تالاق خېتى بېرىش توغرۇلۇق
24
1 ئەگەر بىر كىشى بىر ئايالنى خوتۇنلۇققا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئەيىب تېپىپ ئۇنى ياخشى كۆرمەي قالسا، تالاق خېتىنى يېزىپ قولىغا بېرىپ، ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە، 2 ئايال ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن، بېرىپ باشقا ئەرگە تېگىپ، 3 بۇ ئىككىنچى ئەرمۇ ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ قېلىپ، تالاق خېتىنى يېزىپ قولىغا بېرىپ، ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى ئۇنى ئالغان ئىككىنچى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، 4 ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئاۋۋالقى ئېرى، ئايال ناپاك بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىككىنچى قېتىم خوتۇنلۇققا ئالسا بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر ئىشتۇر. سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننى بۇنداق ئىشلار بىلەن بۇلغىماسلىقىڭلار كېرەك. رەھىمدىللىق ۋە ھەققانىيلىق
5 ئەگەر بىر كىشى يېقىندا خوتۇن ئالغان بولسا، جەڭگە چىقىش ياكى باشقا بىر ئىش ئۇنىڭغا بۇيرۇلمىسۇن. بەلكى ئۇ ئالغان خوتۇنىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بىر يىلغىچە ئازاد بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن.
6 ھېچكىم يارغۇنچاقنى ياكى تۈگمەننىڭ ئۈستى تېشىنى گۆرۈگە ئالمىسۇن، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى گۆرۈگە ئالغان بولىدۇ. ■
7 ئەگەر بىر كىشى بەنى ئىسرائىلدىن بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ بىرىنى بۇلىۋېلىپ، ئۇنى قۇلدەك ئىشلەتسە ياكى ئۇنى ساتسا، شۇ بۇلاڭچى ئۆلتۈرۈلسۇن. بۇ تەرىقىدە سىلەر ئاراڭلاردىن يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
8 سىلەر ماخاۋ ۋاباسى پەيدا بولغىنىدىن خەۋەر تاپساڭلار، دىققەت بىلەن لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلارنىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىنى قىلىڭلار. مەن ئۇلارغا نېمە بۇيرۇغان بولسام، بۇنىڭغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىڭلار. 9 مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يولدا مەريەمگە نېمە قىلغىنى يادىڭلاردا بولسۇن.
10 ئەگەر سەن ئۆز قوشناڭغا قەرز بەرسەڭ، گۆرۈگە ئالىدىغان نەرسىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرمىگىن، 11 بەلكى تاشقىرىدا توختاپ تۇرغىن. سەن قەرز بەرگەن كىشى ئۆزى ساڭا گۆرۈگە قويىدىغان نەرسىسىنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ بەرسۇن. 12 ئەگەر ئۇ كىشى كەمبەغەل بولسا، سەن ئۇنىڭدىن گۆرۈگە ئالغان يېپىنچىنى يېپىنىپ ئۇخلىمىغىن، 13 بەلكى كۈن پاتقاندا ئۇنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز يېپىنچىسىنى يېپىنىپ ئۇخلاپ، ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ. شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ.
14 مەيلى قېرىنداشلىرىڭدىن بىرى بولسۇن، مەيلى زېمىنىڭدا، دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە تۇرغان مۇساپىرلارنىڭ بىرى بولسۇن، بىر بىچارە كەمبەغەل مەدىكارغا ھەقسىزلىق قىلمىغىن. 15 ئۇ نامرات ۋە ئۆز ئىش ھەققىگە تەشنا بولغاچقا، ئىشلىگەن كۈنى كۈن پاتماستىن ھەققىنى ئۇنىڭغا بەرگىن. بولمىسا ئۇ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىدۇ ۋە سەن گۇناھ قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىسەن.
16 بالىلىرى ئۈچۈن ئاتىلار ئۆتۈرۈلمىسۇن، بالىلارمۇ ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىسۇن، ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن.
17 سەن مۇساپىر ياكى يېتىمنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلمىغىن. تۇل ئايالنىڭ كىيىملىرىنى گۆرۈگە ئالمىغىن. 18 سىلەر مىسىردا قۇل بولغىنىڭلارنى ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئۇ يەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىققىنىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.
19 ئەگەر سەن ئېتىزلىرىڭنىڭ ھوسۇلىنى يىغقىنىڭدا بىر باغلامنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتىپ بارمىغىن، چۈنكى ئۇ ئورۇلغان باغلام مۇساپىر، يېتىم ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قوللىرىڭنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا بەرىكەت بېرىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىلغىن.
20 زەيتۇن دەرىخىنى قاققىنىڭدىن كېيىن شاخلىرىنى يەنە ئاغدۇرمىغىن. قالغانلىرى مۇساپىر، يېتىم ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن.
21 ئۈزۈمزارلىقىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەرنى يىغمىغىن. ئەشىپ قالغانلىرى مۇساپىر، يېتىم ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. 22 ئۆزۈڭلارنىڭ مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغىنىڭلارنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. شۇڭا مەن سىلەرگە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.