5
1 مۇسا ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى جەم قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئەي ئىسرائىل، مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇيدىغان قانۇن ۋە ئەھكاملارنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. 2 پەرۋەردىگار خۇدايىمىز خورېبتا بىز بىلەن بىر ئەھدە تۈزدى. 3 بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزمىدى، بەلكى بىز بىلەن، تېخى ھايات بولۇپ، بۈگۈن بۇ يەردە تۇرغانلار بىلەن تۈزدى. 4 پەرۋەردىگار تاغدا ئوت ئىچىدىن يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ سىلەرگە سۆز قىلدى. 5 سىلەر ئوتتىن قورقۇپ تاغقا چىقمىغاچقا، مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تۇردۇم. ئۇ مۇنداق دېدى: 6 ‹مەن سىلەرنى مىسىردىن، قۇللۇق ماكانىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن. 7 مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن. 8 ئۆزۈڭ ئۈچۈن، مەيلى يۇقىرىدا ئاسماندىكى نەرسىلەردىن بولسۇن، مەيلى تۆۋەندە يەردىكى ياكى يەر ئاستىدا سۇلاردىكى نەرسىلەردىن بولسۇن، ھېچبىرىنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىمىغىن. 9 ئۇلارغا سەجدە قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىغىن. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مېنى يامان كۆرگەنلەرنىڭ بالىلىرىغا، ھەتتا ئۈچىنچى-تۆتىنچى نەسلىگىچە، ئاتا-بوۋىلىرى قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى كەلتۈرىمەن. 10 لېكىن مېنى سۆيىدىغان ۋە مېنىڭ ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىدىغانلارغا نەچچە مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن.
11 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى بىھۇدە ئىشلەتمىگىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى بىھۇدە ئىشلەتكۈچىنى جازاسىز قويمايدۇ.
12 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىدەك شابات كۈنىگە رىئايە قىلغىن، ئۇنى مۇقەددەس دەپ بىلگىن. 13 ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭنى قىلغىن. 14 لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ شابات كۈنى بولغاچقا، ئۇ كۈندە، مەيلى سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ ياكى قۇل-دېدىكلىرىڭ بولسۇن، مەيلى كالىلىرىڭ، ئېشەكلىرىڭ ياكى باشقا چارۋا ماللىرىڭ ۋە ياكى دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. شۇنداق قىلساڭ، قۇل ۋە دېدەكلىرىڭمۇ ساڭا ئوخشاش ئارام ئالالايدۇ. 15 ئۆزۈڭنىڭ مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغىنىڭنى ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزىتىلغان بىلىكى بىلەن سېنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىققىنىنى يادىڭدا ساقلىغىن. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا شابات كۈنىگە رىئايە قىلىشنى بۇيرۇدى.
16 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىدەك ئاتاڭ ۋە ئاناڭغا ھۆرمەت قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، راھەتتە ياشايسەن.
17 قاتىللىق قىلمىغىن.
18 زىنا قىلمىغىن.
19 ئوغرىلىق قىلمىغىن.
20 قوشناڭنىڭ ئۈستىدىن يالغان گۇۋاھلىق بەرمىگىن. 21 قوشناڭنىڭ ئايالىنى تاما قىلمىغىن، قوشناڭنىڭ ئۆيى، ئېتىزى، قۇلى، دېدىكى، كالىسى، ئېشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھېچقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالمىغىن›.
22 پەرۋەردىگار بۇ سۆزلەرنى تاغدا ئوت، بۇلۇت ۋە قويۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن پۈتۈن جامائىتىڭلارغا سۆزلىدى، باشقا قوشۇمچە قوشمىدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئىككى دانە تاش تاختىغا ئويۇپ يېزىپ، ماڭا بەردى. 23 سىلەر قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدىن ئاۋازنى ئاڭلاپ، تاغدا ئوت كۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا ھەممە قەبىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللىرى ئالدىمغا كېلىپ: 24 ‹مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى بىزگە كۆرسىتىپ، ئاۋازىنى ئوتنىڭ ئىچىدىن ئاڭلاتتى. بىز خۇدا ئۆزى ئىنسانغا سۆز قىلىپ، ئۇنى تىرىك قالدۇرغىنىنى بۈگۈن كۆردۇق. 25 نېمە ئۈچۈن بىز ھازىر ئۆلۈشىمىز كېرەك؟ بۇ چوڭ ئوت بىزنى يەپ كېتىدۇ. ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ سۆزىنى يەنە ئاڭلىساق، ئۆلۈپ كېتىمىز. 26 بارلىق تىرىك جانلار ئىچىدە بىزگە ئوخشاش، ئوتنىڭ ئىچىدىن ھايات خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تىرىك قالغان كىم بار؟ ■ 27 ئەمدى سەن يېقىن كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ھەممە ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ساڭا ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى بىزگە يەتكۈزسەڭ، بىز ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمىز› دېدىڭلار.
28 سىلەر ماڭا گەپ قىلىۋاتقىنىڭلاردا، قىلغان سۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، ماڭا مۇنداق دېدى: ‹مەن بۇ خەلقنىڭ ساڭا ئېيتقان سۆزىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار ئوبدان گەپ قىلدى. 29 كاشكى ئۇلاردا مەندىن قورقۇپ، ھەمىشە مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغان بىر كۆڭۈل بولسا ئىدى، ئۇلار ۋە ئەۋلادلىرى ئەبەدكىچە راھەتتە ياشايتتى. 30 ئەمدى سەن بېرىپ ئۇلارغا: «ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار» دېگىن. 31 لېكىن سەن ئۆزۈڭ بۇ يەردە مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىن. مەن ساڭا سۆز قىلىپ، سەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان بارلىق ئەمر، قانۇن ۋە ئەھكاملارنى ئېيتىپ بېرىمەن. ئۇلار مەن ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بېرىدىغان زېمىندا تۇرغىنىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلسۇن›. 32 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئەمدى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، نە ئوڭغا، نە سولغا بۇرۇلماي، 33 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان يولدا ھەمىشە ماڭساڭلار، ھاياتلىق تېپىپ، راھەتتە ياشاپ، سىلەر ئىگىلىۋالىدىغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.