14
‏1 سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ بالىلىرىسىلەر. ئۆلۈكلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى تىلىپ زەخىملەندۈرمەڭلار ۋە چېچىڭلارنىڭ ئالدىنى چۈشۈرمەڭلار.
 
‏2 چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا مۇقەددەس بىر خەلق بولغاچقا، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەرنىڭ ئىچىدىن سىلەرنى تاللىۋالدى.
 
ھالال ۋە ھارام جانىۋارلار ۋە مال-مۈلۈك توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
‏3 يىرگىنچلىك نەرسىلەردىن ھېچ قايسىسىنى يېمەڭلار.
‏4 سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلار: كالا، قوي ۋە ئۆچكە، ‏5 بۇغا، كېيىك، كىچىك بۇغا، تاغ تېكىسى، بۆكەن، ياۋا كالا ۋە ياۋا قوچقارلاردۇر. ‏6 ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن تۇياقلىرى پۈتۈنلەي ئاچىماق بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنگەن كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن يېسەڭلار بولىدۇ.
‏7 لېكىن كۆشىگۈچى ھايۋانلار ۋە ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلار تۆگە، ياۋا توشقان ۋە تاغ توشقانلىرىدۇر، چۈنكى ئۇلار كۆشىگۈچى بولغىنى بىلەن تۇياقلىرى بولمىغاچقا، سىلەرگە ھارام بولىدۇ. ‏8 توڭگۇز بولسا تۇيىقى بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. مەزكۇر ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىگىمۇ تەگمەڭلار.
‏9 سۇدا يۈرىدىغان ھەممە جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قاناتلىق، تېرە ئورنىدا قاسىرىقى بولغان جانىۋارلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.
‏10 لېكىن قانىتى ۋە قاسىرىقى بولمىغان ھېچبىر جانىۋارنى يېمەڭلار. ئۇلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
‏11 ھەممە پاك ئۇچار قاناتلاردىن يېسەڭلار بولىدۇ.
‏12 لېكىن سىلەرگە يېيىشكە بولمايدىغان ئۇچار قاناتلار: بۈركۈت، بېلىقچىقۇش ۋە دېڭىز بۈركۈتى، ‏13 لاچىن، شۇڭقار، سار ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ‏14 قاغا-قوزغۇنلارنىڭ ھەممە تۈرلىرى، ‏15 تۆگىقۇش، كاككۇك، چايكا، قارچىغا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ‏16 مۈشۈكياپىلاق، ھۇۋقۇش ۋە ئاققۇ، ‏17 ساقىيقۇش، قۇماي ۋە قاشقالداق، ‏18 لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭلەردۇر.
‏19 بۇنىڭدىن باشقا، قانىتى بار ئۆمىلەيدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارام بولۇپ يېيىلمىسۇن.
‏20 لېكىن پاك ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەممىسىدىن يېسەڭلار بولىدۇ.
 
‏21 ئۆزىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىنى يېمەڭلار. ئۇنى دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە تۇرغان مۇساپىرغا يېيىشكە بەرسەڭلار بولىدۇ، يات يۇرتلۇققا ساتساڭلارمۇ بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقسىلەر. بىر ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرماڭلار.
 
‏22 ھەر يىلى ئېتىزلىقىڭدا ئۈنىدىغان ھەممە ئاشلىقىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىپ بەرگىن. ‏23 ئاشلىق، شاراب ۋە يېغىڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى، كالا ۋە ئۇششاق چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ تۇنجىلىرىنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭ ئۆز نامى ئۈچۈن تاللىغان جايىدا يەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەمىشە پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇشنى ئۆگىنىسىلەر. ‏24 ئەمما پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلغاندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى ئۇ يەردە تىكلەش ئۈچۈن تاللىغان جايغا بارىدىغان يول ساڭا ئۇزاق بولسا ۋە مەزكۇر نەرسىلەرنى ئۇ جايغا ئېلىپ بارالمىساڭ، ‏25 ئۇلارنى پۇلغا سېتىپ، پۇلنى قولۇڭغا ئېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللىغان جايغا ئېلىپ بارغىن. ‏26 بۇ پۇلغا مەيلى كالا ياكى ئۇششاق چارۋا مال بولسۇن، مەيلى ھاراق-شاراب بولسۇن، كۆڭلۈڭ تارتقان نەرسىنى ئالغىن. نېمىنى خالىساڭ شۇنى بۇ پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئۆز ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن شۇ يەردە يەپ-ئىچىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا شادلانغىن.
‏27 ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدىكى لاۋىيلارنىمۇ ئۇنتۇماڭ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ساڭا ئوخشاش ھەسسىسى ياكى مىراسى يوقتۇر. ‏28 ھەر ئۈچىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا سىلەر ئۇ يىل ئىچىدە چىققان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىپ، ئۇنى دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە دۆۋىلەپ قويۇڭلار. ‏29 ئاندىن كېيىن سىلەرگە ئوخشاش ھەسسىسى ۋە مىراسى بولمىغان لاۋىيلار، دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە تۇرغان مۇساپىر ۋە تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلەر كېلىپ، ئۇنىڭدىن يەپ تويسۇن. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ھەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلغان ئىشىڭلاردا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.