بىر نەچچە بەلگىلىمىلەر
25
1 ئەگەر ئىككى كىشى تالىشىپ قېلىپ: ‹ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم قىلىنسۇن› دەپ، ھاكىمنىڭ ئالدىغا كەلسە، ئۇ ھەقدارنىڭ ھەققىنى بەرسۇن ۋە گۇناھكارغا جازا بەرسۇن. 2 ئەگەر گۇناھكار تاياققا لايىق بولسا، ھاكىم ئۇنى يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھىغا لايىق ساندا تاياق جازاسى بەرسۇن. 3 لېكىن پەقەت قىرىق تاياق ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن زىيادە ئۇرۇلمىسۇن. ئەگەر بۇنىڭدىن زىيادە تاياق ئۇرۇلسا، قېرىندىشىڭ ئالدىڭلاردا قاتتىق شەرمەندە بولىدۇ. 4 سەن خامان تېپىۋاتقان ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى باغلىمىغىن.
5 ئەگەر بىرگە ياشايدىغان قېرىنداشلاردىن بىرى پەرزەنت يۈزى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ جەمەتىدىن بولمىغان يات بىر كىشىگە تەگمىسۇن، بەلكى ئېرىنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلسۇن. 6 ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ نامى ئىسرائىلدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ئايالنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۆلگەن كىشىنىڭ ئوغلى ھېسابلانسۇن. 7 لېكىن بۇ كىشى يەڭگىسىنى ئېلىشنى خالىمىسا، يەڭگىسى دەرۋازىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹ئېرىمنىڭ قېرىندىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ نامىنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشنى خالىمايدۇ› دەپ ئېيتسۇن. 8 ئاندىن شۇ كىشى تۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا سۆزلەپ نەسىھەت قىلسۇن. ئەگەر ئۇ چىڭ تۇرۇپ: ‹مەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالمايمەن› دېسە، 9 ئۇنىڭ يەڭگىسى قوپۇپ، ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن چورۇقىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ: ‹ئۆز قېرىندىشى ئۈچۈن ئائىلە قۇرغىلى ئۇنىمىغان كىشىگە شۇنداق قىلىنىدۇ› دەپ جاكارلىسۇن. 10 بۇ كىشىنىڭ جەمەتىنىڭ نامى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە: ‹چورۇقى چىقىرىلغۇچىنىڭ جەمەتى› دەپ ئاتالسۇن.
11 ئەگەر ئىككى ئادەم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىدا، بىرىنىڭ ئايالى ئۆز ئېرىگە ياردەم بېرىپ، ئۇرغۇچىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئاجرىتىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇرغۇچىنىڭ جان يېرىنى تۇتۇۋالسا، 12 ئۇ ئايالنىڭ قولى كېسىلسۇن، ئۇنىڭغا ھېچ رەھىم قىلماڭلار.
13 سېنىڭ خالتاڭدا چوڭ-كىچىك ئىككى خىل تارازا تېشى بولمىسۇن. 14 ئۆز ئۆيۈڭدە چوڭ-كىچىك ئىككى خىل ئېفا كەمچىنىمۇ ساقلىمىغىن. ■ 15 تارازا تېشىڭ توغرا-دۇرۇس بولسۇن، كەمچەنلىرىڭمۇ توغرا-دۇرۇس بولسۇن. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. 16 چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلىپ، ناھەق ئىش قىلسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئامالەكىيلەرنى يوقىتىۋېتىش
17 مىسىردىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىڭلاردا ئامالەكىيلەرنىڭ سىلەرگە نېمە قىلغىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 18 ئۇلار يولدا سىلەرگە ئۇچراپ، سىلەر ھېرىپ ھالسىزلانغىنىڭلاردا ئارقاڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار خۇدادىن قورقمىدى. 19 شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار، سىلەرنىڭ مىراسىڭلار بولسۇن دەپ سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا سىلەرگە ئارام بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار چۆرەڭلاردىكى دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئامانلىق بەرگىنىدە، ئاسماننىڭ ئاستىدا ئىزى قالمىغۇدەك تەرىقىدە ئامالەكىيلەرنى يوقىتىۋېتىشنى ئۇنتۇماڭلار.