تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر
22
‏1 ئەگەر سەن قېرىندىشىڭنىڭ كالىسى ياكى قويىنىڭ ئېزىپ كەتكىنىنى كۆرسەڭ، ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ يۈرمەي، ئۇنى قېرىندىشىڭنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ بەرگىن. ‏2 ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا يېقىن يەردە ئولتۇرمىسا ياكى ئۇنى تونۇمىساڭ، بۇ ھايۋاننى ئۆز ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېلىپ، قېرىندىشىڭ ئۇنى سورىغۇچە ئۇنى ئۆزۈڭنىڭكىدە ساقلاپ، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ‏3 شۇنىڭدەك سەن مەيلى قېرىندىشىڭنىڭ ئېشىكى، مەيلى كىيىملىرى بولسۇن، ئۇنىڭ ھەرقانداق يىتكەن نەرسىسىنى تېپىۋالساڭ، شۇنداق قىلغىن. بۇ ئىشتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ بولمايدۇ. ‏4 ئەگەر قېرىندىشىڭنىڭ ئېشىكى ياكى كالىسىنىڭ يولدا يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرسەڭ، ھايۋانغا ياردەم بېرىشتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرماستىن قېرىندىشىڭغا ياردەم بېرىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇزغىن.
 
‏5 ئايال كىشى ئەر كىشى كىيىدىغان كىيىمنى كىيمىسۇن. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن. چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بولىدۇ.
‏6 ئەگەر سەن يولدا كېتىپ بېرىپ، بىر دەرەختە ياكى يەردە تۇخۇملىرىنى بېسىپ ياتقان، تۇخۇم ۋە بالىسى بار بىر قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئۇچراپ قالساڭ، سەن ھەم ئانىسىنى ھەم بالىلىرىنى ئالمىغىن، ‏7 بەلكى راھەتتە ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خالىساڭ، ئانىسىنى قويۇپ بېرىپ، بالىلىرىنىلا ئالغىن.
‏8 سەن بىر يېڭى ئۆينى سالساڭ، ئۆگزەڭگە بىر توسما تام ياسىغىن. بۇنىڭ بىلەن، بىر كىشى ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە، قان تۆكۈش گۇناھى ئائىلەڭگە ئارتىلمايدۇ.
 
‏9 ئۈزۈمزارلىقىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق تېرىمىغىن. بولمىسا سەن تېرىغان ئۇرۇقنىڭ ھوسۇلى ۋە ئۈزۈمزارلىقنىڭ مېۋىسىنىڭ ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ‏10 سەن ئۆكۈز بىلەن ئېشەكنى بىرگە قوشۇپ، يەر ھەيدىمىگىن. ‏11 ئىككى خىل يىپتىن، يەنى يۇڭ بىلەن كەندىر يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمىگىن. ‏12 سەن يېپىنغان تونۇڭنىڭ تۆت بۇرجىكىگە چۇچا قادىغىن.
 
نىكاھ توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
‏13 ئەگەر بىر ئادەم خوتۇن ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالسا، ‏14 ئۇنىڭ توغرىسىدا يامان گەپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ: ‹مەن بۇ ئايالنى ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتقىنىمدا، ئۇنىڭ پاك قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم› دېسە، ‏15 قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ پاكلىقىنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ، دەرۋازىدا ئولتۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئېلىپ كەلسۇن. ‏16 ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېسۇن: ‹مەن ئۆز قىزىمنى بۇ كىشىگە خوتۇن قىلىپ بەردىم، لېكىن ئۇ قىزىمغا ئۆچ بولۇپ قالغاچقا، ‏17 ئۇنىڭ ھەققىدە يامان گەپ قىلىپ: «قىزىڭنىڭ پاك قىز ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالدىم» دەيدۇ. ئەمما مانا، قىزىمنىڭ پاكلىقىنىڭ ئىسپاتى!› دەپ كىرلىكنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن. ‏18 ئاندىن شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ كىشىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا جازا بېرىپ، ‏19 ‹سەن ئىسرائىلدىكى بىر پاك قىز توغرىسىدا يامان گەپ چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەتنام چاپلىغىنىڭ ئۈچۈن، يۈز شېكەل كۈمۈش تۆلەپ، قىزنىڭ ئاتىسىغا بېرىسەن› دەپ بېكىتسۇن. ئەمما قىز ئۇنىڭ خوتۇنى بولسۇن ۋە ئەر بىر ئۆمۈر ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن.
‏20 لېكىن بۇ سۆز راست چىقىپ قېلىپ، قىزنىڭ پاكلىقىنىڭ ئىسپاتى تېپىلمىسا، ‏21 قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن ۋە ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە بۇزۇقچىلىق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە سەت ئىش قىلغاچقا، شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە ئاراڭلاردىن يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
‏22 ئەگەر بىر ئادەم ئېرى بار ئايال بىلەن زىنا قىلىپ، تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئادەم ۋە ئايال ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. بۇ تەرىقىدە ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
‏23 ئەگەر بىر كىشى شەھەردە باشقا بىر كىشى بىلەن ۋەدىلەشكەن بىر قىزنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ‏24 ھەر ئىككىسىنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. قىز شەھەردە تۇرۇپمۇ ۋارقىرىمىغىنى ئۈچۈن، ئەر بولسا باشقىسىنىڭ ۋەدىلەشكەن قىزىنىڭ نومۇسىغا تەگكىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن. بۇ تەرىقىدە سىلەر ئاراڭلاردىن يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
‏25 لېكىن بىر كىشى باشقىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياتسا، پەقەت قىز بىلەن بىللە ياتقان ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. ‏26 ئەمما قىزغا چېقىلماڭلار، چۈنكى قىز ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ قىلمىغان. بۇ ئىش بىر كىشىنىڭ قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش بىر ئىشتۇر. ‏27 چۈنكى ئۇ باشقىسىغا ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋالغاچقا، قىز ۋارقىرىغان بولسىمۇ، ئۇنى قۇتقۇزالايدىغان كىشى يوق ئىدى.
‏28 ئەمما ئەگەر بىر كىشى باشقا بىر كىشى بىلەن ۋەدىلەشمىگەن بىر قىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ، ئىككىسى تۇتۇلسا، ‏29 قىز بىلەن ياتقان ئادەم قىزنىڭ نومۇسىغا تەگكىنى ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتىسىغا ئەللىك شېكەل كۈمۈش بېرىپ، قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئېلىپ، بىر ئۆمۈر ئۇنى قويۇپ بەرمىسۇن.
‏30 ھېچكىم ئاتىسىنىڭ خوتۇنىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچمىسۇن.