17
‏1 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن كالا ياكى ئۇششاق چارۋا مالدىن ئەيىبى بار بىر ھايۋاننى ئېلىپ قۇربانلىق قىلماڭلار. چۈنكى بۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر.
 
‏2 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان شەھەر-يېزىلىرىڭلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئىچىدە، ئاراڭلاردىكى بىر ئەر ياكى ئايال پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھدىسىنى بۇزسا، ‏3 مېنىڭ ئەمرىمگە زىت ئىشنى قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلسا، ياكى كۈن، ئاي ۋە ياكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا سەجدە قىلسا،    ‏4 ۋە سىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ توغرىسىدا ئاڭلىغىنىڭلار ھامان بۇ ئىشنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاڭلار. مۇنداق يىرگىنچلىك ئىش ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە راستتىن قىلىنغان بولسا، ‏5 سىلەر بۇ يامان ئىشنى قىلغان ئەر ياكى ئايالنى دەرۋازىلىرىڭلارغا ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئەر ياكى ئايالنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.
‏6 ئەمما ئۇ ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۆلتۈرۈلىدىغان كىشى پەقەت بىرلا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆلتۈرۈلمىسۇن. ‏7 ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال گۇۋاھچىلار، ئاندىن ھەممە خەلق ئۇنىڭغا قولىنى كۆتۈرسۇن. بۇ تەرىقىدە سىلەر يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىسىلەر.
‏8 ئەگەر دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە قان تۆكۈش، ھەق تالىشىش، ئۇرۇش ياكى تالىشىدىغان باشقا بىر ئىشنىڭ دەۋاسى ئوتتۇرىغا چىقسا ۋە بۇ ئىشنى ھەل قىلىش سىلەرگە زىيادە تەس بولسا، سىلەر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار تاللىغان جايغا بېرىپ، ‏9 لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن سوراڭلار. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارسۇن. ‏10 سىلەر پەرۋەردىگار تاللىغان جايدا، ئۇلارنىڭ سىلەرگە بايان قىلىدىغىنى بويىچە ئىش قىلىپ، كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىڭلار. ‏11 ئۇلارنىڭ ئۆگىتىدىغان قانۇن ۋە چىقارغان ھۆكۈمى بويىچە ئىش قىلىڭلار. سىلەرگە ئېيتقان سۆزدىن، نە ئوڭغا، نە سولغا، چەتنەپ كەتمەڭلار. ‏12 لېكىن بىر كىشى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كاھىن ۋە ھاكىمغا قۇلاق سالمىسا، ئۇ كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى چىقىرىۋېتىسىلەر. ‏13 پۈتۈن خەلق بۇنى ئاڭلاپ قورقۇپ، يەنە تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ.
 
پادىشاھلىق
‏14 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقىنىڭلاردا: ‹بىز ئەتراپىمىزدىكى ھەممە خەلقلەردەك ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ تىكلەيلى› دېسەڭلار، ‏15 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار تاللىغان كىشىنى ئۆزۈڭلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى بولسۇن. قېرىندىشىڭ بولمىغان يات يۇرتلۇق كىشىنى ئۆزۈڭلەرگە پادىشاھ قىلساڭلار بولمايدۇ. ‏16 ئەمما ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاتلارنى كۆپەيتمىسۇن ۋە كۆپ ئاتلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ ئەۋەتمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە: ‹سىلەر ئەسلا ئۇ يولغا قايتمايسىلەر› دەپ ئېيتقان. ‏17 ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۆپ خوتۇن ئالمىسۇن، ئۆزىگە كۆپ ئالتۇن-كۈمۈشمۇ يىغمىسۇن. ‏18 ئۇ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغىنىدا، لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلارنىڭ قېشىدىكى قانۇن كىتابىنى ئۆزى ئۈچۈن بىر نۇسخا كۆچۈرۈۋالسۇن. ‏19 ئۇ بۇنى يېنىدا ساقلاپ، ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئوقۇپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگاردىن قورقۇشنى ئۆگىنىپ، بۇ قانۇننىڭ پۈتۈن سۆزلىرى ۋە بەلگىمىلىرىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلسۇن. ‏20 شۇنداق قىلسا، ئۇ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىدىن ئۈستۈن تۇتمايدۇ ۋە بۇ ئەمرلەردىن، نە ئوڭغا، نە سولغا، چەتنەپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغۇللىرى بىلەن ئۆز پادىشاھلىقىدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.