ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغان مۇقەددەس جاي
12
1 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئىگىلىسۇن دەپ سىلەرگە بەرگەن زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە كۈنلىرىڭلاردا بۇ قانۇن ۋە ئەھكاملارغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىڭلار. 2 سىلەر قوغلىۋېتىدىغان خەلقلەر ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلغان جايلارنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئېگىز تاغلار ۋە تۆپىلىكلەر ئۈستىدىكى ۋە ھەر يېشىل دەرەخ تۈۋىدىكى ئىبادەتگاھلىرىنى بۇزۇپ ۋەيران قىلىڭلار. 3 ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىپ، ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ئويما بۇت ھەيكەللىرىنى چېقىپ، ناملىرىنى ئۇ جايدىن يوقىتىڭلار. 4 سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغىنىڭلاردا ئۇلار قىلغاندەك قىلماڭلار، 5 بەلكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇ يەردە تىكلەش ئۈچۈن ھەممە قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن تاللىغان، ئۆز بەيتى بولغان جاينى ئىزدەپ، ئۇ يەرگە بېرىڭلار، 6 كۆيدۈرمە ۋە سويۇم قۇربانلىقلىرىڭلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈشلەرنى، كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭلار، ۋەدە بويىچە ئاتىغان نەرسىلەر، ئىختىيارىي ھەدىيەلىرىڭلارن ۋە كالا ۋە قويلىرىڭلارنىڭ تۇنجىلىرىنى ئۇ يەرگە كەلتۈرۈپ سۇنۇڭلار ■ 7 ۋە خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن بىللە غىزالىنىپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار بەرىكەتلىگەن قوللىرىڭلارنىڭ تاپقان نېمىتىدىن شادلىنىڭلار. 8 بىز بۈگۈن بۇ يەردە تۇرۇپ، ھەر كىشى ئۆز نەزىرىدە ياخشى بولغاننى قىلغاندەك، سىلەر ئۇ يەردە ئۇنداق قىلماڭلار. 9 چۈنكى سىلەر تېخى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بېرىدىغان مىراس جاي ۋە ئارامگاھقا يېتىپ كەلمىدىڭلار. 10 بىراق سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، ئۇ چۆرەڭلاردىكى دۈشمەنلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئارام بەرسە ۋە سىلەر تىنچ-ئامان تۇرساڭلار، 11 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن تاللىغان جايغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە سويۇم قۇربانلىقلىرىڭلار، ئوندىن بىر ئۈلۈشلەر، كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭلار ۋە پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ۋەدە بىلەن ئاتىغان ياخشى نەرسىلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىڭلار. 12 ئۆزۈڭلار ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار ۋە ئاراڭلاردا ھېچ ھەسسىسى ۋە مىراسى بولمىغان، دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار بىلەن بىللە ئۆز خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار. 13 سىلەرگە خۇش كۆرۈنگەن باشقا بىر جايدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار. 14 پەقەتلا پەرۋەردىگار قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن تاللىغان جايدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇپ، مەن سىلەرگە بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىڭلار.
قان يېمەسلىك كېرەك
15 ھالبۇكى، سىلەر خالىغىنىڭلارچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن بەرىكەت بويىچە دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە ھايۋانلارنى سويۇپ، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلار بولىدۇ. مەيلى پاك، مەيلى ناپاك كىشى بولسۇن، كېيىك ياكى بۇغا گۆشىنى يېگەندەك، ئۇنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. 16 لېكىن قاننى يېمەڭلار، ئۇنى سۇدەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار. 17 ئەمما سىلەر، مەيلى ئاشلىقىڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ياكى شاراب ۋە يېغىڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى بولسۇن، مەيلى كالا ۋە قويلىرىڭلارنىڭ تۇنجىلىرى ياكى پەرۋەردىگارغا بىر ۋەدە بىلەن ئاتىغان نەرسىلىرىڭلار بولسۇن، مەيلى ئىختىيارىي ھەدىيەلىرىڭلار ياكى قولۇڭلار كەلتۈرگەن كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭلار بولسۇن، بۇلاردىن ئۆز دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە يېسەڭلار بولمايدۇ، 18 بەلكى بۇلارغا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بېكىتكەن جايدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا سىلەر ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار ۋە دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق لاۋىيلار بىلەن بىرگە ئېغىز تېگىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا قوللىرىڭلارنىڭ تاپقان ھەممە نەرسىلىرىدىن شادلىنىڭلار. 19 زېمىنىڭدا ياشايدىغان ھەممە كۈنلىرىڭلاردا لاۋىيلارنى ئۇنتۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.
20 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز ۋەدىسى بويىچە زېمىنىڭلارنى كېڭەيتكىنىدە، گۆش يېگۈڭلار كېلىپ، گۆش يېمەكچى بولساڭلار، خالىغىنىڭلارچە گۆش يېسەڭلار بولىدۇ. 21 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى ئۇ يەردە تىكلەش ئۈچۈن تاللىغان جاي سىلەردىن بەك يىراق بولسا، سىلەر مەن سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن كالا ۋە قويلاردىن خالىغىنىڭلارچە بوغۇزلاپ، ئۆز دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە يېسەڭلار بولىدۇ. 22 سىلەر بۇنى كېيىك ۋە بۇغىنىڭ گۆشىنى يېگەندەك يەڭلار. مەيلى پاك كىشى بولسۇن، مەيلى ناپاك كىشى بولسۇن، ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ.
23 پەقەت قاننى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى قان جان بولغاچقا، جاننى گۆش بىلەن بىللە يېسەڭلار بولمايدۇ. 24 سىلەر قاننى ھەرگىز يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى سۇدەك يەرگە تۆكۈڭلار. 25 ئۆزۈڭلار ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان بالىلىرىڭلارنىڭ راھەتتە ياشىشىنى خالىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ، زىنھار ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. 26 لېكىن سىلەر كەلتۈرىدىغان مۇقەددەس ھەدىيە ۋە بىر ۋەدە بويىچە ئاتىغان نەرسىلىرىڭلارنى پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا كەلتۈرۈڭلار. 27 كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى، يەنى گۆشى ۋە قېنىنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا سۇنۇڭلار. سويۇم قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ قېنىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىگە تۆكۈڭلار، لېكىن گۆشىنى يېسەڭلار بولىدۇ. 28 ئۆزۈڭلار ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان بالىلىرىڭلارنىڭ ھەمىشە راھەتتە ياشىشىنى خالىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە توغرا بولغاننى قىلىپ، مەن ساڭا تاپىلىغان بۇ بارلىق سۆزلىرىمگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىڭلار.
29 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر بېرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندىكى خەلقلەرنى ئالدىڭلاردىن يوق قىلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرغىنىڭلاردا، 30 ئۇلار ئالدىڭلاردىن ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، تۇزاققا چۈشۈپ ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ‹بۇ خەلقلەر ئىلاھلىرىغا قانداق ئىبادەت قىلغاندۇ؟ مەنمۇ شۇنداق قىلاي› دەپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىزدىمەڭلار. 31 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبىدا ئىبادەت قىلماڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ھەر خىل يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، ھاتتا ئىلاھلىرى ئۈچۈن ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.