يالغان پەيغەمبەرلەر ۋە بۇتپەرەسلىك
13
‏1 سىلەر مەن سىلەرگە بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىڭلار. ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى قوشماڭلار، ھېچنېمىنىمۇ كېمەيتمەڭلار.
‏2 ئەگەر ئاراڭلاردا بىر پەيغەمبەر ياكى بىر چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، ساڭا بىر كارامەت ياكى مۆجىزە كۆرسىتىپ، ‏3 ئۇنىڭ بىر كارامەت ياكى مۆجىزە توغرىسىدا ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ساڭا: ‹ئەمدى كەلگىن، سەن تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بىللە ئىبادەت قىلايلى› دېسە، ‏4 سەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىن، بۇ چۈش كۆرگۈچىگە قۇلاق سالمىغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيۈپ-سۆيمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى سىنايدۇ. ‏5 سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار. ‏6 ئۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى ئۆلتۈرۈلسۇن، چۈنكى ئۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ ئۇ قۇللۇق ئۆيىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىققان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن ئازدۇرىدىغان سۆزلەر سۆزلەپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مېڭىشنى بۇيرۇغان يولدىن ئېزىقتۇرماقچى بولدى. بۇ تەرىقىدە سىلەر يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىسىلەر.
‏7 ئەگەر ئاناڭنىڭ ئوغلى بولغان ئاكاڭ ياكى ئۇكاڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، سۆيۈملۈك ئايالىڭ ياكى ساڭا ئۆز جېنىڭدەك ئامراق بولغان دوستۇڭ مەخپىي تەرىقىدە سېنى ئازدۇرۇپ: ‹كەلگىن، بىز باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلايلى› دەپ، سەن ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ تونۇمىغان ئىلاھلارغا، ‏8 يەنى سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن تارتىپ ئۇ چېتىگىچە ئولتۇرغان يېقىن ياكى يىراق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشقا چاقىرسا، ‏9 سەن ئۇنىڭغا ئۇنىمىغىن، قۇلاقمۇ سالمىغىن. سەن ئۇنى ئاياپ، ئۇنىڭغا رەھىم قىلمىغىن ۋە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپمىغىن، ‏10 بەلكى ئۇنى ئۆلتۈرگىن. ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال سېنىڭ قولۇڭ كۆتۈرۈلسۇن، ئاندىن پۈتۈن جامائەتنىڭ قولى كۆتۈرۈلسۇن. ‏11 ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگىن، چۈنكى ئۇ سېنى قۇللۇق ئۆيۈڭلار بولغان مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى تاشلاشقا ئازدۇرماقچى بولدى. ‏12 شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل بۇنى ئاڭلىغىنىدا قورقۇپ، ئاراڭلاردا ھېچكىم يەنە مۇنداق يامانلىق قىلمايدۇ.
 
‏13 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئولتۇراقلىشىشقا سىلەرگە بېرىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدە، ‏14 سىلەر ئاراڭلاردىكى يارىماس ئادەملەرنىڭ: ‹كېلىڭلار، بىز بېرىپ، باشقا، يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلايلى› دەپ، ئۆز شەھىرىنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساڭلار، ‏15 سىلەر بۇ توغرىسىدا سوراپ، ئۇنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دىققەت بىلەن تەھقىقلاڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا مۇنداق يىرگىنچلىك ئىشنىڭ يۈز بەرگىنى راست چىقىپ، ئىسپاتلانغان بولسا، ‏16 سىلەر بۇ شەھەر ئاھالىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بار ھەممىنى، جۈملىدىن ئۇ يەردىكى چارۋا ماللىرىنىمۇ قىلىچ بىسى بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. ‏17 ئۇ يەردىكى ھەممە مال-مۈلۈكلەرنى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەيدانغا يىغىپ، شەھەرنى ئۇ يەردىكى ھەممە مال-مۈلۈكلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. ئۇ ئەبەدكىچە بىر خارابە بولۇپ، ھەرگىز قايتا قۇرۇلمىسۇن. ‏18 ھارام دەپ يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ھېچنېمە سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چاپلاشمىسۇن. بۇنىڭغا دىققەت قىلساڭلار، پەرۋەردىگار قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، سىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ ۋە قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەرنى ئاۋۇتىدۇ. ‏19 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان ھەممە ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدىكى توغرا ئىشلارنى قىلىڭلار.