مۇسانىڭ ۋاپات بولۇشى
34
1 ئاندىن مۇسا موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىن نېبو تېغىنىڭ ئۈستىگە، يەنى يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى پىسگانىڭ چوققىسىغا چىقتى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پۈتۈن زېمىننى كۆرسەتتى. ئۇ ئۇنىڭغا گىلېئادتىن تارتىپ دانغىچە، 2 پۈتۈن نافتالى، ئەفرائىم ۋە ماناسسەنىڭ زېمىنىنى يەھۇدا زېمىنى بىلەن قوشۇپ غەربتىكى دېڭىزغىچە، 3 جەنۇبىي زېمىن ۋە ‹خورمىلىق شەھەر› دەپ ئاتالغان يېرىخو ۋادىسىنىڭ تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە، ھەممىسىنى كۆرسەتتى. 4 ئاندىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «مەن قەسەم قىلىپ: ‹بۇنى سېنىڭ نەسلىڭگە بېرىمەن› دەپ ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا ۋەدە قىلغان زېمىن بۇدۇر. ئەمدى ساڭا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈشنى نېسىپ قىلدىم، لېكىن ئۆزۈڭ ئۇ يەرگە كىرەلمەيسەن» دېدى. 5 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇ يەردە موئابنىڭ زېمىنىدا ۋاپات بولدى. 6 پەرۋەردىگار ئۇنى موئابنىڭ زېمىنىدىكى ۋادىغا، بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدا دەپنە قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ قەبرىسى قەيەردە ئىكەنلىكىنى بۇ ۋاقىتقىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ. 7 مۇسا ۋاپات بولغان چاغدا بىر يۈز يىگىرمە ياشتا ئىدى، لېكىن كۆزلىرى ھېچ ئاجىزلىشىپ قالمىغانىدى، بەدىنىنىڭ كۈچىمۇ ھېچ كېمەيمىگەنىدى. 8 بەنى ئىسرائىل مۇسا ئۈچۈن موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئوتتۇز كۈنگىچە ماتەم تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغلايدىغان كۈنلەر تۈگىگەنىدى.
9 مۇسا ئۆز قوللىرىنى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ ئۈستىگە قويغاچقا، ئۇ ھېكمەتنىڭ روھى بىلەن تولغانىدى. شۇنداقكى، بەنى ئىسرائىل ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ تۇردى. 10 لېكىن مۇسادەك پەرۋەردىگار بىلەن يۈزمۇ-يۈز سۆزلەشكەن بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى چىقمىدى. 11 مۇسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مىسىر زېمىنىغا ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىغا ۋە پۈتۈن زېمىنىغا ھەممە كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، 12 پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە بۈيۈك ھەيۋەتلىك ئىشلارنى نامايان قىلدى.