بەرىكەت ۋە لەنەت
28
‏1 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان ھەممە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ، ‏2 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىساڭلار، بۇ ھەممە بەرىكەتلەر ئۈستۈڭلارغا كېلىپ، سىلەرگە ھەمراھ بولىدۇ:
‏3 سىلەر شەھەردىمۇ، دالادىمۇ بەرىكەتلىك بولىسىلەر.
‏4 ۋۇجۇدۇڭلارنىڭ مېۋىسى، يېرىڭلارنىڭ مېۋىسى ۋە چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ مېۋىسى بەرىكەتلىك بولىدۇ. كالىلىرىڭلارنىڭ موزايلىرى ۋە قويۇڭلارنىڭ قوزىلىرى كۆپ بولىدۇ.
‏5 سېۋەتلىرىڭلارمۇ، تەڭنىلىرىڭلارمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ.
‏6 سىلەر ئۆيگە كىرىشىڭلاردا بەرىكەتلىك بولىسىلەر، يولغا چىقىشىڭلاردىمۇ بەرىكەتلىك بولىسىلەر.
‏7 سىلەرگە قارشى چىققان دۈشمەنلىرىڭلارنى پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا مەغلۇپ قىلىدۇ. ئۇلار بىر يول بىلەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا كېلىپ، يەتتە يول بىلەن سىلەردىن قاچىدۇ.
‏8 ئامبارلىرىڭلارغا ۋە قولۇڭ بىلەن قىلىدىغان ھەممە ئىشلىرىڭلارغا پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندا سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.
‏9 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ يوللىرىدا ماڭساڭلار، ئۆزى قەسەم بىلەن سىلەرگە ۋەدە قىلغاندەك، پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزىگە بىر مۇقەددەس خەلق قىلىپ تىكلەيدۇ.
‏10 شۇنداقكى، يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغىنىڭلارنى كۆرۈپ، سىلەردىن قورقىدۇ.
‏11 پەرۋەردىگار قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۇ سىلەرگە كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ۋۇجۇدۇڭلارنىڭ مېۋىسى، كالاڭلارنىڭ نەسلى ۋە يېرىڭلارنىڭ ھوسۇلىنى مول قىلىدۇ.
‏12 شۇنداقكى، پەرۋەردىگار زېمىنىڭلارغا ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر بېرىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا بەرىكەت بېرىش ئۈچۈن ئۆز خەزىنىسى بولغان ئاسماننى سىلەرگە ئاچىدۇ. سىلەر ھېچكىمدىن قەرز ئالمايسىلەر، بەلكى كۆپ خەلقلەرگە قەرز بېرىسىلەر.
‏13 ئەگەر سىلەر مەن بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە بەرگەن ئەمرلەرنى ئاڭلاپ، ئەستايىدىل ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرنى قۇيرۇق ئەمەس، باش قىلىدۇ ۋە سىلەر ھەمىشە ئۈستۈن بولۇپ، ئاستىن بولمايسىلەر.
‏14 مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق سۆزلەرنىڭ ھېچبىرىدىن، نە ئوڭغا نە سولغا، چەتنەپ كەتمەڭلار ۋە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارغا ئىبادەت قىلماڭلار.
 
‏15 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمر ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلمىساڭلار، بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭلارغا كېلىپ سىلەرگە تېگىدۇ:
‏16 سىلەر شەھەردىمۇ، دالادىمۇ لەنەتكە ئۇچرايسىلەر.
‏17 سېۋىتىڭلارمۇ، تەڭنەڭلارمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ.
‏18 ۋۇجۇدۇڭلارنىڭ مېۋىسى، يېرىڭلارنىڭ مېۋىسى، كالاڭلىرىڭلارنىڭ موزايلىرى ۋە پادىلىرىڭلارنىڭ قوزىلىرى لەنەتكە ئۇچرايدۇ.
‏19 سىلەر ئۆيگە كىرىشىڭلاردا لەنەتكە ئۇچرايسىلەر، يولغا چىقىشىڭلاردىمۇ لەنەتكە ئۇچرايسىلەر.
 
‏20 پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ ئۇنى تاشلاپ قىلغان يامان ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن، سىلەر ھالاك بولۇپ يوق بولغۇچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى لەنەتكە ئۇچرىتىپ، پاراكەندىچىلىككە سالىدۇ ۋە سىلەرنى قاتتىق جازالايدۇ. ‏21 سىلەر ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن كىرىدىغان زېمىندىن سىلەرنى يوقىتىۋەتكۈچە پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋاباغا گىرىپتار قىلىدۇ.
‏22 پەرۋەردىگار سىلەرنى سىل كېسىلى، تەپ ۋە بەزگەككە گىرىپتار قىلىدۇ، كۆيۈك ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچار قىلىدۇ ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا چاۋىرىش ۋە ھال ئاپىتىنى ئەۋەتىدۇ. مۇنداق ئاپەتلەردىن قۇتۇلالماي تۈگەپ كېتىسىلەر. ‏23 بېشىڭلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان مىستەك، ئايىغڭلارنىڭ ئاستىدىكى يەر تۆمۈردەك بولىدۇ.
‏24 پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ياغىدىغان يامغۇرنى توپا-چاڭغا ئايلاندۇرۇپ، سىلەر ھالاك بولغۇچە ئاسماندىن ئۈستۈڭلارغا چۈشۈرىدۇ.
‏25 پەرۋەردىگار سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارغا قارشى بىر يول بىلەن چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يەتتە يول بىلەن قاچىسىلەر. يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار ھالىڭلارنى كۆرۈپ دەھشەتكە چۈشىدۇ.    ‏26 ئۆلۈكلىرىڭلار ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار ۋە يەر يۈزىدىكى ياۋايى ھايۋانلارغا ئوزۇق بولىدۇ. ئۇلارنى ھەيدىۋەتكىلى ھېچكىم چىقمايدۇ.
‏27 پەرۋەردىگار سىلەرنى ساقىيالمىغۇدەك تەرىقىدە مىسىرنىڭ يىرىڭلىق چاقىلىرى بىلەن ئۇرۇپ، ھۈررەكلەر، قىچىشقاق ۋە تەمرەتكىگە گىرىپتار قىلىدۇ.
‏28 پەرۋەردىگار سىلەرنى ساراڭ ۋە كور قىلىپ، كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ ئۇرىدۇ. ‏29 سىلەر بىر كور كىشى قاراڭغۇلۇقتا تەمتىلىگەندەك يورۇق كۈندە تەمتىلەپ يۈرىسىلەر. يوللىرىڭلار راۋان بولمايدۇ. سىلەر ھەمىشە زۇلۇم تارتىپ، ھەممە كۈنلىرىڭلاردا تالان-تاراجغا ئۇچرايسىلەر ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىدىغان كىشى بولمايدۇ.
‏30 سەن بىر خوتۇن بىلەن ۋەدىلەشسەڭ، باشقا بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتىدۇ. بىر ئۆي سالساڭ، ئۇنىڭدا ئولتۇرالمايسەن. بىر ئۈزۈمزارلىقنى بەرپا قىلساڭ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيەلمەيسەن. ‏31 كالاڭ كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا سويۇلىدۇ، لېكىن گۆشىدىن يېيەلمەيسەن. قاراپ تۇرغىنىڭدا، ئېشىكىڭنى سەندىن بۇلاپ كېتىدۇ. ئۇ ساڭا يېنىپ كەلمەيدۇ. قويلىرىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ساڭا ياردەم بەرگىلى ھېچكىم چىقمايدۇ. ‏32 ئوغۇل-قىزلىرىڭ بولسا باشقا خەلقلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. كۆزلىرىڭ ئۇلارغا تەلمۈرۈپ ھېرىپ كېتىدۇ، لېكىن قولۇڭدىن ھېچنېمە كەلمەيدۇ. ‏33 يېرىڭلارنىڭ ھوسۇلى ۋە قولۇڭلارنىڭ مېۋىسىنى سىلەر تونۇمايدىغان بىر خەلق يەپ كېتىدۇ. سىلەر ھەممە كۈنلىرىڭلاردا ئېزىلىپ، زۇلۇم تارتىپ، ‏34 كۆزلىرىڭلار كۆرگەن نەرسىلەرگە قاراپ ساراڭ بولۇپ قالىسىلەر.
‏35 پەرۋەردىگار سىلەرنى ساقىيالمىغۇدەك تەرىقىدە تىز ۋە پاچاقلىرىڭلارغا يارا سالىدۇ ۋە سىلەرنى تاپىنىڭلاردىن تارتىپ چوققاڭلارغىچە چاقا بىلەن ئۇرىدۇ.
‏36 پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە ئۆزۈڭلەر تىكلىگەن پادىشاھىڭلارنى سىلەر ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تونۇمىغان بىر ئەلگە تۇتۇپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە تۇرۇپ، ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. ‏37 پەرۋەردىگار سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سىلەر ھەيرانلىققا سەۋەب بولۇپ، ماقال-تەمسىلنىڭ مەۋزۇسى ۋە مەسخىرە نىشانى بولىسىلەر.
‏38 سىلەر ئېتىزلىققا كۆپ ئۇرۇق چاچساڭلارمۇ چېكەتكىلەر ئۇنى يەپ كەتكەچكە ئاز يىغىسىلەر. ‏39 ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ مېھنەت تارتساڭلارمۇ، ئۇنى قۇرت يەپ كەتكەچكە، مېۋە يىغىپ شاراب ئىچەلمەيسىلەر. ‏40 زېمىنىڭلارنىڭ ھەر يېرىدە زەيتۇن باغلىرىڭلار بولسىمۇ، مېۋىسى يىگلەپ چۈشۈپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ يېغى بىلەن بەدىنىڭلارنى ياغلىيالمايسىلەر. ‏41 ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەر كۆرىسىلەر، لېكىن ئۇلار ئەسىرگە ئېلىپ كېتىلگەچكە، قېشىڭلاردا بولمايدۇ. ‏42 دەرەخ ۋە يېرىڭلارنىڭ ھوسۇلىنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ.
‏43 ئاراڭلاردا تۇرغان مۇساپىرلار بارغانسېرى سىلەردىن ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ، ئەمما سىلەر پەسلىشىپ كېتىسىلەر.
‏44 ئۇلار سىلەرگە قەرز بېرىدۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارغا قەرز بېرەلمەيسىلەر. سىلەر قۇيرۇق بولىسىلەر، ئۇلار بولسا باش بولۇپ قالىدۇ. ‏45 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ئۇ سىلەرگە بۇيرۇپ بەرگەن ئەمرلىرى ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىساڭلار، بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا كېلىپ، سىلەر ھالاك بولغۇچە سىلەرنى بېسىپ ۋەيران قىلىپ، ‏46 ئەبەدكىچە ئۆزۈڭلار ۋە نەسلىڭلار ئۈچۈن ئالامەت ۋە كارامەت بولۇپ قالىدۇ.
‏47 سىلەر باياشاتچىلىقتا تۇرۇپ، شادلىق ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا خىزمەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ‏48 ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، يالىڭاچلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ كەمچىلىكىدە ئۆتىسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى ئەۋەتىدىغان دۈشمەنلەرگە قۇل بولۇپ خىزمەت قىلىسىلەر. ئۇ سىلەرنى ھالاك قىلغانغا قەدەر بوينۇڭلارغا بىر تۆمۈر بويۇنتۇرۇق سالىدۇ. ‏49 پەرۋەردىگار يىراقتىن، يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن، سىلەر تىلىنى ئۇقمايدىغان، بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بىر خەلق ئەۋەتىدۇ. ‏50 بۇ، كۆرۈنۈشى زالىم، قېرىلارغا يۈز-خاتىرە، ياشلارغا رەھىم قىلمايدىغان بىر خەلق بولىدۇ. ‏51 ئۇلار سىلەر ھالاك بولغۇچە چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ مېۋىسى ۋە يېرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. ئۇلار سىلەرنى تاكى يوقاتقۇچە سىلەرنىڭ ئاشلىق، شاراب، ياغ، شۇنداقلا كالىلىرىڭلارنىڭ موزايلىرى، پادىلىرىڭلارنىڭ قوزىلىرىدىن ھېچنېمىنى سىلەرگە قويمايدۇ. ‏52 ئۇلار، پۈتۈن زېمىنىڭلاردا سىلەر ئۈمىد باغلىغان ھەممە ئېگىز مۇستەھكەم سېپىللىرىڭلار يىقىلىپ چۈشكۈچە، دەرۋازىلىرىڭلارغا بېسىپ كىرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن زېمىنىڭلارنىڭ ھەر يېرىدىكى دەرۋازىلىرىڭلارنى قورشىۋالىدۇ. ‏53 سىلەر ئۆز ۋۇجۇدۇڭلارنىڭ مېۋىسىنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن ئوغۇل ۋە قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر، چۈنكى دۈشمىنىڭلار سىلەرنى قورشاپ قىستىغاندا، قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىسىلەر. ‏54 شۇنداق بولىدۇكى، ئاراڭلاردىكى نەپىس-نازۇك بىر ئادەم ئۆز قېرىندىشى، سۆيۈملۈك ئايالى ۋە تېخى تىرىك قالغان بالىلىرىغا يامان كۆز بىلەن قاراپ، ‏55 باشقا بىر نېمىسى قالمىغاچقا، ئۆزى يەۋەتقان بالىلىرىنىڭ گۆشىدىن بىر قىسمىنى ئۇلارنىڭ بىرىگە بېرىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرنى قورشاپ قىستىغاندا، سىلەر دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىسىلەر. ‏56 ئۆز سىپايىلىكى ۋە نازۇكلۇقىنىڭ سەۋەبىدىن پۇتى بىلەن يەرگە دەسسەشنى خالىمىغان ئاراڭلاردىكى سىپايە-نازۇك ئايال قوينىدىكى ئېرىگە ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ، ‏57 چۈنكى قەھەتچىلىكتىن، قورسىقىدىن چىققان بالا ھەمراھى ۋە ئۆزى تۇغقان بوۋاقلىرىنى ئۇلارغا بېرىشتىن قىزغىنىپ يوشۇرۇنچە ئۆزى يەيدۇ. چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرنى قورشاپ قىستىغاندا، سىلەر دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.
 
‏58 سىلەر بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن بۇ قانۇننىڭ پۈتۈن سۆزلىرىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلماي، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك نامىدىن قورقمىساڭلار، ‏59 پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ۋە نەسلىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئاجايىپ بالايىئاپەتلەرنى، ھەتتا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان چوڭ ۋابالارنى، ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئېغىر كېسەللەرنى ئەۋەتىپ، ‏60 سىلەر قورققان ھەممە مىسىردىكى كېسەللىكلەرنى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈرۈپ سىلەرگە چاپلاشتۇرىدۇ. ‏61 بۇنىڭدىن باشقا، سىلەر ھالاك بولغۇچە پەرۋەردىگار بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلمىگەن كېسەللىكلەر ۋە ۋابالارنى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈرىدۇ. ‏62 سىلەر ئاۋۇپ ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىدەك نۇرغۇن بولساڭلارمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغاچقا ئاز سانلىق بولۇپ قالىسىلەر. ‏63 شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئىلگىرى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، سىلەرنى ئاۋۇتقىنىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۇ سىلەرنى يوقىتىپ ھالاك قىلىدىغىنىدىن سۆيۈنىدۇ ۋە سىلەر ئەمدى ئىگىلىۋېلىشكە كىرىدىغان زېمىندىن يۇلۇپ تاشلىنىسىلەر. ‏64 پەرۋەردىگار سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە پۈتۈن يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ، سىلەر ئۇ يەردە نە ئۆزۈڭلار، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تونۇمىغان، ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىسىلەر. ‏65 ئۇ يات خەلقلەر ئارىسىدا سىلەرگە راھەت تەگمەيدۇ، پۇتۇڭلارمۇ ئارام ئالمايدۇ، ئەكسىچە پەرۋەردىگار ئۇ يەردە سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارنى تىترىتىپ، كۆزۈڭلارنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، روھىڭلارنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ. ‏66 جېنىڭلار قىلغا ئېسىقلىق تۇرىدۇ. سىلەر كېچە-كۈندۈز قورقۇنچ ئىچىدە ياشاپ، جېنىڭلار ئۈچۈن خاتىرجەم بولالمايسىلەر. ‏67 يۈرىكىڭلارنى قاپلىغان ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ ۋە شۇنداقلا كۆزلىرىڭلار كۆرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن سىلەر ئەتىگەندە ‹كاشكى ئاخشام بولسا ئىدى›، ئاخشامدا بولسا ‹كاشكى ئەتىگەن بولسا ئىدى› دەيسىلەر. ‏68 پەرۋەردىگار سىلەرنى كېمىگە سېلىپ، مەن سىلەرگە ‹ئۇنى ئىككىنچى يەنە كۆرمەيسىلەر› دېگەن يول بىلەن مىسىرغا قايتۇرىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئۆزۈڭلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا ساتىسىلەر، لېكىن ئالغىلى ئادەم چىقمايدۇ».
‏69 پەرۋەردىگار موائاب زېمىنىدا مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان، بەنى ئىسرائىل بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بۇدۇر. بۇ ئەھدە بولسا پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن خورېبتا تۈزگەن ئەھدىدىن باشقا بىر ئەھدىدۇر.