ھېيتلار
16
‏1 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئابىب ئېيىدا، كېچىسى سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاچقا، سىلەر ئابىب ئېيىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار.    ‏2 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن ئۇششاق چارۋا ياكى كالا پادىسىدىن ئېلىنغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلىنى، پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن تاللىغان جايدا قۇربانلىق قىلىڭلار. ‏3 ئۇنى، سىلەر بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان نان بىلەن ئەمەس، بەلكى يەتتە كۈنگىچە دەرد-ئەلەمنىڭ نېنى بولغان پېتىر نېنى بىلەن قوشۇپ يەڭلار. چۈنكى سىلەر مىسىر زېمىنىدىن ئالدىراپ تېنەپ چىقتىڭلار. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۆمرۈڭلاردىكى ھەممە كۈنلەردە مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈننى ئېسىڭلاردا تۇتىسىلەر. ‏4 يەتتە كۈنگىچە پۈتۈن زېمىنىڭلاردا ھېچ خېمىرتۇرۇچ تېپىلمىسۇن ۋە سىلەر بىرىنچى كۈننىڭ ئاخشىمىدا سويغان قۇربانلىق گۆشىدىن سەھەرگىچە ھېچ نەرسە قالدۇرۇلمىسۇن. ‏5 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدە بوغۇزلىساڭلار بولمايدۇ، ‏6 ئەمما ئۇنى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن تاللىغان جايغا ئېلىپ بېرىڭلار. ئۇ يەردە، سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقىتتا، يەنى ئاخشىمى كۈن پاتقىنىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى بوغۇزلاپ، ‏7 ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار تاللىغان جايدا يەڭلار. ئەتىسى ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار.
 
‏8 ئالتە كۈنگىچە سىلەر پېتىر نان يەڭلار، يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ھېيت يىغىلىشى بولغاچقا، ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىش قىلماڭلار.
‏9 سىلەر يەتتە ھەپتىنى سانايسىلەر. زىرائەتكە ئورغاق سالغان ۋاقىتتىن تارتىپ بۇ يەتتە ھەپتىنى ساناشنى باشلايسىلەر. ‏10 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ھەپتىلەر ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن نېمىتىگە قاراپ قولۇڭلاردىن كېلىشىچە، ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن ھەدىيە ئېلىپ كېلىڭلار. ‏11 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن تاللىغان جايدا سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار، دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار ۋە ئاراڭلاردىكى مۇساپىر، يېتىم ۋە تۇل خوتۇنلار بىلەن بىللە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار. ‏12 مىسىردا قۇل بولغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، بۇ قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار.
 
‏13 سىلەر خامىنىڭ ۋە ئۈزۈم سىققۇچۇڭنىڭ ھوسۇلىنى يىغساڭلار، يەتتە كۈنگىچە كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. ‏14 بۇ ھېيتتا ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار، دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدىكى لاۋىيلار ۋە مۇساپىر، يېتىم ۋە تۇل خوتۇنلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار. ‏15 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ تاپقان ھەممە ھوسۇلۇڭلار ۋە قوللىرىڭلارنىڭ ھەممە ئىشىغا بەرىكەت بېرىپ، كامىل خۇشاللىق ئاتا قىلغاچقا، پەرۋەردىگار تاللىغان جايدا يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار.
 
‏16 يىلدا ئۈچ قېتىم، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ھەپتىلەر ھېيتى ۋە كەپە تىكىش ھېيتىدا ھەممە ئەر كىشىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا ئۇ تاللىغان جايدا ھازىر بولسۇن. لېكىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن، ‏17 بەلكى ھەركىم پەرۋەردىگار خۇداسى ئۇنىڭغا بەرگەن نېمىتىگە قاراپ ئۆز قولىدىن كېلىشىچە بەرسۇن.
 
ھەق ھۆكۈم
‏18 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان ھەممە دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە ھەربىر قەبىلىدە ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار تاللاپ تەيىنلەڭلار. ئۇلار خەلقنىڭ ئۈستىدىن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارسۇن. ‏19 سىلەر ھەق-ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلماڭلار، كىشىگە يۈز-خاتىرە قىلماڭلار، پارىمۇ ئالماڭلار. چۈنكى پارا دانالارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ دەۋاسىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدۇ. ‏20 پەقەتلا مۇتلەق ئادالەتنى ئىزدەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ھايات قېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا ئىچىدارچىلىق قىلىسىلەر.
 
ھەرقانداق بۇتپەرەسلىكتىن يىراق تۇرۇش كېرەك
‏21 سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياسايدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا، ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنى قىلىش ئۈچۈن ئەسلا دەرەخ تىكماڭلار ‏22 ياكى بۇت تۈۋرۈكىمۇ تىكلىمەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.