يەشۇئا مۇسانىڭ ئىزباسارى
31
1 ئاندىن مۇسا بېرىپ، ھەممە ئىسرائىلغا مۇنداق سۆز قىلدى: 2 «مەن بۈگۈن بىر يۈز يىگىرمە ياشتا. ئەمدى سىلەرگە سەردار ياكى باشلامچى بولالمايمەن. پەرۋەردىگارمۇ ماڭا: ‹سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن› دېگەنىدى. 3 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىڭلاردا يۈرۈپ، بۇ خەلقلەرنى ئالدىڭلاردىن يوق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر. پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك يەشۇئا سىلەرنى باشلايدۇ. 4 پەرۋەردىگار ھالاك قىلغان ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى سىخون ۋە ئوگ ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىغا قىلغانلىرىنى، بۇ خەلقلەرگىمۇ قىلىدۇ. 5 پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا بەرگەندە، ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغاندەك مۇئامىلە قىلىڭلار. 6 سىلەر قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك بولۇڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، ئەنسىرىمەڭلار چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر بىلەن بىللە بارىدۇ، سىلەردىن ئايرىلمايدۇ، سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ». 7 ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆزلەپ: «سەن قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك بولغىن، چۈنكى سەن، پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ، ‹مەن ئۇنى ئۇلارغا بېرىمەن› دەپ، ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بۇ خەلقنى باشلاپ كىرگۈزىسەن ۋە ئۇلار سېنىڭ يېتەكچىلىكىڭدە بۇ زېمىننى مىراس قىلىپ ئىگىلەيدۇ. 8 مانا، پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ، سەندىن ئايرىلمايدۇ، سېنى تاشلىۋەتمەيدۇ. قورقما ۋە ئەسلا بوشىشىپ قالما» دېدى.
قانۇننى ئوقۇپ بېرىش
9 مۇسا بۇ قانۇننى يېزىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى بولغان كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 10 مۇسا ئۇلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەر يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا، قەرزدىن كەچۈرۈم قىلىش يىلىنىڭ بېكىتىلگەن ۋاقتىدا، كەپى تىكىش ھېيتى باشلانغىنىدا، 11 ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا جەم بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەرىپىدىن تاللىنىدىغان جايغا يىغىلغىنىدا، ھەممە ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانۇننى، ئۇلار ئاڭلىسۇن دەپ، ئوقۇپ بېرىسەن. 12 ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئەرلەرنى، ئاياللارنى، بالىلارنى ۋە دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدىكى مۇساپىرلارنى، يەنى پۈتۈن خەلقنى يىغىپ جەم قىلغىن. 13 ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى بىلمەيدىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگەنسۇن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەر ئىگىلەش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان ھەممە ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ».
بەنى ئىسرائىلنىڭ بولىدىغان ئىتائەتسىزلىكى
14 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا، سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرتقىن. ئىككىڭلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە يەشۇئا بېرىپ ئۇچرىشىش چېدىرىدا ھازىر بولدى. ■ 15 ئاندىن پەرۋەردىگار چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزى ئۈستىدە توختىغان بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە كۆرۈندى. 16 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىدا راھەت تاپقىنىڭدىن كېيىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، ئۇلار ئەمدى بارىدىغان زېمىندىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئەگىشىپ، زىناخورلاردەك ۋاپاسىزلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزىدۇ. 17 شۇ چاغدا مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا قوزغىلىدۇ. مەن ئۇلارنى تاشلاپ، ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار ۋەيران قىلىنىپ، بېشىغا كۆپ بالايىئاپەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەت كەلگىنىدە: ‹خۇدايىمىز ئارىمىزدا بولمىغىنى ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىمىزغا كەلدى ئەمەسمۇ؟› دېيىشىدۇ. 18 لېكىن مەن ئۇ كۈندە، ئۇلارنىڭ باشقا ئىلاھلارغا يۈزلىنىپ قىلغان ھەممە يامانلىقلىرى سەۋەبلىك يۈزۈمنى پۈتۈنلەي يوشۇرىمەن. 19 ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۇ ناخشىنى يېزىپ، ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا ئۆگىتىپ ئاغزىغا سالغىنكى، بۇ ناخشا مېنىڭ بەنى ئىسرائىلغا قارشى بىر گۇۋاھچىم بولسۇن. 20 چۈنكى مەن ئۇلارنى، مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرگۈزىمەن. ئۇلار بولسا يەپ تويۇپ سەمرىگەندە، باشقا ئىلاھلارغا مايىل بولۇپ ئۇلارغا چوقۇنۇپ، مېنى كۆزگە ئىلماي ئەھدەمنى بۇزىدۇ. 21 — ئەمما ئۇلارنىڭ بېشىغا كۆپ بالايىئاپەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەت كەلگىنىدە، بۇ ناخشا ئۇلارغا قارشى بىر گۇۋاھچى بولىدۇ، چۈنكى ئەۋلادلىرى بۇ ناخشىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. — چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ مەن ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى كىرگۈزمەستىنلا ئويلاۋاتقان ئوي-خىياللىرىنى بىلىمەن»
22 مۇسا ئۇ كۈنى بۇ ناخشىنى يېزىپ، بەنى ئىسرائىلغا ئۆگەتتى. 23 ئاندىن پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانى ۋەزىپىگە قويۇپ: «سەن قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك بولغىن، چۈنكى سەن بەنى ئىسرائىلنى مەن ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزىسەن، ۋە مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن» دېدى.
24 مۇسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىنى بىر كىتابقا تولۇق يېزىپ بولغاندىن كېيىن، 25 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: 26 «بۇ قانۇن كىتابىنى ئېلىپ، ئۇنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇ شۇ يەردە ساڭا قارشى گۇۋاھچى سۈپىتىدە تۇرسۇن. 27 چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينى قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. سىلەر، مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا ھايات تۇرۇپمۇ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار. دېمەك مەن ئۆلگەندىن كېيىن، سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر. 28 قېشىمغا قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ۋە سىلەرنىڭ ئەمەلدارلىرىڭلارنى يىغىڭلار، مەن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا ئېيتىپ، يەر بىلەن ئاسماننى ئۇلارغا قارشى گۇۋاھچى قىلىمەن. 29 چۈنكى مەن ئۆلگەندىن كېيىن، سىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە بۇيرۇغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. كېيىنكى كۈنلەردە بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كېلىدۇ، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىسىلەر».
مۇسانىڭ نەزمىسى
30 ئاندىن مۇسا بەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جامائىتىنىڭ ئالدىدا تۆۋەندىكى نەزمىنىڭ سۆزلىرىنى باشتىن تارتىپ ئاخىرغىچە ئوقۇپ بەردى: