دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىش
20
‏1 ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بېرىپ، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۆزۈڭلاردىن سانى كۆپ بولغان بىر خەلققە ئۇچرىساڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار، چۈنكى سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ‏2 سىلەر جەڭگە كىرىش ئالدىدا كاھىن ئالدىغا ئۆتۈپ، خەلققە سۆزلەپ، ‏3 ئۇلارغا: ‹ئەي ئىسرائىل، ئاڭلاڭلار. سىلەر بۈگۈن دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييار بولدۇڭلار. قەلبىڭلار جەسۇر بولسۇن، قورقماڭلار، ئۇلاردىن ئەنسىرەپ ساراسىمىگە چۈشمەڭلار. ‏4 چۈنكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلغىلى سىلەر بىلەن بىللە بارىدۇ› دەپ ئېيتسۇن.
‏5 ئەمەلدارلارمۇ خەلققە مۇنداق دېسۇن: ‹بىر كىشى بىر يېڭى ئۆينى ياساپ، ئۇنىڭدا تېخى تۇرمىغان بولسا، ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتسۇن. بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ قالسا، باشقا كىشى كېلىپ، ئۇنىڭدا تۇرىدۇ. ‏6 ئەگەر بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىقنى بەرپا قىلىپ، تېخى ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمىگەن بولسا، قايتىپ كەتسۇن. بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ قالسا، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. ‏7 ئەگەر بىر كىشى بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئالمىغان بولسا، قايتىپ كەتسۇن. بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ قالسا، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئالىدۇ›. ‏8 ئەمەلدارلار خەلققە يەنە سۆزلەپ: ‹بىر كىشى قورقۇنچاق بولۇپ، جاسارىتىنى يوقاتقان بولسا، ئۇ قايتىپ كەتسۇن. بولمىسا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يۈرىكى ئۇنىڭ يۈرىكىدەك ئۈركەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن› دەپ ئېيتسۇن. ‏9 ئەمەلدارلار خەلققە بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا قوشۇنلارغا سەردارلار تەيىنلىسۇن.
‏10 سىلەر ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر شەھەرگە يېقىنلاشقىنىڭلاردا ئاۋۋال ئۇنىڭغا سۈلھى توغرىسىدا سۆز قىلىڭلار. ‏11 ئەگەر ئۇلار ‹سۈلھىنى خالايمىز› دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۆز دەرۋازىلىرىنى سىلەرگە ئاچسا، پۈتۈن خەلقى سىلەرگە بېقىندى بولۇپ، سىلەرگە خىزمەت قىلسۇن. ‏12 لېكىن ئۇلار سىلەر بىلەن سۈلھى تۈزگىلى ئۇنىماي، بەلكى سىلەر بىلەن جەڭ قىلىشنى خالىسا، شەھەرنى قورشىۋالغىن. ‏13 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ئۇ يەردىكى ھەممە ئەركەكلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈڭلار. ‏14 لېكىن ئاياللار بىلەن بالىلىرىنى، چارۋا ماللار ۋە شەھەردىكى ھەممە نەرسىنى ئولجا ئېلىڭلار. پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز دۈشمەنلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئېلىپ بەرگەن ئولجىدىن يەپ سۆيۈنىسىلەر. ‏15 سىلەردىن يىراق بولۇپ، بۇ خەلقلەرنىڭ بولمىغان شەھەرلەرگە شۇنداق قىلىڭلار.
 
‏16 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان بۇ خەلقلەرنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئىچىدە، جېنى بار ھېچنېمىنى تىرىك قالدۇرماڭلار، ‏17 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، ھېتىتلار، ئامورىيلار، كەنئانلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. ‏18 ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قىلغان ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى سىلەرگە ئۆگىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قارشى گۇناھ قىلىشىڭلارغا سەۋەب بولماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار.
‏19 ئەگەر بىر شەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇنى قورشاپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى دەرەخلەرنى پالتا بىلەن كېسىپ يوقاتماڭلار. ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يېسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى كەسمەڭلار. دالادىكى دەرەخلەر ئادەمگە ئوخشاش قورشاۋغا ئېلىنمايدۇغۇ! ‏20 لېكىن سىلەر مېۋىلىك دەرەخ ئەمەس دەپ بىلگەن دەرەخلەرنى كېسىپ يوقىتىپ، ئۆزۈڭلار بىلەن جەڭ قىلغان شەھەرنى مەغلۇپ قىلغۇچە ئۇنىڭغا قارشى شۇ دەرەخلەرنى پوتەي-ئىستىھكاملار ياساشقا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.