6 بۇ ۋاقىتتا گىبېئونلۇقلار گىلگالدىكى بارگاھقا يەشۇئانىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن ئۆز قۇللىرىڭدىن قولۇڭنى تارتىۋالمىغىن، دەرھال قېشىمىزغا كېلىپ، ياردەم بېرىپ بىزنى قۇتقۇزغىن. چۈنكى تاغللىقلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى بىزگە قارشى بىرلەشتى» دېدى.
7 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا پۈتۈن قوشۇنى ۋە بارلىق باتۇر پالۋانلارنى ئېلىپ، گىلگالدىن يولغا چىقتى. 8 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: «ئۇلاردىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ» دېدى. 9 يەشۇئا گىلگالدىن چىقىپ، پۈتۈن كېچە يول مېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 10 پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شۇنداق پاراكەندىچىلىك سالدىكى، بەنى ئىسرائىل ئۇلارنى گىبېئوندا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، بەيت-خورونغا چىقىدىغان يولدا ئۇلارنى قوغلاپ، ئازېقا ۋە ماققېداغىچە ئۇلارنى ئۇرۇپ-سۈرۈپ باردى. 11 ئۇلار بەنى ئىسرائىلدىن قېچىپ، بەيت-خوروندىن چۈشىدىغان داۋانغا يەتكەندە، پەرۋەردىگار ئۇلار ئازېقاغا بارغۇچە ئاسماندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ-چوڭ مۆلدۈر تاشلار ياغدۇردى. ئۇلار مۆلدۈردە ئۆلدى، ھەتتا مۆلدۈر تاشلىرى تەرىپىدىن ئۆلگەنلەر بەنى ئىسرائىلنىڭ قىلىچى تەرىپىدىن ئۆلگەنلەردىن كۆپ ئىدى.
12 پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى بەنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن كۈنى، يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «ئەي قۇياش، گىبېئون ئۈستىدە توھتاپ تۇر. سەنمۇ، ئەي ئاي، ئايالون ۋادىسىدا توختاپ تۇر!» دېگەنىدى. 13 شۇنىڭ بىلەن خەلق دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ بولغۇچە قۇياش ۋە ئاي توختاپ تۇردى. بۇ ۋەقە ياشەرنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ قۇياش پۈتۈن بىر كۈن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇرۇپ، پېتىشقا ئالدىرىمىدى. ■ 14 ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ كۈندەك پەرۋەردىگار بىر ئىنساننىڭ سۆزىگە ماقۇل بولغان بىر كۈن بولغان ئەمەس، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئۈچۈن جەڭ قىلدى. 15 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى گىلگالدىكى بارگاھقا قايتتى.
16 ئۇ بەش پادىشاھ بولسا قېچىپ، ماققېدادىكى بىر غارغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 17 بۇ توغرىسىدا يەشۇئاغا: «ئۇ بەش پادىشاھ تېپىلدى، ماققېدادىكى بىر غارغا يوشۇرۇنۇۋاپتۇ» دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلدى. 18 يەشۇئا: «ئۇنداق بولسا، غارنىڭ ئاغزىغا يوغان تاشلارنى دومىلىتىڭلار، ئالدىغا ئۇلارغا قارايدىغان ئادەم قويۇڭلار. 19 ئەمما سىلەر توختىماڭلار، دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلاپ، كەينىدە قالغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز شەھەرلىرىگە كىرىشىگە يول قويماڭلار. چۈنكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردى» دېدى. 20 يەشۇئا ۋە بەنى ئىسرائىل ئۇلارنى بەربات قىلىپ قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاز قىزمى بولغان قۇتۇلۇپ قالغانلار سېپىللىق شەھەرلەرگە قېچىپ كىرىۋالدى. 21 ئاندىن كېيىن ھەممە خەلق ماققېدادىكى بارگاھقا يەشۇئانىڭ يېنىغا تىنچ-ئامان قايتىپ كەلدى. ھېچكىم بەنى ئىسرائىلغا قارشى تىل ئۇزىتىشقا جۈرئەت قىلمىدى.
22 ئاندىن يەشۇئا: «غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇ بەش پادىشاھنى غاردىن چىقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. 23 ئۇلار شۇنداق قىلىپ، بەش پادىشاھنى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، خېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاكىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئېگلوننىڭ پادىشاھىنى غاردىن چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 24 پادىشاھلار يەشۇئانىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەندە، يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىنى يىغىپ، ئۆزى بىلەن جەڭگە چىققان لەشكەرلەرنىڭ سەردارلىرىغا: «كېلىپ، پۇتلىرىڭلارنى بۇ پادىشاھلارنىڭ گەدەنلىرىگە قويۇڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ پۇتلىرىنى ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە قويدى. 25 يەشۇئا ئۇلارغا: «سىلەر قورقماڭلار ۋە بوشىشىپ قالماڭلار، بەلكى قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك بولۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن جەڭ قىلىدىغان دۈشمەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق قىلىدۇ» دېدى. 26 ئاندىن كېيىن يەشۇئا بۇ پادىشاھلارنى چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويدى. ئۇلار ئاخشامغىچە دەرەخلەردە ئېسىقلىق تۇردى. 27 كۈن پاتقاندا يەشۇئانىڭ بۇيرۇقى بىلەن پادىشاھلارنىڭ جەسەتلىرى دەرەخلەردىن چۈشۈرۈلۈپ، ئۇلار ئۆزلىرى ئىلگىرى يوشۇرۇنغان غارغا تاشلاندى. غارنىڭ ئاغزىغا يوغان تاشلار قويۇپ قويۇلدى، بۇ تاشلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. 28 يەشۇئا ئۇ كۈنى ماققېدا شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىسى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىنى ماققېدانىڭ پادىشاھىغىمۇ قىلدى. 29 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى ماققېدادىن چىقىپ، لىبناغا بېرىپ لىبنا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 30 پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ پادىشاھى بىلەن قوشۇپ بەنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى، شۇنداقكى، يەشۇئا ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى ۋە يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىنى ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ قىلدى.
31 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى لىبنادىن چىقىپ، لاكىشقا بېرىپ، ئۇنى قورشاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 32 پەرۋەردىگار لاكىش شەھىرىنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەچكە، ئۇلار ئۇنى ئىككىنچى كۈنى ئىشغال قىلىپ، خۇددى لىبناغا قىلغىنىدەك، ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. 33 بۇ ۋاقىتتا گېزەرنىڭ پادىشاھى ھورام، لاكىش شەھىرىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى. لېكىن يەشۇئا ئۇنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ، بىرىنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلىدى.
34 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى لاكىشتىن چىقىپ ئېگلونغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا بارگاھ قۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 35 ئۇلار شۇ كۈنى ئۇنى ئىگىلەپ، خۇددى لاكىشقا قىلغىنىدەك، ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى شۇ كۈنى قىلىچ بىسى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.
36 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى ئېگلوندىن چىقىپ خېبرونغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، 37 ئۇنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە ھەممە شەھەرلىرىنى ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىسى بىلەن قىرىپ تاشلىدى. يەشۇئا خۇددى ئېگلونغا قىلغىنىدەك، ئۇنى ۋەيران قىلىپ، ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتى.
38 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى قايتىپ دېبىرغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، 39 ئۇنى ئىشغال قىلىپ، پادىشاھى ۋە ھەممە شەھەرلىرىنى، ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىسى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. يەشۇئا خېبرون ۋە لىبنا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىنى دېبىر ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ قىلدى. 40 بۇ تەرىقىدە يەشۇئا تاغلىق زېمىن، جەنۇبىي زېمىن، غەربىي ئويمانلىق ۋە داۋاندىكى زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك ئۇ بىرىنىمۇ قويماي جېنى بارلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. 41 يەشۇئا ئۇلارنى قادەش-بارنېئادىن تارتىپ گازاغىچە مەغلۇپ قىلىپ، گوشەن پۈتۈن زېمىنىنى تاكى گىبېئونغىچە ئالدى. 42 يەشۇئا بىر قېتىمدىلا بۇ ھەممە پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى، چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى. 43 ئاندىن كېيىن يەشۇئا ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل قوشۇنى گىلگالدىكى بارگاھقا قايتتى.