مۇسانىڭ خۇدانىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتۇشنى جېكىلىشى
4
‏1 ئەمدى، ئەي ئىسرائىل، مەن سىلەرگە بىلدۈرىدىغان قانۇن ۋە ئەھكاملارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلساڭلار، ھاياتلىق تېپىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنى ئىگىلىۋالىسىلەر. ‏2 سىلەر مەن سىلەرگە بۇيرۇغانغا ھېچنېمىنى قوشماي، ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ھەم كېمەيتمەي، مەن سىلەرگە بۇيرۇغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار. ‏3 پەرۋەردىگارنىڭ بائال-پېئورنىڭ سەۋەبىدىن نېمە قىلغىنىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار بائال-پېئورغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاراڭلاردىن يوقىتىۋەتتى. ‏4 لېكىن سىلەر، يەنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا باغلانغانلار، بۈگۈنكى كۈنگىچە ھايات قالدىڭلار. ‏5 مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ماڭا بۇيرۇغىنىدەك، سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە قانۇن ۋە ئەھكاملارنى ئۆگەتتىم. ‏6 ئەمدى سىلەر ئۇلارغا رىئايە قىلىپ ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭلار ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلار پۈتۈن بۇ قانۇنلارنى ئاڭلىغىنىدا: ‹مانا بۇ ئۇلۇغ خەلق ھەقىقەتەن دانا ۋە ئەقىلدار بىر خەلق ئىكەن› دەيدۇ. ‏7 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ھەر قېتىم دۇئا قىلغىنىمىزدا بىزگە يېقىن بولغاندەك، تەڭرىسى ئۆزىگە شۇنچە يېقىن بولغان باشقا بىر ئۇلۇغ خەلق بارمۇ؟ ‏8 مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا قويغان بۇ قانۇنغا ئوخشاش ئادىل بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەھكاملىرى بار ئۇلۇغ بىر خەلق تېپىلامدۇ؟
‏9 لېكىن سىلەر ئېھتىيات قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى چىڭ ساقلاڭلار. ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمرۈڭلاردىكى بارلىق كۈنلەردە يادىڭلاردىن چىقارماڭلار، ئۇنى بالىلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلارغا بىلدۈرۈڭلار.
‏10 سىلەر خورېب تېغىنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا: ‹سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىشىم ئۈچۈن خەلقنى ئالدىمدا يىغقىن. ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، يەر يۈزىدە ياشايدىغان بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن قورقۇپ تۇرۇشنى ئۆگەنسۇن شۇنداقلا بالىلىرىغىمۇ ئۆگەتسۇن› دېدى. ‏11 سىلەر يېقىنلىشىپ تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردۇڭلار. تاغدا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، ئۇنىڭ يالقۇنى ئاسمانغا تاقاشقانىدى ۋە قاراڭغۇلۇق، بۇلۇت ۋە زۇلمەت تاغنى قاپلىغانىدى.
‏12 پەرۋەردىگار سىلەرگە ئوت ئىچىدىن سۆز قىلدى. سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، ئەمما شەكىل كۆرمىدىڭلار، پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار. ‏13 ئۇ سىلەرگە ئەمەل قىلىشنى بۇيرۇغان ئەھدىسىنى، يەنى ئون ئەمرنى، بايان قىلىپ، بۇلارنى ئىككى تاش تاختىغا ئويۇپ يازدى. ‏14 ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا، سىلەر بېرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا ئەمەل قىلىدىغان قانۇن ۋە ئەھكاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشنى بۇيرۇدى.
 
‏15 پەرۋەردىگار خورېبتا ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆز قىلغان كۈندە سىلەر ھېچقانداق شەكىل كۆرمىدىڭلار، شۇڭا ئاگاھ بولۇپ، ‏16 ئۆزۈڭلارنى بۇلغاشتىن ساقلاڭلار. مەيلى ئەر كىشىنىڭ سۈرىتىدە، مەيلى ئايال كىشىنىڭ سۈرىتىدە بولسۇن، ھېچقانداق بۇت ھەيكىلىنى ياسىماڭلار. ‏17 مەيلى يەر يۈزىدىكى چارۋىنىڭ سۈرىتىدە، مەيلى ھاۋادا ئۇچىدىغان قاناتلىق قۇشنىڭ سۈرىتىدە، ‏18 مەيلى يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارنىڭ سۈرىتىدە، مەيلى يەر ئاستىدىكى سۇلارنىڭ بېلىقىنىڭ سۈرىتىدە بولسۇن، ھېچقانداق بۇت-ھەيكەل ياسىماڭلار. ‏19 سىلەر بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى، يەنى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەڭلار، ئالدىنىپ ئۇلارغا سەجدە قىلىپ ئىبادەت قىلىشنى باشلىماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇلارنى ئاسماننىڭ تېگىدىكى بارلىق خەلقلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. ‏20 ئەمما پەرۋەردىگار خۇددى بۈگۈنگە ئوخشاش سىلەرنى: ‹ئۇلار مېنىڭ مىراس خەلقىم بولسۇن› دەپ تۆمۈر خۇمدانلىرىدىن، مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.
‏21 ئەمما پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ماڭا ئاچچىقلىنىپ: ‹سەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان ياخشى زېمىنغا كىرمەيسەن› دەپ قەسەم قىلدى. ‏22 شۇڭا مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەي، بۇ يەردا ئۆلىمەن. ئەمما سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇ ياخشى زېمىننى ئىگىلەيسىلەر. ‏23 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىنىڭ سۈرىتىدە بىر بۇت ياساپ، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ مەنئى قىلغىنىنى قىلماڭلار. ‏24 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قىزغىنىدىغان خۇدا بولۇپ، يالماپ كېتىدىغان بىر ئوتتەكتۇر.
 
‏25 ئەگەر سىلەر ئۇ زېمىندا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ، پەرزەنتلەر ۋە نەۋرىلەر كۆرگەندىن كېيىن بۇزۇلۇپ، ھەرقانداق نەرسىنىڭ سۈرىتىدە بىر بۇت ھەيكىلىنى ياساپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرسەڭلار، ‏26 مەن بۈگۈن سىلەرگە قارشى ئاسمان ۋە يەرنى گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرۈپ، ئېيتىمەنكى: سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بېرىپ ئىگىلىۋالىدىغان زېمىندا تېزلا ھالاك بولىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزۇن ياشىماي، يوقىلىپ كېتىسىلەر. ‏27 پەرۋەردىگار سىلەرنى يات ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگار سىلەرنى ئارىسىغا ھەيدىۋەتكەن ئەللەر ئىچىدە ئاز سانلىق خەلق بولۇپ قالىسىلەر. ‏28 سىلەر ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدىغان بولىسىلەر. ئۇلار يا ئاڭلىمايدۇ، يا كۆرمەيدۇ، يا يېمەيدۇ، يا پۇرىمايدۇ.
‏29 ئاندىن سىلەر ئۇ يەردە خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنى ئىزدەيسىلەر. ئەگەر پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، ئۇنى تاپىسىلەر. ‏30 سىلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئازاب-ئوقۇبەتكە ئۇچراپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا كەلگىنىدە ئۆز پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قايتىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىسىلەر. ‏31 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ رەھىمدىل خۇدا بولغاچ، ئۇ سىلەرنى تاشلاپ ھالاك قىلمايدۇ، قەسەم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇمايدۇ.
 
‏32 خۇدا يەر يۈزىدە ئىنساننى ياراتقاندىن تارتىپ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن زامانلار توغرىسىدا سوراپ بېقىڭلار. ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە مۇنداق بىر چوڭ ۋەقە بولغانمۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش ئاڭلانغانمۇ؟ ‏33 سىلەرگە ئوخشاش ئوتنىڭ ئىچىدىن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھايات قالغان بىر خەلق بارمۇ؟ ‏34 ياكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن مىسىردا كۆز ئالدىڭلاردا قىلغان بارلىق ئىشلىرىدەك، بىرەر تەڭرى ئۆز خەلقىنى يەنە بىر خەلقنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىش ئۈچۈن بالايىئاپەت ئەۋەتىپ، كارامەت ۋە مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، جەڭ چىقىرىپ، كۈچلۈك قولى ۋە قۇدرەتلىك بىلىكىنى ئۇزىتىپ، بۇنداق چوڭ ۋەھىمىلىك ئىشلارنى ياراتقان؟ ‏35 بۇلار، پەقەتلا پەرۋەردىگار خۇدادۇر ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر دەپ بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كۆرسىتىلدى. ‏36 سىلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاسماندىن سىلەرگە ئاۋازىنى ئاڭلاتتى ۋە يەردە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئوتىنى سىلەرگە كۆرسەتتى. سىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى ئوتنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىدىڭلار. ‏37 ئۇ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى تاللاپ، سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ‏38 ئۇ سىلەردىن چوڭ ۋە قۇدرەتلىكرەك خەلقلەرنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا كىرگۈزۈپ، خۇددى بۈگۈنكىدەك زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەردى. ‏39 شۇڭا، بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرىدىكى ئاسماندا ۋە تۆۋەندىكى يەر يۈزىدە خۇدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقلۇقىنى بىلىپ، بۇنى كۆڭلۈڭلاردا ساقلاڭلار. ‏40 سىلەر ۋە سىلەردىن كېيىنكى بالىلىرىڭلارنىڭ راھەت ياشىشى ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئەبەدكىچە سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن، مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە بېرىدىغان قانۇن ۋە بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلىڭلار».
 
ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پاناھ شەھەرلەر
‏41 ئاندىن مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئۈچ شەھەرنى ئاجراتتى. ‏42 ئاداۋەتسىز، قەستسىز بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى بۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بارسا، ھايات قالىدۇ. بۇ شەھەرلەر: ‏43 رۇبەن قەبىلىسى ئۈچۈن چۆلنىڭ تۈزلەڭلىكىدىكى بېزەر، گاد قەبىلىسى ئۈچۈن گىلېئادتىكى راموت ۋە ماناسسە قەبىلىسى ئۈچۈن باشاندىكى گولاندۇر.
 
‹ئون ئەمر›نى قايتا جاكارلىنىشى
‏44 مانا بۇ مۇسا بەنى ئىسرائىل ئالدىغا قويغان قانۇندۇر، ‏45 بۇلار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن مۇسا بەنى ئىسرائىلغا جاكارلىغان يوليورۇق، قانۇن ۋە ئەھكاملاردۇر. ‏46 مۇسا بۇنى بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ۋادىدا، يەنى بەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندىن كېيىن مەغلۇپ قىلغان، خەشبون شەھىرىدە تۇرغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ زېمىنىدا جاكارلىغانىدى. ‏47 ئۇلار مەزكۇر پادىشاھنىڭ زېمىنى ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ بۇ ئىككى پادىشاھىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالغانىدى. ‏48 بۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ سىيئون تېغى، يەنى خەرمونغىچە سوزۇلاتتى، ‏49 شۇنداقلا پىسگا تاغلىقىنىڭ باغرىغا جايلاشقان ئارابا دېڭىزىغىچە سوزۇلۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ ياقىسىدا بولغان شەرق تەرىپىدىكى تۈزلەڭلىك ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.