ئەھدىنىڭ يولىدا مېڭىش ياكى ماڭماسلىقنى تاللاش
30
‏1 مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان بۇ لەنەت ۋە بەرىكەت ئۈستۈڭلارغا كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئارىسىغا ھەيدىۋەتكەن خەلقلەر بىلەن تۇرغىنىڭلاردا سىلەر بۇلارنى يادىڭلارغا كەلتۈرسەڭلار ۋە ‏2 ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قايتىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇغان ئەھكاملارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن قوبۇل قىلساڭلار، ‏3 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىڭلارغا قايتۇرىدۇ. ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىپ، سىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئارىسىغا چېچىۋەتكەن خەلقلەرنىڭ ئىچىدىن يىغىپ كېلىدۇ. ‏4 ئەگەر سىلەر دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە ھەيدىلىپ كەتكەن بولساڭلارمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئۇ يەردىن يىغىپ ئېلىپ كېلىدۇ. ‏5 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى يەنە ئىگىلىسۇن دەپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ مۈلكى بولغان زېمىنغا كەلتۈرۈپ، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن زىيادە ئاۋۇتىدۇ. ‏6 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيۈپ ياشىشىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ قەلبىنى خەتنە قىلىدۇ.    ‏7 شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ ھەممە لەنەتلەرنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ، سىلەرگە ئۆچ بولۇپ سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ ئۈستىگە سالىدۇ. ‏8 سىلەر بولساڭلار قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇغان ھەممە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىسىلەر. ‏9 شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە قوللىرىڭلارنىڭ ھەممە ئىشىدا بەرىكەت بېرىپ، ۋۇجۇدۇڭلارنىڭ مېۋىسىنى، چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى ۋە يېرىڭلارنىڭ ھوسۇلىنى كۆپەيتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن سۆيۈنگەندەك، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنىدۇ. ‏10 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمرلىرى ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلاردىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ تەرىپىگە قايتىپ كەلسەڭلار، شۇنداق بولىدۇ.
‏11 چۈنكى مەن بۈگۈن سىلەرگە بەرگەن ئەمر قابىليىتىڭلاردىن ئارتۇقمۇ ئەمەس، يىراقمۇ ئەمەس. ‏12 بۇ ئەمر ئاسماننىڭ ئۈستىدە بولمىغاچقا، سىلەرنىڭ: ‹ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن كىم ئاسمانغا چىقىپ، ئۇنى ئېلىپ چۈشۈپ، بىزگە ئاڭلىتىدۇ؟› دېيىشىڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. ‏13 بۇ ئەمر دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ بولمىغاچقا، سىلەرنىڭ: ‹ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن كىم ئۆتۈپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ؟› دېيىشىڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. ‏14 چۈنكى بۇ سۆز، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە بەك يېقىن، يەنى ئاغزىڭلار ۋە كۆڭلۈڭلاردىدۇر.
‏15 مانا، مەن بۈگۈن ھاياتلىق ۋە ياخشىلىقنى، ئۆلۈم ۋە يامانلىقنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ‏16 چۈنكى بۈگۈن مەن سىلەرگە مۇنداق ئەمر قىلىمەن: پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرى، قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ياشاپ ئاۋۇيسىلەر ۋە سىلەر ئىگىلىۋېلىشكە بارىدىغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ‏17 لېكىن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلار يۈز ئۆرۈپ، سىلەر قۇلاق سالماي، ئېزىقىپ كېتىپ، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلىپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىساڭلار، ‏18 بۈگۈن سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر، سىلەر ئۇنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەيسىلەر. ‏19 مەن ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنى، بەرىكەت ۋە لەنەتنى ئالدىڭلارغا قويغىنىمغا بۈگۈن ئاسمان بىلەن يەرنى سىلەرگە قارشى گۇۋاھچى قىلىمەن. ئەمدى ئۆزۈڭلار ۋە ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ھايات قېلىشىنى خالىساڭلار، ھاياتلىقنى تاللىۋېلىڭلار. ‏20 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار بولغاچقا، ئۆزى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا، ‹مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن› دەپ قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ».