قاتىللىق قىلغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولمىسا
21
‏1 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈكى دالادا تېپىلسا، لېكىن ئۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولمىسا، ‏2 ئاقساقاللىرىڭلار ۋە ھاكىملىرىڭلار چىقىپ، ئۆلۈك تېپىلغان يەر بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىسۇن. ‏3 ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ جايىغا ئەڭ يېقىن بولغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئىشقا سېلىنمىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان بىر ياش ئىنەكنى كەلتۈرسۇن. ‏4 بۇ ياش ئىنەكنى ئاقساقاللار سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان، قوش ھەيدىلىپ تېرىلمىغان جىلغىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ جىلغىدا ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتسۇن. ‏5 بۇ چاغدا لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى بولغان كاھىنلار ئالدىغا چىقسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى ئۆز ئالدىدا خىزمەت قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خەيرلىك دۇئا قىلسۇن دەپ تاللىغان. بارلىق ئۇرۇش-جېدەل دەۋالىرىمۇ ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن كېسىلسۇن. ‏6 ئاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ ئۆلۈكى تېپىلغان يەرنىڭ يېقىنىدىكى شەھەرلەردە تۇرغان ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى كېلىپ، جىلغىدا بوينى سۇندۇرۇلغان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىدە ئۆز قوللىرىنى يۇيۇپ، ‏7 گۇۋاھلىق بېرىپ: ‹قوللىرىمىز بۇ قاننى تۆكمىدى، كۆزلىرىمىز بۇ ئىشنى كۆرمىدى. ‏8 ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇرغان خەلقىڭ ئىسرائىلنى كەچۈرگىن. خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ ھېچبىرىنىڭ بوينىغا بىگۇناھ قان تۆكۈش گۇناھىنى ئارتمىغىن› دېسۇن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قان گۇناھى ئۇلاردىن كەچۈرۈلىدۇ. ‏9 بۇ تەرىقىدە سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ، تۆكۈلگەن بىگۇناھ قاننى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىسىلەر.
 
ئەسىرگە ئېلىنغان ئايال
‏10 ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى جەڭ قىلغىلى چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەچ، سىلەر ئۇلارنى ئەسىرگە ئالغان بولساڭلار، ‏11 ۋە سەن بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا بىر چىرايلىق ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ ئۇنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىپ ئېلىشنى خالىساڭ، ‏12 ئۇنى ئۆز ئۆيۈڭگە ئېلىپ بارغىن ۋە ئۇ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى كەستۈرۈپ، ‏13 ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ، بىر ئايغىچە ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ماتەم تۇتسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن، سەن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلساڭ، يەنى ئۇنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىپ ئالساڭ بولىدۇ. ‏14 كېيىن ئۇ ساڭا ياقماي قالسا، ئۇنىڭ خالىغان يەرگە بېرىشىغا يول قويۇشۇڭ كېرەك. ئۇنى پۇلغا ساتمىغىن، ئۇنى مەجبۇرلاپ خوتۇنلۇققا ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا دېدەككە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمىغىن.
 
تۇنجىلىق ھەققى
‏15 ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرىنى سۆيۈپ، يەنە بىرىنى ئۆچ كۆرسە، ۋە ھەر ئىككىلىسىدىن ئوغۇللىرى بولۇپ، تۇنجىسىنى ئۆچ كۆرگەن ئايالدىن تاپقان بولسا، ‏16 ئۇ كىشى ئۆز بارىنى مىراس قىلىپ بۆلۈپ بەرگىنىدە، ئۆزى ئۆچ كۆرگەن ئايالىنىڭ ئوغلى تۇنجىسى بولغاندىن كېيىن، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ئامراق ئايالىنىڭ ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىسۇن، ‏17 بەلكى ئۇ ئۆچ كۆرگەن ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجىسى دەپ ھېسابلىسۇن. ئۇ ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، تۇنجىلىققا ھەقدار بولغاچقا، ھەممە مال-مۈلكىنىڭ ئىككى ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا بەرسۇن.
 
ئىتائەتسىز ئوغۇل
‏18 ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئوغلى بەتخۇي ۋە ئىتائەتسىز بولسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماي، ئۇلار ئۇنى تەربىيە قىلسىمۇ، ئۇلارغا قۇلاق سالمىسا، ‏19 ئاتا-ئانىسى ئۇنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. ‏20 ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا: ‹بۇ ئوغلىمىز بەتخۇي ۋە ئىتائەتسىزدۇر، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرۈپ، ئىشراپخور ۋە شارابخور بولۇپ قالدى› دەپ ئەرز قىلسۇن. ‏21 شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە خەلقى بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە سىلەر ئاراڭلاردىن يامان ئىش-ھەرىكەتنى چىقىرىۋەتسەڭلار، پۈتۈن ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قورقىدىغان بولىدۇ.
 
ئۆلۈم جازاسىغا لايىق بولغان جىنايەتچىنىڭ كۆمۈلۈشى
‏22 ئەگەر بىر كىشى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق بولغۇدەك بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنى بىر ياغاچ خادىغا ئېسىپ قويساڭلار، ‏23 ئۆلۈكى كېچىچە خادىدا قالمىسۇن. بەلكى، خادىغا ئېسىلغان كىشى خۇدانىڭ لەنىتىگە قالغاچقا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى ناپاك قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆلۈكىنى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە كۆمۈۋېتىڭلار.