32
1 ئەي ئاسمانلار، مەن سۆزلىسەم، قۇلاق سال. ئەي يەر، ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا!
2 تەلىمىم يامغۇر كەبى تامىدۇ،
سۆزلىرىم شەبنەم كەبى چۈشىدۇ.
ئۇلار مايسىلارغا چۈشكەن سىم-سىم يامغۇردەك،
چىمەنلەرگە ياغقان مول يامغۇردەكتۇر.
3 چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى جاكارلايمەن:
خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار.
4 ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى مۇكەممەلدۇر،
ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى توغرىدۇر.
ئۇ ھەقسىزلىق قلىمايدىغان ۋاپادار خۇدادۇر،
ئۇ ئادىل ۋە ھەققانىيدۇر.
5 ئەمما بۇ خەلق بولسا ۋاپاسىزلىق قىلدى.
ئۇلار ئۇنىڭ بالىلىرى بولالمىغىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئەيىبىدۇر.
ئۇلار ئەگرى ۋە ئازغۇن بىر نەسىلدۇر.
6 ئەي ئەخمەق نادان خەلق، پەرۋەردىگارغا شۇنداق ياندۇرامسەن؟
ئۇ سېنىڭ ئاتاڭ بولۇپ، ساڭا ئىگىدارچىلىق قىلىپ،
سېنى يارىتىپ پەيدا قىلغان ئەمەسمۇ؟
7 سەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئالغىن،
نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتكەن يىللارنى ئويلىغىن.
ئاتاڭدىن سورىساڭ، ئۇ ساڭا سۆزلەپ بېرىدۇ،
ئاقساقاللىرىڭغا سوئال قويساڭ، ئۇلار ساڭا جاۋاب بېرىدۇ.
8 ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا خەلقلەرنىڭ ئۈلۈشلىرىنى بۆلۈشتۈرگەندە،
ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەر جايغا چاچقىنىدا
ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرىلىرىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ سانى بويىچە بېكىتتى.
9 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نېسىۋىسى ئۇنىڭ خاس خەلقى بولىدۇ.
ياقۇب ئۇنىڭ چەك بىلەن چۈشكەن مىراسىدۇر.
10 ئۇ ئۇنى چۆلدە، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلايدىغان دەھشەتلىك باياۋاندا تاپتى.
ئۇ ئۇنى چۆرىدەپ، ئۆز پاناھىغا ئېلىپ،
كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرىدى.
11 بىر بۈركۈت ئۆز چاڭگىسىنى تەۋرىتىپ،
بالىسىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ،
قاناتلىرىنى يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ،
پەيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگىنىدەك،
12 پەرۋەردىگارمۇ ئۇنى يالغۇز ئۆزى شۇنداق يېتەكلىدى.
ئۇنىڭ يېنىدا باشقا ھېچبىر يات ئىلاھ يوق ئىدى.
13 ئۇ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ ئېگىزلىكلىرىگە چىقىرىپ،
دالانىڭ ھوسۇلىدىن يېگۈزدى.
ئۇ قورام تاشتىن ئۇنىڭغا ھەسەل سۈمۈرتۈپ،
قوزىلارنىڭ يېغى، باشان قوچقارلىرى ۋە تېكىلىرىنىڭ گۆشى
ۋە ئېسىل بۇغداينىڭ دانلىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇردى.
سەن ئۈزۈم قېنى بولغان شارابنى ئىچتىڭ.
15 لېكىن يەشۇرۇن سەمرىپ، تەپكەك بولۇپ قالدى.
سەن سەمرىپ بوردىلىپ كەتتىڭ!
ئۇ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانى تاشلاپ،
ئۆزىگە نىجاتلىق بەرگۈچى قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى. ■
16 ئۇلار غەيرىي ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ ئۇنى قىزغاندۇردى،
يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
17 ئۇلار خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا
ۋە ئۆزى بىلمىگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمۇ قورقمىغان،
يېڭى پەيدا بولغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى.
18 سەن ئۆزۈڭنى پەيدا قىلغان قورام تاشنى خىيالىڭغا كەلتۈرمىدىڭ،
سېنى ياراتقان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭ.
19 پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ،
ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىغا ئاچچىقلىنىپ ئۇلارنى تاشلاپ،
20 مۇنداق دېدى: ‹مەن ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرۇپ،
ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرەي،
چۈنكى ئۇلار بىر ئازغۇن نەسىل، ۋاپاسىز بالىلاردۇر.
21 ئۇلار خۇدا بولمىغان بۇتلىرى بىلەن مېنى قىزغاندۇردى،
ئەرزىمەس مەبۇدلىرى بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردى.
شۇڭا مەنمۇ خەلق بولمىغان بىرلىرى بىلەن ئۇلارنى قىزغاندۇرىمەن،
ئەقىلسىز بىر خەلق بىلەن ئۇلارنى غەزەپلەندۈرىمەن.
22 چۈنكى مېنىڭ غەزىپىمنىڭ ئوتى تۇتىشىپ،
ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ تېگىگىچە كۆيىدۇ،
يەر ۋە ئۇنىڭ ھوسۇلىنى يۇتۇپ،
تاغلارنىڭ ئۇللىرىنىمۇ كۆيدۈرىدۇ.
23 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بالايىئاپەتلەرنى دۆۋىلەيمەن،
ئۇلارغا يا ئوقلىرىمنى ئاتىمەن.
24 ئۇلار ئاچارچىلىقتىن ئېزىلىپ،
شىددەتلىك ئىسسىق ۋە ئېغىر ھالاكەتتىن ھالسىراپ كېتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ۋەھشىيلەرنىڭ چىشلىرىنى
ۋە تۇپراقتا ئۆمىلەيدىغان يىلانلارنىڭ زەھىرىنى ئەۋەتىمەن.
25 تاشقىرىدا قىلىچ ئۇلارنى ئۇرۇپ، ئىچكىرىدە ۋەھىمە ئۇلارنى بېسىپ،
مەيلى يىگىت ياكى قىز بولسۇن،
مەيلى ئېمىدىغان بالا ياكى ئاقساقال بولسۇن،
ھەممىسىنى يوقىتىدۇ.
26 مەن ئۇلارنى چېچىۋېتىپ،
ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى يوقىتىۋېتمەكچى ئىدىم.
27 ئەمما ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى مەسخىرە قىلىپ،
ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى بۇنى خاتا چۈشىنىپ:
«بىزنىڭ قولىمىز كۈچلۈكتۇر.
بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىشى ئەمەس» دېمىسۇن دەپ،
مەن ئۇنداق قىلمىدىم.
28 چۈنكى ئۇلار نەسىھەتتىن مەھرۇم بىر خەلقتۇر،
ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى يوقتۇر.
29 كاشكى ئۇلار دانا بولسا ئىدى!
ئاندىن ئۇلار بۇنى بىلىپ،
ئۆز ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ئويلايتتى.
30 ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن بولسا،
پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلاپ بەرمىگەن بولسا،
بىر كىشى مىڭ كىشىنى قانداق قوغلىيالايتتى،
ئىككى كىشى ئون مىڭ كىشىنى قانداق قاچۇرالايتتى؟
31 چۈنكى باشقىلارنىڭ قورام تېشى،
بىزنىڭ قورام تېشىمىزغا ئوخشىماس.
بۇنىڭغا دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ.
32 ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تېلى سودومنىڭ ئۈزۈم تېلىدىن
ۋە گوموررانىڭ ئېتىزلىقىدىن چىققاندۇر.
ئۈزۈملىرى زەھەرلىك، ساپاقلىرى ئاچچىقتۇر.
33 ئۇلارنىڭ شارابى ئەجدىھانىڭ زەھىرىدەك،
كوبرا يىلاننىڭ ئۆلتۈرىدىغان زەھىرىدەكتۇر.
34 ھەممىسى مېنىڭكىدە ساقلىنىپ،
ئۆز خەزىنىلىرىمدە مۆھۈرلۈك تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
35 ئىنتىقام ۋە جازا مېنىڭكىدۇر،
ئۇلارنىڭ پۇتلىشىدىغان ۋاقتىغىچە ساقلىنىپ تۇرىدۇ.
چۈنكى ئۇلارنىڭ بالايىئاپەتلىك كۈنى يېقىنلىشىپ،
ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ۋەقەلەر تېز سۈرەتتە كەلمەكتە›.
36 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۈچى تۈگەپ كەتكىنىنى،
مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بولسۇن، ھېچبىرىنىڭ
قۇتۇلۇپ قالمىغىنىنى كۆرگەندە،
ئۆز خەلقىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ،
ئۆز خىزمەتكارلىرىغا رەھىمدىللىق قىلىدۇ. ■
37 ئاندىن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى؟
قېنى ئۆزىگە پاناھ قىلغان قورام تېشى؟
38 ئۇلارغا سۇنۇلغان سويۇم قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغىنى يېگەنلەر،
ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنىڭ شارابىنى ئىچكەنلەر قەيەرگە كەتتى؟
قېنى ئۇلار ئەمدى قوپۇپ، سىلەرگە ياردەم بېرىپ، پاناھىڭلار بولسۇن!
39 ئەمدى بىلىڭلاركى، مەن ئۇدۇرمەن،
ۋە مەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.
مەن ئۆلتۈرىمەن، مەن تىرىلدۈرىمەن،
مەن يارىلاندۇرىمەن، مەن ساقايتىمەن.
ھېچكىم ھېچكىمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.
40 چۈنكى مەن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ:
«ئەبەدكىچە ھاياتتۇرمەن» دەپ جاكارلاپ،
41 چاقناپ تۇرىدىغان قىلىچىمنى بىلەپ،
قولۇمغا ھۆكۈم چىقىرىش قورالىنى ئالغىنىمدا،
دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن،
مېنى ئۆچ كۆرگەنلەردىن قىساس ئالىمەن.
42 مەن يا ئوقلىرىمنى قان بىلەن مەست قىلىمەن ۋە قىلىچىم گۆش يەيدۇ،
ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ۋە ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ قېنى
ۋە دۈشمەنلەرنىڭ باشلىرى بىلەن تويىدۇ.
43 ئەي ئەللەر، ئۇنىڭ خەلقى بىلەن بىللە شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار،
چۈنكى ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ،
دۈشمەنلىرىدىن قىساس ئېلىپ،
ئۆز زېمىنى ۋە خەلقىگە كەفارەت بېرىدۇ». ■
44 مۇسا ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كېلىپ، بۇ ناخشىنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردى. 45 مۇسا پۈتۈن بۇ سۆزلەرنى بارلىق ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا تاماملاپ بولغاندا، 46 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ قىلغان پۈتۈن سۆزلەرنى كۆڭلۈڭلارغا پۈكۈپ، ئۆز بالىلىرىڭلارغا: ‹بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىڭلار› دەپ بۇيرۇڭلار. 47 چۈنكى بۇ بىكار سۆز ئەمەستۇر، بەلكى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر. شۇنداقكى، سىلەر ئەمدى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان ئۇ زېمىندا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر».
48 شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
49 «سەن مۇشۇ ئابارىم تېغىغا، يەنى يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا موئابنىڭ زېمىنىدىكى نېبو تېغىغا چىققىن. ئۇ يەردە مەن بەنى ئىسرائىلغا مۈلۈك قىلىپ بېرىدىغان كەنئان زېمىننى كۆرىسەن. 50 ئاندىن، ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ۋاپات بولۇپ ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتكەندەك، سەنمۇ ئۆزۈڭ چىقىدىغان تاغدا ۋاپات بولۇپ ئەجدادلىرىڭنىڭ قېشىغا كېتىسەن. 51 چۈنكى سىلەر ئىككىلەڭلار زىن چۆلىدىكى مەرىبا-قادەشنىڭ سۇلىرى يېنىغا بارغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، مېنى مۇقەددەس دەپ كۆرسەتمىدىڭلار. 52 شۇڭا سەن بۇ زېمىننى ئۇدۇلۇڭدا كۆرىسەن، لېكىن مەن بەنى ئىسرائىلغا بېرىدىغان زېمىنغا كىرەلمەيسەن».