شىمالىي پادىشاھلار بىلەن جەڭ قىلىش
11
1 خازورنىڭ پادىشاھى يابىن بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، مادوننىڭ پادىشاھى يوباب، شىمروننىڭ پادىشاھى ۋە ئاكشافنىڭ پادىشاھىغا، 2 شىمال تەرەپتىكى تاغلىق زېمىن، كىننەرەتنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئارابا تۈزلەڭلىكى، غەربىي ئويمانلىق ۋە غەرب تەرەپتىكى دور ئېگىزلىكىنىڭ پادىشاھلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، 3 شەرق بىلەن غەرب تەرەپتىكى كەنئانلارنى، ئامورىيلار، ھېتىتلار ۋە پەرىززىيلەرنى، تاغلىقتىكى يەبۇسىيلارنى ۋە خەرمون تاغ ئېتىكىدىكى مىسپاھ زېمىنىدا ئولتۇرۇشلۇق خىۋۋىيلارنى چاقىرتتى. 4 بۇ پادىشاھلار بارلىق قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئادەملەر، نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن يولغا چىقتى. 5 بۇ ھەممە پادىشاھلار بىرلىشىپ، ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مېروم سۇلىرىنىڭ بويىغا كېلىپ چېدىر-بارگاھ تىكتى.
قانائان شىمالىي تەرىپىدە يۈرگۈزۈلگەن ھەربىي يۈرۈشلەر («يە.» 11)
6 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: «سەن ئۇلاردىن ھېچ قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ھالاكەتكە ئۇچرىتىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكىن» دېدى.
7 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ۋە ئۇنىڭ ھەممە جەڭچىلىرى مېروم سۇلىرىنىڭ بويىغا بېرىپ، تۇيۇقسىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. 8 پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەچكە، ئىسرائىل ئۇلارنى ئۇرۇپ، بۈيۈك سىدون ۋە مىسرەپوت-مايىمغىچە، شەرق تەرەپتە مىسپاھ ۋادىسىغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلىدى. 9 يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كەستۈرۈپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
10 ئوخشاش ۋاقىتتا يەشۇئا قايتىپ كېلىپ، خازورنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. چۈنكى خازور ئىلگىرى پۈتۈن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ پايتەختى بولغانىدى. 11 ئۇلار شەھەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، جېنى بارنىڭ بىرىنى قويماي تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، يەشۇئا خازورنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 12 يەشۇئا باشقا ھەممە پايتەخت شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. 13 لېكىن بەنى ئىسرائىل يەشۇئا كۆيدۈرۈۋەتكەن خازوردىن باشقا، دۆڭلۈكلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان شەھەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى كۆيدۈرمىدى. 14 بۇ شەھەرلەردىكى مال-مۈلۈكنى بەنى ئىسرائىل ئۆزلىرى ئۈچۈن ئولجا قىلىپ ئالدى، لېكىن ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، جېنى بارنىڭ بىرىنى قويماي يوقاتتى.
يەشۇئانىڭ كەنئان زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشى
15 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك مۇسامۇ يەشۇئاغا بۇيرۇغانىدى. يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدىن بىرىنى قالدۇرماي، ھەممىسىگە ئەمەل قىلدى. 16 بۇ تەرىقىدە يەشۇئا زېمىننىڭ ھەممىسىنى، يەنى تاغلىق، پۈتۈن جەنۇبىي زېمىن، پۈتۈن گوشەن زېمىنى، غەربىي ئويمانلىق ۋە ئارابا تۈزلەڭلىكى ھەم ئىسرائىلنىڭ تاغلىق ۋە ئويمانلىق زېمىنىنى، 17 سېئىر تەرەپكە يۈكسەلگەن خالاق تېغىدىن تارتىپ، خەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى لىۋان ۋادىسىغا جايلاشقان بائال-گادقىچە يېيىلغان زېمىننى ئىگىلىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. 18 يەشۇئا بۇ ھەممە پادىشاھلارغا قارشى ئۇزۇن مەزگىل جەڭ قىلدى. 19 گىبېئوندا ئولتۇرۇشلۇق خىۋۋىيلاردىن باشقا ھېچبىر شەھەر بەنى ئىسرائىل بىلەن سۈلھى تۈزمىدى. بەنى ئىسرائىل ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى. 20 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنىڭ رەھىم قىلىنماي تۆلتۆكۈس يوقىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قەلبىنى قاتتىق قىلىپ ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغۇزغانىدى.
21 بۇ چاغدا يەشۇئا كېلىپ، ئاناقىيلارنى تاغلىقلاردىن، خېبروندىن، دېبىر بىلەن ئانابتىن، يەھۇدانىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە تاغلىقلىرىدىن قوغلاپ يوقاتتى. يەشۇئا ئۇلارنى شەھەرلىرى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. 22 بۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچ ئاناقىي قالمىدى، پەقەتلا گازا، گات ۋە ئاشدودتا ساق قالغانلار بار ئىدى.
23 شۇنداق قىلىپ يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ھەممە زېمىننى ئېلىپ، ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ قەبىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلدى. ئاندىن زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى.