خۇدانىڭ ئەھدىنى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش
29
1 مۇسا ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر زېمىنىدا فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ بارچە خىزمەتكارلىرىغا ۋە پۈتۈن زېمىنىغا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. 2 شۇ چوڭ ئاپەتلەر، ئۇلۇغ كارامەت ۋە مۆجىزىلەرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. 3 لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرگە بۈگۈنكى كۈنگىچە چۈشەڭۈدەك كۆڭۈل، كۆرگۈدەك كۆز ۋە ئاڭلىغۇدەك قۇلاق بەرمىدى. 4 مەن قىرىق يىل سىلەرنى چۆل-باياۋاندا يېتەكلەپ يۈردۈم. شۇ ۋاقىت ئىچىدە كىيىملىرىڭلار كونىراپ يىرتىلمىدى، پۇتۇڭدىكى چورۇقۇڭمۇ كونىراپ كەتمىدى. 5 سىلەر نان يېمىدىڭلار، ھاراق-شاراب ئىچمىدىڭلار، بۇلار سىلەرگە مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. 6 سىلەر بۇ جايغا يېتىپ كەلگىنىڭلاردا خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ بىزگە قارشى جەڭ قىلغىلى چىقتى. ئەمما بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، 7 زېمىنلىرىنى ئېلىپ، رۇبەن ۋە گاد قەبىلىلىرى ھەم ماناسسەنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەردۇق.
8 ئەمدى سىلەر بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە رىئايە قىلىپ ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا راۋاج تاپىسىلەر. 9 بۈگۈن سىلەر ھەممىڭلار، قەبىلە باشلىقلىرىڭلار، ئاقساقاللىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئەر كىشىلىرى، 10 كىچىك بالىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، سىلەر بىلەن بارگاھىڭلاردا ئولتۇرغان مۇساپىر، يەنى ئوتۇن كېسىدىغان ئادەملىرىڭلاردىن تارتىپ سۇ توشۇيدىغان كىشىلىرىڭلارغىچە، ھەممىڭلار خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدۇڭلار. 11 ئەمدى ئۆز پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدىسىگە كىرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قەسەم قىلىپ بۈگۈن سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە داخىل بولۇڭلار. 12 شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۆزىگە خەلق قىلىدۇ ۋە خۇددى سىلەرگە ئېيتقاندەك ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا قىلغان قەسىمى بويىچە ئۇ ئۆزى سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىدۇ. 13 لېكىن مەن بۇ ئەھدە ۋە قەسەمنى يالغۇز سىلەر بىلەن ئەمەس، 14 بەلكى مەيلى بۈگۈن بىز بىلەن بۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرغان كىشى بولسۇن، مەيلى بۇ يەردە بىز بىلەن بىللە بولمىغان كىشى بولسۇن، ھەممىسى بىلەن تۈزىمەن. 15 چۈنكى سىلەر بىزنىڭ مىسىر زېمىنىدا قانداق تۇرغىنىمىز ۋە بىز ئۆتكەن خەلقلەر ئارىسىدىن قانداق چىقىپ كەلگىنىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر. 16 سىلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى، ياغاچ-تاشتىن ۋە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان نىجىس بۇتلارنى كۆردۈڭلار.
17 ئەھتىيات قىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئائىلە ۋە قەبىلىلىرىڭلاردىن ھېچبىرىنىڭ كۆڭلى بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن يېنىپ، بۇ خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كېتىپ قالمىسۇن. بولمىسا ئىچىڭلاردا زەھەر ۋە ئاچچىق ئەمەن چىقىرىدىغان يىلتىز ئۆسۈپ چىقىدۇ. 18 ئەگەر بىر كىشى بۇ لەنەت سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۆز كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىنى بەرىكەتلىك ھېسابلاپ: ‹جاھىللىق قىلىپ، ئۆز كۆڭلۈمنىڭ خالىغىنىچە يۈرسەممۇ، ئامانلىقتا ياشايمەن› دېيىشى مۇمكىن، لېكىن نەتىجىدە، نەم يەر قۇرغاق يەرگە قوشۇلۇپ ۋەيران قىلىنىدۇ. ■ 19 پەرۋەردىگار مۇنداق كىشىنى ئەپۇ قىلمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ۋە ئوتلۇق غەيرىتى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۈتۈندەك چىقىدۇ ۋە بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتلەر ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. 20 پەرۋەردىگار ئۇنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن ئايرىپ، بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنىڭ ھەممە لەنەتلىرى بويىچە ئۇنى بالايىئاپەتكە گىرىپتار قىلىدۇ. 21 كېلىدىغان نەسىل، يەنى سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان بالىلىرىڭلار ۋە يىراق زېمىندىن كەلگەن مۇساپىرلار پەرۋەردىگار بۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بالايىئاپەتلەر ۋە كېسەللەرنى كۆرىدۇ. 22 سودوم، گوموررا، ئادما ۋە زىبويىم پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ۋە قەھرىدىن ۋەيران قىلىنغىنىدەك پۈتۈن زېمىن كۆيۈپ، گۈڭگۈرتلىشىپ شور بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تېرىقچىلىق بولمايدۇ، ئۇرۇق بىخلىمايدۇ ۋە ئوت-گىياھ ئۈنمەيدۇ. 23 ھەتتا ھەممە خەلقلەر: ‹نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا مۇنداق قىلدى؟ نېمىشقا ئۇنىڭ شۇنچە قاتتىق غەزىپى قوزغالدى؟› دەپ سورايدۇ. 24 ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ: ‹ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى تاشلاپ، 25 بېرىپ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمىغان، ئۆزىمۇ تونۇمىغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلغىنى ئۈچۈن، 26 پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بۇ زېمىنغا قارشى قوزغىلىپ، بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتنى ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلتۈردى. 27 بۈگۈنكى كۈندە مەلۇم بولغاندەك، پەرۋەردىگار غەزەپ ئاچچىقى ۋە قاتتىق قەھرى بىلەن ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، باشقا بىر زېمىنغا پالىۋەتتى›. 28 يوشۇرۇن سىرلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئائىتتۇر. لېكىن ئاشكارىلانغاننىڭ ھەممىسى، بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئەبەدكىچە بىز ۋە بالىلىرىمىز ئۈچۈندۇر.