لاۋىيلار ۋە كاھىنلارنىڭ نېسىۋىسى
18
1 لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ۋە پۈتۈن لاۋىي قەبىلىسى قالغان ئىسرائىل بىلەن نېسىۋە ياكى مىراس ئالمايدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ۋە ئۇنىڭ مىراسىدىن يەيدۇ. 2 قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ھېچ مىراسى بولمىغاچ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسى بولىدۇ. 3 كاھىنلارنىڭ كالا ۋە قوي قۇربانلىق قىلغان خەلقتىن ئالىدىغان ھەققى: قۇربانلىقنىڭ ئالدى قولى، ئىككى ئېڭىكى ۋە قېرىنى بولسۇن. 4 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارغا تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلار، يېڭى شاراب ۋە يېڭى ياغلىرىڭلارنى بېرىسىلەر، قويلىرىڭلارنىڭ تۈنجى قىرقىلغان يۇڭىنىمۇ ئۇلارغا بېرىسىلەر. 5 چۈنكى ئۇ ئۆزى ۋە ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خىزمەت قىلسۇن دەپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىن تاللىدى. 6 لېكىن پۈتۈن ئىسرائىلدىكى شەھەرلىرىڭلارنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر لاۋىي كىشى ئۇ جايدىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تاللىغان جايغا چىن كۆڭلىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەلسە، 7 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان ھەممە لاۋىي قېرىنداشلىرىدەك خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خىزمەت قىلسۇن. 8 ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنىڭ سېتىلىشىدىن كەلگەن پايدىدىن سىرت، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولسۇن. سېھىر-جادۇگەرلىك يىرگىنچلىكتۇر
9 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا، ئۇ بۇتپەرەس خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۆگەنمەڭلار. 10 ئاراڭلاردا ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزگۈچى، پالچى، رەمبال، جىنكەش، جادۇگەر، 11 ئەپسۇن ئوقۇغۇچى، جىن-ئەرۋاھلاردىن گەپ سورىغۇچى، سېھىرگەر ياكى ئۆلۈكلەردىن مەسلىھەت سورىغۇچى زىنھار تېپىلمىسۇن. 12 چۈنكى مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ خەلقلەرنى بۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرى سەۋەبىدىن ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. 13 سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا كامىل بولۇشۇڭلار كېرەك. 14 چۈنكى سىلەر قوغلاپ چىقىرىدىغان خەلقلەر پالچى ۋە رەمباللارغا قۇلاق سالىدۇ، لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ مۇنداق ئىشلارنى قىلىشىڭلارغا يول قويمىغان.
پەيغەمبەرلىك
15 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاراڭلاردىن، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىن سىلەر ئۈچۈن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تىكلەيدۇ. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار. 16 خۇددى سىلەر خورېبتە جەم بولغان كۈندە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن تىلەپ: ‹پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىمايلى، بۇ ئۇلۇغ ئوتنىمۇ يەنە كۆرمەيلى، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمىز› دېگىنىڭلارغا ئوخشاش. 17 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ‹ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزى راستتۇر. 18 مەن ئۇلار ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا سۆزلىرىمنى سالىمەن. ئۇ بولسا مەن ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ. 19 ئەگەر كىمكى ئۇنىڭ مېنىڭ نامىمدا قىلىدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىسا، مەن ئۆزۈم ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن.
20 لېكىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن ئۇنىڭغا بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى مېنىڭ نامىمدا قىلىدىغان ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلەيدىغان پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن›. 21 ئەگەر سىلەر كۆڭلۈڭلاردا: ‹بىر سۆزنىڭ پەرۋەردىگاردىن كەلمىگىنىنى قانداق پەرق ئېتەلەيمىز؟› دېسەڭلار، 22 بىلىڭلاركى، ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆزلىگەن پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنىدەك بولمىسا ياكى سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن كەلمىگەن، بەلكى پەيغەمبەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئېيتقان سۆزىدۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ھېچ قورقماڭلار.