پاناھ شەھەرلەر
19
‏1 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننىڭ خەلقلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ۋەيران قىلغىنىدا ۋە سىلەر ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ۋە ئۆيلىرىدە ئولتۇراقلاشقىنىڭلاردا، ‏2 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بېرىدىغان زېمىنىڭلاردا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۈچ شەھەرنى ئايرىم قىلىپ، ‏3 ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۇ جايلارغا قاچالىسۇن دەپ، يوللارنى ئوبدان ھازىرلاڭلار ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈڭلار.
‏4 ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇ يەرگە قېچىشىنىڭ شەرتى شۇكى، ئۇ قەستسىز ۋە ئاداۋەتسىز ئۆز قوشنىسىنى ئۆلتۈرگەن.
‏5 مەسىلەن، ئۆز قوشنىسى بىلەن بىللە ئوتۇن كەسكىلى ئورمانغا كىرگەن بىر كىشى دەرەخ كېسىش ئۈچۈن پالتىنى قولىغا ئېلىپ كۆتۈرگەندە، پالتا سېپىدىن چىقىپ كېتىپ، قوشنىسىغا تېگىپ كەتسە ۋە ئۇ ئۆلسە، پالتا تۇتقان كىشى مەزكۇر شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ، ھايات قالسۇن. ‏6 بولمىسا ئۇ باشقىسىغا ئاداۋەت ساقلىمىغاچقا، ئۆلۈمگە لايىق بولمىسىمۇ، قان قىساسىنى ئالغۇچى قىساس ئوتىدا كۆيۈپ تۇرغان چاغدا، يول ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن قوغلاپ ئۇنىڭغا يېتىشىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. ‏7 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە: ‹سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۈچ شەھەرنى ئايرىڭلار› دەپ بۇيرۇدىم.
‏8 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغاندەك، ‹يۇرتۇڭلارنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىپ، سىلەرگە بېرىمەن› دەپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان پۈتۈن زېمىننى سىلەرگە بەرگەندە، ‏9 سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان بۇ ھەممە ئەمرلەرنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ھەمىشە ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭساڭلار، مەزكۇر ئۈچ شەھەرگە يەنە ئۈچ شەھەرنى قوشىسىلەر. ‏10 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا، بىگۇناھ قان تۆكۈش گۇناھى بوينۇڭلارغا ئارتىلماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار.
‏11 لېكىن بىر كىشى قوشنىسىغا ئاداۋەت ساقلاپ، ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئاندىن ئۇ شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قاچسا، ‏12 ئۇنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى ئاقساقاللار كىشى ئەۋەتىپ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن قان قىساسىنى ئالغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرسۇن. ‏13 سىلەر ئۇنىڭغا ھېچ مەرھەمەت كۆرسەتمەڭلار. راھەتتە ياشىشىڭلار ئۈچۈن تۆكۈلگەن بىگۇناھ قاننى ئىسرائىلدىن تازىلاپ چىقىرىۋېتىشىڭلار كېرەك.   
 
‏14 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا ئېرىشىدىغان مىراس يېرىڭلاردا بۇرۇنقىلار تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قوشناڭلارنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمەڭلار.
 
گۇۋاھلىق بېرىش
‏15 بىر كىشىنىڭ ھەرقانداق جىنايىتى ياكى گۇناھى توغرىسىدا گۇۋاھلىق لازىم بولغاندا، يالغۇز بىرلا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايە بولمايدۇ، بەلكى ئىش ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئىسپاتلانسۇن. ‏16 ئەگەر بىر يالغان گۇۋاھچى قوپۇپ، بىر كىشىگە قارشى يالغان گۇۋاھلىق بەرسە، ‏17 دەۋالىشىپ قالغان بۇ ئىككى كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، ئۇ ۋاقىتتىكى كاھىن ۋە ھاكىملارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولسۇن. ‏18 ھاكىملار بۇ ئىشنى دىققەت بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىنىدا بۇ گۇۋاھچى يالغان گۇۋاھچى بولۇپ، ئۆز قېرىندىشىغا قارشى يالغان گۇۋاھلىق بەرگىنى مەلۇم بولسا، ‏19 ئۇ ئۆز قېرىندىشىغا قانداق قىلىشنى قەستلىگەن بولسا، سىلەر ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بۇ تەرىقىدە سىلەر يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىسىلەر. ‏20 قالغان خەلقمۇ بۇنى ئاڭلاپ قورقۇپ، مۇنداق يامان ئىشنى ئاراڭلاردا قايتا سادىر قىلمايدۇ. ‏21 سىلەر ئۇنىڭغا ھېچ مەرھەمەت كۆرسەتمەڭلار، بەلكى جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىنسۇن.