6
1 مانا بۇلار سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا ئەمەل قىلسۇن دەپ، مېنىڭ سىلەرگە ئۆگىتىشىم ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ئەمر، قانۇن ۋە ئەھكاملاردۇر. 2 سىلەر ئۆزۈڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلار ئۆمرۈڭلاردىكى ھەممە كۈنلەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭ مەن سىلەرگە بۇيرۇپ تاپىلىغان ھەممە قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەمرلىرىگە رىئايە قىلساڭلار، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. 3 ئەمدى، ئەي ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلساڭلار، راھەتتە ياشاپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقاندەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئىنتايىن ئاۋۇپ روناق تاپىسىلەر. 4 ئەي ئىسرائىل، ئاڭلاڭلار: پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىردۇر. 5 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن، پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن سۆيۈڭلار.
6 مەن بۈگۈن سىلەرگە بېرىدىغان بۇيرۇقلىرىمنى كۆڭلۈڭلاردا ساقلاپ، 7 ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغىمۇ ئۆگەتكىن. سىلەر ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرساڭلار، يولدا ماڭساڭلار، ياتساڭلار، قوپساڭلار، ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرىسىدا سۆزلەپ تۇرۇڭلار. 8 ئۇلارنى قولۇڭلارغا بىر ئەسلەتمىدەك باغلاپ، پېشانەڭلارغا بىر بەلگىدەك تاقاڭلار. 9 ئۇلارنى ئۆيۈڭلاردىكى ئىشىكلەرنىڭ كېشىكىگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا پۈتۈپ يېزىپ قويۇڭلار.
10 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبقا سىلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ۋە سىلەر قۇرمىغان ياخشى شەھەرلەرگە سىلەرنى كىرگۈزۈپ، 11 سىلەر تولدۇرمىغان ھەر خىل ياخشى نېمەت بىلەن تولغان ئۆيلەر ۋە سىلەر كولىمىغان، ئىلگىرى كولانغان قۇدۇق ۋە سىلەر ياسىمىغان ئۈزۈم ۋە زەيتۇن باغلىرىنى سىلەرگە بەرگىنىدە، ئۇنىڭدىن يەپ تويىسىلەر. 12 شۇڭا ئاگاھ بولۇپ، قۇللۇق ئۆيى بولغان مىسىر زېمىنىدىن سىلەرنى ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇماڭلار،
13 بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىڭلار. 14 سىلەر باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشمەڭلار، چۆرەڭلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرمەڭلار. 15 چۈنكى ئاراڭلاردىكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قىزغىنىدىغان خۇدا بولغاچقا، ئېھتىيات قىلىش لازىمدۇر. پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقىتىۋەتمىسۇن.
16 سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنى ماسسادا سىنىغىنىڭلاردەك، يەنە سىنىماڭلار، 17 خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن يوليورۇقلىرىنى ۋە قانۇنلىرىنى چىڭ تۇتۇڭلار. 18 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا ۋە ياخشى بولغاننى قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر راھەتتە ياشاپ، پەرۋەردىگار قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشنى 19 ۋە پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئالدىڭلاردىن ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى خالىساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار.
20 كەلگۈسىدە ئوغلۇڭ سەندىن: ‹پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ سىلەرگە بەرگەن يوليورۇق، قانۇن ۋە ئەھكاملىرىنىڭ مەنىسى نېمىدۇر؟› دەپ سورىسا، 21 سەن ئوغلۇڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگىن: ‹بىز مىسىردا فىرئەۋننىڭ قۇللىرى ئىدۇق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزنى كۈچلۈك قولى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 22 پەرۋەردىگار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا مىسىردا فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيۋەتلىك ھەم دەھشەتلىك كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى. 23 ئۇ بىزنى ئۆزى قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ۋەدە قىلغان زېمىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ۋە ئۇنى بىزگە بېرىش ئۈچۈن، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 24 پەرۋەردىگار بىزگە بۇ ھەممە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى بۇيرۇدى. شۇنداق قىلساق بىز خۇددى بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلىنىپ، داۋاملىق ياخشىلىق كۆرىمىز. 25 ئەگەر بىز ئۇ بىزگە بۇيرۇغاندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ ھەممە ئەمرلەرگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلساق، بۇ بىزنىڭ ھەققانىيلىقىمىز بولىدۇ›.