15
1 ھەر يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا قەرزدىن كەچۈرۈم قىلىشنى جاكارلاڭلار. 2 بۇ قەرزدىن كەچۈرۈم قىلىشنىڭ قائىدىسى شۇنداق بولسۇنكى، ئۆز قوشنىسىغا قەرز بەرگەن ھەر كىشى قەرزدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز قوشنا ياكى قېرىندىشىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ‹قەرزدىن كەچۈرۈم قىلىش› جاكارلاندى. 3 يات يۇرتلۇق كىشىدىن قەرزنى تەلەپ قىلساڭ بولىدۇ، لېكىن قېرىندىشىڭنىڭ قولىدىن ئالىدىغىنىڭ بولسا، بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىڭ كېرەك. 4 ھالبۇكى، ئاراڭلاردا كەمبەغەللەر بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا سىلەرگە كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. 5 پەقەت سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان بۇ ھەممە ئەمرلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، شۇنداق بولىدۇ. 6 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، سىلەر ھېچكىمدىن قەرز ئالمايسىلەر، لېكىن كۆپ خەلقلەرگە قەرز بېرىسىلەر. نۇرغۇن خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر، لېكىن ئۇلار سىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ. 7 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندىكى شەھەر-يېزىلىرىڭلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئىچىدە قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەل بولسا، بۇ كەمبەغەل قېرىندىشىڭغا باغرىڭنى قاتتىق قىلىپ، قولۇڭنى يىغمىغىن، 8 بەلكى قولۇڭنى ئۇنىڭغا كەڭ ئاچقىن ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرگىن. 9 كەمبەغەل قېرىندىشىڭغا، ‹قەرزدىن كەچۈرۈم قىلىش يىلى بولغان يەتتىنچى يىل يېقىنلاشتى› دەپ كۆڭلۈڭدە يامان خىيال قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچنېمە بەرمەي، يامان كۆز بىلەن قاراشتىن ئېھتىيات قىلغىن. بولمىسا ئۇ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىدۇ ۋە سەن گۇناھ قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىسەن. 10 سەن ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن بەرگىن، ئۇنىڭغا بەرگىنىڭدە كۆڭلۈڭ ئاغرىمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بەرگەن نەرسەڭ ئۈچۈن ھەممە مېھنىتىڭگە ۋە قوللىرىڭنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت بېرىدۇ. 11 چۈنكى كەمبەغەل كىشىلەر زېمىنىڭدىن يوق بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا مەن ساڭا: ‹زېمىنىڭدىكى قېرىندىشىڭغا، كەمبەغەل-بىچارىلەرگە خۇشاللىق بىلەن ئۆز قولۇڭنى ئاچقىن› دەپ بۇيرۇيمەن.
12 ئەگەر ئۆز خەلقىڭدىن بولغان بىر ئىبرانىي ئەر ياكى ئايال ئۆز-ئۆزىنى ساڭا سېتىپ، ئالتە يىل ساڭا خىزمەت قىلغان بولسا، سەن ئۇنى يەتتىنچى يىلدا ئازاد قىلىۋەتكىن. 13 ئەمما ئۇنى خىزمىتىڭدىن ئازاد قىلغىنىڭدا ئۇنى قۇرۇق قول كەتكۈزمىگىن، 14 بەلكى پاداڭ، خامىنىڭ ۋە شاراب كۆلچىكىڭدىن ئېلىنغان ھەدىيەلەردىن ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرگەن نېمىتىگە قاراپ سېخىيلىق بىلەن بەرگىن. 15 سېنىڭ مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغىنىڭنى ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قۇتۇلدۇرغىنىنى يادىڭغا كەلتۈرۈشۈڭ ئۈچۈن بۈگۈن ساڭا بۇنى بۇيرۇيمەن.
16 ئەگەر ئۇ قۇلۇڭ سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى سۆيۈپ، سېنىڭكىدە راھەت ئىچىدە ياشاۋاتقىنى ئۈچۈن ساڭا: ‹سەندىن ئايرىلىشنى خالىمايمەن› دېسە، 17 سەن بىر بىگىزنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىنى ئىشىككە قويۇپ تەشكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېنىڭ مەڭگۈلۈك قۇلۇڭ بولۇپ قالىدۇ. دېدىكىڭگىمۇ ئوخشاش تەرىقىدە قىلغىن. 18 ئۇنى ئازاد قىلىش ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئالتە يىل ساڭا خىزمەت قىلغىنى بىلەن، ساڭا بىر مەدىكاردىن ئىككى ھەسسە چوڭراق پايدا بەردى. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ھەممە ئىشىڭدا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.
19 كالا ۋە ئۇششاق چارۋا ماللىرىڭنىڭ ھەممە ئەركەك تۇنجىلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتاپ، كالاڭنىڭ تۇنجىسىنى ئىشقا سالمىغىن ۋە قويۇڭنىڭ تۇنجىسىنى قىرقىمىغىن. 20 پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان جايدا ھەر يىلى ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن بىللە ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يەڭلار. 21 لېكىن ئۇنىڭ ئەيىبى بولۇپ ئاقساق ياكى كور بولسا، ياكى ئۇنىڭدا باشقا بىر نۇقسان بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قۇربانلىق قىلمىغىن، 22 بەلكى دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە ئۇنى يېسەڭ بولىدۇ. مەيلى پاك كىشى بولسۇن، مەيلى ناپاك كىشى بولسۇن، ھەرقايسىڭلار كېيىك ياكى بۇغا گۆشىنى يېگەندەك ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. 23 ئەمما ئۇنىڭ قېنىنى يېمىگىن، ئۇنى سۇدەك يەرگە تۆكۈۋەتكىن.