پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرەلمەيدىغانلار
23
1 زەخىم يېگەنلىكى ياكى ئەرلىك ئەزاسىنىڭ كېسىلىشى تۈپەيلىدىن ئاختا قىلىنغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. 2 كىمكى ھارامدىن تۇغۇلغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن، ھەتتا ئونىنچى نەسىلگىچە مۇنداقلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن.
3 ئاممونىيلاردىن ۋە موئابىيلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن، ھەتتا ئونىنچى نەسىلگىچە ئۇلار ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. 4 سەۋەب شۇكى، سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلار يېمەكلىك ۋە سۇ ئېلىپ ئالدىڭلارغا چىقمىدى ۋە ئۇلار ئارام-ناھارايىمدىكى پېتوردا تۇرۇشلۇق بېئورنىڭ ئوغلى بىلېئامنى ئۈستۈڭلارغا لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن ياللىدى. 5 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بىلېئامنىڭ سۆزىنى تىڭشىمىدى، ئەكسىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى سۆيگەچكە، ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ لەنىتىنى بەرىكەتكە ئايلاندۇردى. 6 سىلەر ھەممە كۈنلىرىڭلاردا مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئامانلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىزدىمەڭلار.
7 لېكىن ئېدومىيلار قېرىنداشلىرىڭلار بولغاچقا، ئۇلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار. مىسىرلىقلارنىمۇ ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇردۇڭلار. 8 ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى نەسلىدە تۇغۇلغان بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ.
تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر
9 سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى جەڭگە چىقساڭلار، ھەرقانداق ناپاكلىقتىن ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار. 10 ئەگەر ئاراڭلاردا بىر كىشى كېچىدە بولغان ۋەقەدىن ناپاك بولغان بولسا، بارگاھقا كىرمەي، بارگاھنىڭ سىرتىدىكى بىر جايغا بارسۇن. 11 كۈن پاتاي دېگەن ۋاقىتتا ئۇ سۇغا چۆمۈلسۇن ۋە كۈن پاتقاندىن كېيىن بارگاھقا قايتىپ كەلسۇن.
12 بارگاھنىڭ سىرتىدا ھاجەتكە چىقىشىڭلار ئۈچۈن بىر جاي بولسۇن. 13 ئەسۋابلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىر گۈرجەك بولسۇن. مەزكۇر سىرتتىكى جايدا ئولتۇرساڭ، بۇنىڭ بىلەن بىر ئورەك كولاپ، تەرىتىڭنى كۆمۈپ يېپىۋەتكىن. 14 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، دۈشمەنلىرىڭلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بارگاھىڭلاردا يۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ بارگاھىڭلار پاك بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇ سىلەردە بىرەر پاسكىنىلىق كۆرسە، سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ كېتىدۇ.
15 ئۆز خوجايىنىدىن قېچىپ كەتكەن قۇلنى خوجايىنىغا تۇتۇپ بەرمەڭلار. 16 ئۇ ئاراڭلاردا سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، دەرۋازىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى تاللىغان يەردە، خالىغان جايدا تۇرسۇن. سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار.
17 ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى ئارىسىدا ھېچبىر بۇتخانا پاھىشىسى بولمىسۇن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچبىر بۇتقا بېغىشلانغان ئەر پاھىشە بولمىسۇن. 18 سەن بىر ۋەدىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بەيتىگە پاھىشىنىڭ پۇلى ياكى ئىتنىڭ پۇلىنى ھەرگىز ئېلىپ كەلمىگىن، چۈنكى ھەر ئىككىلىسى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر. ■
19 سەن ئۆز قېرىندىشىڭدىن، مەيلى پۇلنىڭ ئۆسۈمى، مەيلى ئاشلىقنىڭ ياكى باشقا نەرسىنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن، ھەرگىز ئۆسۈم ئالمىغىن. 20 ئەمما يات يۇرتلۇقتىن ئۆسۈم ئالساڭ بولىدۇ، لېكىن قېرىندىشىڭدىن زىنھار ئۆسۈم ئالمايسەن. بولمىسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئىگىلىۋالغىلى بارىدىغان زېمىندا قوللىرىڭنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا بەرىكەت بەرمەيدۇ.
21 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا بىر نەرسىنى ۋەدە قىلغان بولساڭ، ھايال قىلماي بۇنى ئادا قىلغىن. بولمىسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى سەندىن تەلەپ قىلغىنىدا گۇناھكار بولىسەن. 22 لېكىن سەن بىر نەرسىنى ۋەدە قىلمىساڭ، ساڭا گۇناھ بولمايدۇ. 23 سەن ئاغزىڭدىن چىققان سۆزۈڭدە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن. پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن ئاتىغىنىڭنى، يەنى ئاغزىڭنىڭ سۆزى بويىچە ۋەدە قىلغىنىڭنى ئورۇنلىشىڭ كېرەك.
24 سەن ئۆز قوشناڭنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا كىرسەڭ، خالىغىنىڭچە ئۈزۈملەردىن تويغۇچە يېسەڭ بولىدۇ، ئەمما سېۋىتىڭغا ئېلىۋالمىغىن.
25 قوشناڭنىڭ ئېتىزلىقىغا كىرسەڭ، قولۇڭ بىلەن زىرائەتنىڭ بېشىنى ئۈزۈۋالساڭ بولىدۇ، ئەمما قوشناڭنىڭ زىرائىتىگە ئورغاق سالمىغىن.