تۇنجى ھوسۇلنى خۇداغا ئاتاش
26
‏1 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقىنىڭلاردا، ‏2 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ھوسۇل يىغقىنىڭدا، يەرنىڭ تۇنجى پىشقان مېۋىلىرىنى ئېلىپ، سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى ئۇ يەردە تىكلەش ئۈچۈن تاللىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، ‏3 شۇ ۋاقىتتىكى كاھىننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈڭ. سەن ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار بىزگە بېرىشكە قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ بولغىنىمنى بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا بايان قىلىمەن› دېگىن. ‏4 كاھىن سېۋەتنى قولۇڭدىن ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويغىنىدا، ‏5 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا مۇنداق دېگىن: ‹مېنىڭ ئاتام غېرىب بىر ئاراملىق ئىدى. ئۇ مىسىرغا بېرىپ، مۇساپىر بولۇپ ئاز كىشى بىلەن ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى، لېكىن بارغانسېرى ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولدى ۋە ئۇلار چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلقكە ئايلاندى. ‏6 لېكىن مىسىرلىقلار بىزگە قاتتىق قوللۇق بىلەن زۇلۇم سېلىپ، بىزنى ئېغىر ئىشقا سالدى. ‏7 ئەمما بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ، بىز تارتقان مۇشەققەت ۋە چەككەن زۇلۇمنى كۆردى. ‏8 پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزاتقان بىلىكى، ئادەمنى دەھشەتكە سالىدىغان ئۇلۇغ كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلەر بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ‏9 بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، بىزگە سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىن بولغان بۇ زېمىننى بەردى. ‏10 مانا، ئەي پەرۋەردىگار، سەن ماڭا بەرگەن يەرنىڭ تۇنجى پىشقان مېۋىلىرىنى ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭغا كەلتۈردۈم›. بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن سېۋەتنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىغا قويۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلغىن. ‏11 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن ئۆيۈڭدىكىلەرگە بەرگەن ھەممە نېمەتلىرىدىن خۇش بولۇپ، لاۋىيلار ۋە قېشىڭدىكى مۇساپىرلار بىلەن بىرگە شادلىنىسەن.
 
ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بېرىش
‏12 سەن ئوندىن بىر ئۈلۈش بېرىلىدىغان يىلى بولغان ئۈچىنچى يىلدا ھەممە ھوسۇلۇڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىپ، بۇنى لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىملار ۋە تۇل خوتۇنلارغا بەرگىن. ئۇلار دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە يەپ تويغاندىن كېيىن، ‏13 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا مۇنداق دېگىن: ‹مەن مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۆيۈمدىن ئېلىپ چىقىپ، سەن ماڭا بۇيرۇغاندەك، بۇلارنى لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىملار ۋە تۇل خوتۇنلارغا بەردىم. سېنىڭ ئەمرلىرىڭنىڭ ھېچبىرىنى بۇزمىدىم ۋە ئۇنتۇمىدىم. ‏14 ماتەم تۇتقىنىمدا بۇنىڭدىن ھېچنېمىنى يېمىدىم، ناپاك بولۇپ قالغىنىمدا بۇنىڭدىن بىر نېمىگە تەگمىدىم ۋە ھېچنېمىنى ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ بەرمىدىم. پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەر ئىشتا سەن ماڭا بۇيرۇغاندەك قىلىپ كەلدىم. ‏15 ئەمدى سەن مۇقەددەس ماكانىڭ بولغان ئاسمىنىڭدىن نەزەر سېلىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىڭ بويىچە بىزگە بەرگەن سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىنغا بەرىكەت بەرگەيسەن›.
 
خۇلاسە
‏16 بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ قانۇن ۋە ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيدۇ. پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. ‏17 سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ قانۇن، ئەمر ۋە ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىپ، ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغانلىقىڭلارنى جاكارلىدىڭلار. ‏18 پەرۋەردىگار بولسا سىلەرگە ۋەدە قىلغاندەك، بۈگۈن سىلەرنى ئۆزىگە خاس بىر خەلق قىلىپ قوبۇل قىلدى ۋە سىلەرنى ئۇنىڭ ھەممە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا بۇيرۇدى. ‏19 شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆزى ياراتقان خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، سىلەرگە نام-شۆھرەت ۋە شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلق بولىسىلەر».