مۇسانىڭ بەنى ئىسرائىلغا خەيرلىك دۇئا ئوقۇشى
33
‏1 خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسا ۋاپاتىدىن ئىلگىرى بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان خەيرلىك دۇئا بۇدۇر. ‏2 ئۇ مۇنداق دېدى:
«پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىن چىقىپ كېلىپ،
سېئىردىن ئۇلارغا نۇر چېچىپ ئايان بولۇپ،
پاران تېغىدىن چاقناپ زاھىر بولدى.
نەچچە مىڭ مۇقەددەسلەرنىڭ ئارىسىدا چىقىپ كەلدى.
ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا ئىسرائىل ئۈچۈن ئوتلۇق پەرمانى بار ئىدى.
‏3 ئۇ خەلقنى سۆيىدۇ.
خەلق ئىچىدىكى ھەممە پاك مۇقەددەس بەندىلىرىڭ سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. ئۇلار ئاياغلىرىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ سۆزۈڭنى قوبۇل قىلىدۇ.
‏4 مۇسا بىزگە بىر قانۇننى تاپشۇرۇپ،
ياقۇبنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى.
‏5 خەلقنىڭ باشلىقلىرى جەم بولغىنىدا،
ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرى بىر بولۇپ يىغىلغىنىدا،
يەشۇرۇننىڭ بىر پادىشاھى بار ئىدى.
 
‏6 رۇبەن بولسا، ئۆلمەي ھايات قالسۇن، ئادەملىرىمۇ ئازايمىسۇن».
‏7 يەھۇدا توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەي پەرۋەردىگار، يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىن، ئۇنى ئۆز خەلقىگە قايتۇرغىن. ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئەمدى سەن ئۇنىڭغا دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن مەدەت بولغىن».
‏8 لاۋىي توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «‹ئۇرىم› ۋە ‹تۇمىم›لىرىڭ سېنىڭ بۇ تەقۋادار بەندەڭگە تەگسۇن. سەن ئۇنى ماسسادا سىناپ باقتىڭ، مەرىبا سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تارتىشتىڭ.   
‏9 ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: ‹ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن› دېدى، ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئايىمىدى ۋە ئۆز بالىلىرىنى تونۇمىدى، بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭنى تۇتۇپ ئەھدەڭنى ساقلىدى. ‏10 مانا، لاۋىيلار ياقۇبقا ئەھكاملىرىڭنى ئۇقتۇرۇپ، ئىسرائىلغا قانۇنۇڭنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرىدۇ، قۇربانلىق سۇپاڭغا پۈتۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ‏11 ئەي پەرۋەردىگار، لاۋىينىڭ كۈچىگە بەرىكەت بەرگىن، قوللىرىنىڭ ئىشىنى قوبۇل قىلغىن. ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچى ۋە ئۇنى ئۆچ كۆرگۈچىلەرنىڭ بەللىرىنى قوپالمىغۇدەك قىلىپ سۇندۇرغىن».
‏12 بەنيامىن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگىنى بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھەمىشە سايە بولسۇن. ئۇ ئۇنىڭ مۈرىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىپ، ئۇنىڭ قېشىدا تىنچ-ئامان ياشىسۇن».   
‏13 يۈسۈپ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ زېمىنىنى پەرۋەردىگار بەرىكەتلىك قىلسۇن. ئۇ ئاسماننىڭ ئېسىل نېمەتلىرى، شەبنەم ۋە يەر تېگىدىكى نېمەتلەر بىلەن، ‏14 كۈندىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلەر ۋە ئايدىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلەر بىلەن، ‏15 قەدىمكى تاغلارنىڭ قىممەت باھا غەزىنىلىرى ۋە مەڭگۈلۈك تۆپىلىكلەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، ‏16 يەرنىڭ ھوسۇلى ۋە پۈتۈن بارلىقى بىلەن، شۇنىڭدەك تىكەنلىك چاتقالدا ئولتۇرغۇچىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بەرىكەت تاپسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ بېشىغا، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ چوققىسىغا چۈشسۇن. ‏17 بۇقىلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇنجىسى ئۇنىڭغا شەرەپ كەلتۈرىدۇ،
ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭكىدەك بولىدۇ. ئۇلار بىلەن ئۇ ھەممە خەلقلەرنى، ھەتتا يەرنىڭ چەتلىرىدە ياشايدىغانلارنىمۇ ئۈسىدۇ. ئەفرائىمنىڭ ئون مىڭلىرى شۇنداق بولىدۇ، ماناسسەنىڭ مىڭلىرىمۇ شۇنداق بولىدۇ».   
‏18 زەبۇلۇن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەي زەبۇلۇن، سەن تېشىغا چىقساڭ، شادلانغىن. ئەي ئىسساكار، ئۆز چېدىرلىرىڭدا خۇش بولغىن. ‏19 مانا، ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىپ، ئۇ يەردە ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ. ئۇلار دېڭىزلارنىڭ بايلىقى ۋە قۇمغا كۆمۈلگەن خەزىنىلەرنى چىقىرىپ يىغىدۇ».
‏20 گاد توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «گادقا بۇنداق كەڭرى زېمىننى بەرگەنگە ھەمدۇسانا بولغاي. گاد، قول ۋە كاللا پارچىلايدىغان بىر چىشى شىردەك ئولتۇرماقتا. ‏21 ئۇ يەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۈلۈشى ساقلانغاچ، ئۇ ئۆزىگە ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى. ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن چىقىپ، ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتىنى تىكلەپ، ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلدى».
‏22 دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «دان بولسا باشاندىن سەكرەپ چۈشكەن بىر ياش شىردەكتۇر».
‏23 نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەي يەتكۈدەك مېھىر-شەپقەتكە ئېرىشكەن، پەرۋەردىگاردىن كەلگەن نېمەت بىلەن تولۇپ كەتكەن ناپھتالى، سەن غەرب بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن».
‏24 ئاشەر توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاشەر ئوغۇللار ئارىسىدا بەرىكەتلىك بولىدۇ. ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىلتىپات كۆرسۇن، ئۆز پۇتىنى ياغقا چىلىسۇن. ‏25 سېنىڭ بالداقلىرىڭ تۆمۈر ۋە مىستىن بولسۇن. سېنىڭ كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچ-قۇدرىتىڭمۇ شۇنداق بولسۇن».
 
‏26 «ئەي يەشۇرۇن، خۇداغا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوقتۇر.
ئۇ ساڭا ياردەم بەرگىلى كۆككە مىنىپ،
شۇنداقلا شان-شەرىپى بىلەن بۇلۇتلارغا مىنىپ كېلىدۇ.
‏27 ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ پاناھگاھىڭ بولىدۇ،
مەڭگۈلۈك بىلەكلىرى ئاستىڭدا تۇرىدۇ.
ئۇ سەن ئۈچۈن دۈشمەنلەرنى قوغلىۋېتىپ:
‹ئۇلارنى ھالاك قىلغىن› دەپ ساڭا بۇيرۇيدۇ. ‏28 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئامانلىقتا تۇرىدۇ.
ياقۇبنىڭ بۇلىقى ئاشلىق ۋە شارابى بار بىر زېمىندا،
شەبنەم تېمىتىدىغان ئاسمىنىنىڭ ئاستىدا تىنچ-ئامان تۇرىدۇ.
‏29 ئەي ئىسرائىل، بەختلىكسەن! ساڭا ئوخشاش كىم بار؟
سەن پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزغان خەلقىدۇرسەن.
ئۇ سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ ۋە شانلىق قىلىچىڭدۇر.
سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ قورقۇپ ساڭا بويسۇنىدۇ
ۋە سەن ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكلىرىنىڭ ئۈستىدە ماڭىسەن».