ئېبال ۋە گەرىزىم تاغلىرىدا بەرىكەت ۋە لانەتنى جاكارلاش
27
‏1 مۇسا ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ھەممە ئەمرلەرگە رىئايە قىلىڭلار. ‏2 ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن كۈنۈڭلاردا، چوڭ تاشلارنى تىكلەپ، ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار. ‏3 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرىش ئۈچۈن دەريادىن ئۆتكىنىڭلاردا بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى مەزكۇر تاشلارغا ئويۇپ يېزىڭلار. ‏4 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەن بۈگۈن بەرگەن بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ تاشلارنى ئېبال تېغىدا تىكلەپ، ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار. ‏5 ئۇ يەردە خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۈچۈن تۆمۈر ئەسۋابى تەگمىگەن تاشلاردىن قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار. ‏6 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى يونۇلمىغان تاشتىن ياسىشىڭلار كېرەك. ئۇ يەردە خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار، ‏7 ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. ئۇ يەردە ئۇلاردىن يەپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار. ‏8 سىلەر بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى مەزكۇر تاشلارغا ئوچۇق روشەن ئويۇپ يېزىڭلار».
 
‏9 ئاندىن مۇسا ۋە لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار پۈتۈن ئىسرائىلغا: «ئەي ئىسرائىل، شۈك تۇرۇپ ئاڭلاڭلار. سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خەلقى بولدۇڭلار. ‏10 ئەمدى سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان ئۇنىڭ ئەمرلىرى ۋە قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار» دېدى. ‏11 ئۇ كۈنى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ‏12 «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغىنىڭلاردا: شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ ۋە بەنيامىن گەرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خەلققە بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلسۇن. ‏13 رۇبەن، گاد، ئاشەر، زەبۇلۇن، دان ۋە نافتالى بولسا ئېبال تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، لەنەت ئوقۇسۇن.
‏14 لاۋىيلار ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىگە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق دەپ جاكارلىسۇن:
‏15 ‹كىمكى ھۈنەرۋەن قولى بىلەن بىر ئويما ياكى قۇيما بۇت ھەيكىلىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ يىرگىنچلىك ئىشنى قىلسا ۋە ئۇنى پىنھاندا تىكلەپ قويسا، لەنەتكە قالسۇن›. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن!› دەپ جاۋاب بەرسۇن.
‏16 ‹كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلمىسا، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن!› دېيىشسۇن.
‏17 ‹كىمكى قوشنىسىنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىسە، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن!› دېيىشسۇن.
‏18 ‹كىمكى بىر كورنى يولدىن ئازدۇرسا، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن!› دېيىشسۇن.
‏19 ‹كىمكى مۇساپىر، يېتىم ۋە تۇل خوتۇننىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلسا، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن!› دېيىشسۇن.
‏20 ‹كىمكى ئاتىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن يېتىپ ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچسا، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن› دېيىشسۇن.
‏21 ‹كىمكى بىر ھايۋان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت قىلسا، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن› دېيىشسۇن.
‏22 ‹كىمكى ئاتىسىنىڭ قىزى ياكى ئانىسىنىڭ قىزى بولغان ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسى بىلەن بىللە ياتسا، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن› دېيىشسۇن.
‏23 ‹كىمكى قېينانىسى بىلەن بىللە ياتسا، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى ‹ئامىن› دېيىشسۇن.
‏24 ‹كىمكى پايلاپ تۇرۇپ قوشنىسىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرسە، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن› دېيىشسۇن.
‏25 ‹كىمكى پارا ئېلىپ گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرسە، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن› دېيىشسۇن.
‏26 ‹كىمكى بۇ قانۇننىڭ سۆزىگە رىئايە قىلىپ ئەمەل قىلمىسا، لەنەتكە قالسۇن› دېگىنىدە، خەلقنىڭ ھەممىسى: ‹ئامىن› دېيىشسۇن.